قاتناش ساقچىسى تۆت يولنىڭ دوقمۇشىدا بىر قىزچاق ﻫەيدىگەن ماشىنىنى توسىۋاپتۇ.ساقچى قىزچاققا چاس بېرىپ ئۇنىڭدىن پىراۋىسىنى چىقىرىشنى ئېيتىپتۇ:
_نېمە ئۈچۈن ؟ _ قىزچاق ﻫەيرانلىق بىلەن سوراپتۇ.
_قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدىڭىز.
_كىم شۇنداق دەيدۇ؟
_ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ، دەرﻫال پىراۋىڭىزنى چىقىرىڭ.
_سىز مېنى پىراۋىسى يوقمىكىن دەپ قالدىڭىزمۇ ؟
_ياق ئۇنداق ئەمەس.
_ئەمما مەن پىراۋامنى ناتونۇش كىشىگە قانداقمۇ بېرەلەيمەن؟
_مەن دېگەن قاتناش ساقچىسى ،بۇ مېنىڭ ﻫوقۇقۇم.
_سىزنىڭ قاتناش ساقچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى مەن قانداق بىلەي؟
_فورمامنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟
_فورما نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيتى ؟ فورمىنىڭ ساختىلىرى كۆپقۇ؟ مېنىڭ بىر دوستۇم 10يىل بۇرۇن بىر ﻫەربى بىلەن تونۇشۇپتىكەن.
_ماڭا ﻫېكايە سۆزلىمەي پىراۋىڭىزنى چىقىرىڭ.
_بۇ ﻫېكايە ئەمەس راست بولغان ۋەقە .مەن پەقەت فورمىنىڭمۇ ساختا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى.
_بوپتۇ ،ئۇنداقتا خىزمەت كىنىشكەمنى كۆرۈپ بېقىڭ .
_ كۆرسەممۇ كۆرەي،سىزنىڭ ئىسمىڭىز لى ۋېيجىن (李维金) كەندە.
_ لى ۋېڭچۈەن 李维全_نېمە چۈەن خېتى جىندەك يېزىلىپ قاپتۇ.لى ۋېيجىنمۇ دەپ تۇرايلى ،سۈرىتىڭىز ئۆزىڭىزگە ئوخشىمايدىكەنغۇ ؟
_شۇنداقمۇ ؟شەپكە كەيمىگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك .ئەسكەرتىپ قوياي مېنىڭ ئىسمىم لى ۋېىچۈەن.
_راستىنلا شۇنداقمۇ ؟ شەپكىڭىزنى ئېلىۋىتىڭە كۆرۈپ باقاي.تۈز تۇرۇڭ قوشۇمىڭىزنى تۈرۈۋالماڭ ،ﻫە ئازراق ئوخشايدىكەنسىز ،بۇ رەسىمگە چۈشكىلى ئۇزۇن بولغاندەك قىلىدۇ.
_7يىل بۇرۇن چۈشكەن.
_شۇنداقتەك قىلىدۇ ،ئۇ چاغدا خېلى كېلىشكەن يىگىتكەنسىز.
_ كۆرۈپ بولغان بولسىڭىز كېنىشكەمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ.
_نېمىگە ئالدىرايسىز ؟كېنىشكە ساختا بولمىسىلا چاتاق چىقمايدۇ.
_مېنىڭ ۋاقتىم بەك قىس مەن دىژورنىلىك قىلىۋاتىمەن.
_مېنى بىكارچىمىكىن دەپ قالدىڭىزمۇ ؟ مەن ﻫازىر بازارغا ، ئاندىن سەيپۇڭخانىغا ، بالنىستتىكى ﻫاممامنى يوقلىغىلى بارىمەن ،يەنە تېخى ئېرىمغا تېلېفون بېرىمەن.
_ئۆتۈنۈپ قالاي كېنىشكەمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ ،قارىڭە سىزنىڭ كاساپىتىڭىزدىن بىرمۇنچە ماشىنىلار ئۆتەلمەي تۇرۇپ كەتتى.
_بۇنى مەندىن كۆرەمسىز؟ مەن سىزنى توسىۋالمىدىم ،بەلكى سىز مېنى توسىۋالدىڭىز.
_بوپتۇ ،مەن خاتا قىپتىمەن ،ﻫازىر پەقەت كېنىشكەمنى قايتۇرۇپ بېرىپ ماشىنىڭىزنى ﻫەيدەپ كېتىشىڭىزنى ئۆتۈنۈمەن.
_شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ تۇتۇڭ كېنىشكىڭىزنى ،مۇندىن كېيىن مۇنداق قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا قىلماڭ. |