- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 40
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1300
- تىزىملاتقان
- 2010-7-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-9
- UID
- 3872
- يازما
- 40
- تېما
- 8
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1300
- تىزىملاتقان
- 2010-7-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-9
- توردا
- 2 سائەت
|
پۇل مۇھىممۇ بىلىممۇ؟ دىگەن تېمىدىكى مۇنازىرىگە قارتا ئۆز قارشىمنى ماقالە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
ئالدى بىلەن پۇل ۋە بىلىمنىڭ نىمىلىگىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالايلى.
پۇل دىگىنىمىزماركىسنىڭ ( كاپىتال) دىگەن ئەسىرى ۋە گىرمانىيە، ياۋرۇپا پەيلاسوپلىرى، ئىقدىسادشۇناسلىرىنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيىتقاندا، ئۇ تەڭ قىممەتتە مال ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى،ئۇ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ قانۇننى ئۆزىگە تايانچ قىلىدۇ، ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ھۈكۈمرانلىقنىڭ مەھسۇلى، جەمئىيەتتە قايسى خىل پۇلنى ئىشلىتىش ھۈكۈمراننىڭئىرادىسى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بىر رايۇنىدىكى پۇلنىڭ ئاز ياكى كۆپلىكى بولسا شۇرايۇندىكى ئىقدىسادنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى يەنى بايلىقنىڭ ئاز ياكى كۆپىلىتەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئىقدىسادىي قانۇنىيەت بويىچە بولغاندا بىر دۆلەتتە قانچىلىكبايلىك بولسا شۇنىڭغا ماس ھالدا بايلىق بولىشى كېرەك، بايلىق پۇلدىن جېق بولساپۇلنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ، بۇ دۆلەت ياكى شۇ رايۇننىڭ كۈچلۈكلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ،ئەكسىچە بايلىق ئاز پۇل جېق بولغاندا پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىقدىسادتەڭپۇڭلۇق ھالىتىنى يوقۇتىدۇ، شۇ دۆلەت ۋە رايۇننىڭ ئىقدىسادىي كۈچىنىڭئازجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.
مىسال ئالىدىغان بولساق پۇلنىڭ تارىخدا بىز قانچىلىك پۇللارنى ئىشلەتمىدۇق، قانچە خىل پۇللاردىن ۋازكەچمىدۇق، قايسى خىل ھۈكۈمەت بارلىققا كەلسە شۇنىڭغا ماس ھالدا شۇخىلدىكى پۇلبارلىققا كەلدى. بىراق بايلىق بىرخىل بۇلۇپ كەلدى، شۇ بايلىقنى تەقسىملەش ۋاستىسىبولغان پۇل ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈپ قىمىتىنى يوقۇتۇپ كەلدى خالاس. پۇلنىڭ ئۆزىدەقىممەت يوق، ئۇنىڭ قىمىتى پەقەت قانۇن تەرپىدىن بەلگىلىنىپ كەلدى، بىر پۇلغاقانچىلىك بىر نەرسىنى ئالماشتۇرۇش بايلىقنىڭ ئاز كۆپلىكى بىلەن تەتۈر تاناسسىپبۇلىدۇ.
بىلىم چۇ؟
بۇيەردىكى بىلىم ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيتىلغان بۇلۇپ،ئۇ ئەقىل- ئىدراك، ئىقتىدار، پاراسەت، تېخنىكا، تەجىربە، ماھارەت قاتارلىق نۇرغۇنتەرەپلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان بۇلىدۇ. بۇئادەمىنڭ روھىيىتىگە مۇجەسسەملەشكەن مەھۇم نەرسە بۇلۇپ، ئۇ پەقەت ئەمىلىيەتئارقىلىقلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بىلىم بولسا شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى كۆزىتىش،تەجىربىلەردىن پايدىلىنىش، ئۆتكەندىن ساۋاق ئېلىش، تەكشۈرۈپ تەتىقىق قىلىش، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشئارقىلىق مەيدانغا كىلىدۇ. بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق بۇلىشى تەجىربىلەرنىيەكۈنلەش، ئەمىليەتكە تەدبىقلاشقا باغلىق، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش شەيئىلەرنىڭقانۇنىيىتىنى توغرا ئىگەللەش ۋە پايدىلىنىشقا باغلىق بۇلىدۇ.
ئىككىسىنىڭ قايسىسىنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەشتىن ئىلگىرى تارىخىقا نەزەر سالساق، بىزدىن شۇنداق پۇلدارلار بايلارئۆتكەن، مەسىلەن ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان مۇسا بايۇپلاردەك، ئەخمەت ھاجى ( ئازاتلىقتىن ئىلگىرى توقسۇ دىيارىنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى شۇنىڭ ئىكەندۇق). مىنىڭ دادامنىڭمۇ بايلىقىشۇنچىلىك كۆپ ئىكەندۇق، شۇ ئۆز بايلىقى بىلەن مەھەلىسىدىكى 27 ئائىلىك كىشىلەرنىئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن ھەجىگە ئاپىرىپ ئەكەپتىكەن، يەنە مەن بىلمەيدىغاننۇرغۇنلىغان بايلار بار، بىراق ئۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ھىچقانداق ئۆزگەر تەلىگىنى يوق.
بىزدىن بايلار جېق چىققان ، بىراق ئىلىم ئەھلىللرى ئاز، غېنىدەك باتۇرلار جېق چىققان بىراق روممىل(گىتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى قوماندانى) ژۇكۇف ( سىتالىننىڭ ئەڭ ياراملىق قوماندانى) لاردەكلەريوق، ناخشىچىلار جېق بىراق سىياسىيونلار يوق، شائىرلار جېق پەيلاسوپلار يوق، رومانچىلارجېق ئىقسىادشۇناسلار يوق، قىسقىسى كېسىلىمىز ئېغىر دوختۇرىمىز يوق دىگەندەك،شۇڭلاشقا بىزگە قالاقلىق ھەمراھ.
كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا پۇلدىن ئايرىلالمايمىز، پۇل ھەقىقەتەن مۇھىم ، پۇل بولمىسا كۈنلىرىمىزنىڭ غەم ئەندىشىدە ئۆتكىنى ئۆتكەن، بىلىم ئېلىش ئۈچۈنمۇ پۇل بۇلىشى كېرەك ئەلۋەتتە. پۇل ئۇ ھامان چەكلىك بىراق ئېتىياج چەكسىز، شۇڭا چەكلىك بايلىق ئارقىلىق چەكسىز ئېھتىياجنى قاندۇرۇشئۈچۈن بۇ دۇنيادا كۈرۈش توختاپ قالمايدۇ. شۇڭا شۇ چەكلىك بايلىقىنى ئۆزىنىڭ قىلىشئۈچۈن ئەقىل پارەسەت بىلىم كېرەك، باشقىلار بايقىمىغاننى بايقاش، باشقىلارئويلىمىغاننى ئويلاش كېرەك، شۇبايلىقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ كۈچلۈك بىلىم تەلەپقىلىدۇ، چۈنكى مالىيە بىلىمىڭىز كەمچىل بولسا شۇبايلىقىڭىزنى ساقلاپ قالمىقىڭىزمۇمكىن بولمايدۇ، بەلكىم سىز ئىقتىدارلىق ئادەملەرنى ياللىسام بۇلىدۇ دىيىشىڭىزمۇمكىن بىراق ئۆزىڭىزنىڭ ھىچنىمىدىن خەۋىرى بولمىسا ئۆزىڭىز ياللىغان ئادەمنىڭ قولىداۋەيران بولىسىز. بىراق بىلىم بولساچەكسىزدۇر، ھەرقانداق ئادەم قانچىلىك ئۆگەنسە بۇلىۋېرىدۇ، بۇ ھەم خوراپ يوقاپ كەتمەيدۇ، ھىچكىم تارتىپ ئالالمايدۇ،بۇنۇقتىدىن ئېيىتقاندا پۇل بىرخىل ساختا كۈرۈنۈشتەك بىلىنىدۇ، دىمىسىمۇ پۇلتېپىشنىڭ ئۆزى بىر ئۇيۇن ئويۇننىڭ قائىدىسنى مەلۇم بىركىملەر تۈزىگەن بۇلىدۇ،باشقلار شۇقائىدىگە ئەمەل قىلىپ پۇل تاپىمىز، گەرچە بىزمۇ نەپ ئالساقمۇ ئاخىرىدا قائىدە چىقارغۇچىلارنى سەمىرىتىپ ماڭىمىز، چۈنكى تەزىر تايىقى شۇنىڭ قولىدا قائىدىگە ئەمەل قىلمىساق بۇ ئۇيۇندىن ۋازكەچسەك ياكى جىنايەت يولىغا ماڭساق بۇلىدۇ.
يەنە ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالساق پۇلدارلارنىڭجەمئىيەتنى ئۆزگەرتىپ باققىنى كۆرمىدۇق، قىسقىسى مەن كۆرمىدۈم، شۇ بايلاربىلىملىكلەر تۈزۈپ بەرگەن قانۇنىيەت بويىچە ئۆزئىشلىرىنى داۋام ئەتمەكتە. بىراق ئالىملارنىڭ دۇنيانىڭ بىرەر رايۇننىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەنلىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز، مەسىلەن: ئېينىشتىيىننىسبىيلىك نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، بۇنىڭدىن ياسالغان ئاتۇم بومبىسى ئارقىلىق ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، ئېدىسون توكنى كەشىپ قىلىپ دۇنياغا يېڭىچەھۆسۈن قوشتى، ماركىس- ئېنگىلىسلار ماركىسىزىمنى بەرپا قىلىپ نەچچە مىلياردكىشىلەرنى قەبرىسىدە يېتىپ باشقۇرىۋاتىدۇ، روزۋېلىت، چېرچىل، سىتالىنلار ئۆزنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئىمتىياز ئارقىلىق دۇنيانىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ مىليارد خەلىقىنڭ تۇرمىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، يەھۇدىيلار ئۆزلرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىئارقىلىق دۇنياغا تىسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇنداق مىساللا ناھايىتى جېق.
دەۋرىمىزدىكى ئۇرۇشقان تۈكۈلمەيدىغان ئۇرۇش يەنى ئىقدىسادىي ئۇرۇشتۇر، بۇنىڭ مەركىزى يەنىلائىقتىساسلىقلار ئۇرىشى، كىمنىڭ ئىقتىساسلىق خادىملىرى كۆپ، تېخنىكىسى يۇقىرى بولساشۇ باشقىلارغا باشچىلىق قىلىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەۋاتىدۇ، مىسال ئالىدىغان بولساق:2- دۇنيا ئۇرىشىدا سېۋىت ئىتىپاقى گىرمانىيىىنڭ ئىقدىسادىنى تالان – تاراج قىلىشنى ئاساس قىلغان، ئامىرىكا بولسائىقدىساسلىق خادىملىرىنى ئېلىپ كەتكەن، ئاقىۋەت قانداق بولدى؟ ھازىر يەنىلائامىرىكا كۈچلۈك. ياپۇنىيە، گىرمانىيە 2- دۇنيا ئۇرىشىدا ئېغىر مەغلۇپ بولغان،ئىقدىسادىي بايلىقىمۇ ناھايىتى ئاز، بىراق خەلقىنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنىڭيۇقىرىلىقى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەلىكىگە تاينىپ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ئەڭباي دۆلەتكە ئايلىنىپ يەنىلا يەرشارىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەرەپ ئەللىرىدەبايلىق جېق بىراق تەرەققىي قىلمىغان، دۇنيا جامائەتچىلىكىدىمۇ ئورنى يوق دىيەرلىك،چۈنكى ئۇلاردا ياراملىق خادىملار ناھايىتى ئاز، ھازىر بۇنۇقتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەنئەرەبلەر ئىلىم پەنگە يۈرۈش قىلماقتا. بىزدە بىرگەپ بار « مال پۇل ئەمەس ھۈنەرپۇل».
ئۇنداقتا پۇل مۇھىمئەمەسمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس پۇلمۇ مۇھىم، بىز پۇلدىن ئايرىلالمايمىز، بۇيەردىكى مەسىلەقايسىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم قايسىسىنىڭ ئىككىنجى ئۇرۇندا ئىكەنلىكى مەسىلىسى. بىراقمەيلى پۇل بولسۇن ياكى بىلىم بولسۇن ئۇ كىشلىك تۇرمۇشتىكى ۋاستە خالاس، يەنى ئۆزىمىزنىڭ مەقسىدىمىزگە يىتىشتىمىزدىكى ۋاستە، ئۇنداق بولغاندا قايىسى ۋاستە بىزنى ئۆز مەقسىدىمىزگە ئەڭ ياخشى،ئۇزاق مۇددەت، تۇلۇق يەتكۈزەلەيدۇ، كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپىئەتنى كۆزلىسەك پۇلشۇنداق قىلالىشى مۇمكىن، بىراق ۋاقىتلىق خالاس، مەڭگۈلۈك بۇلالمايدۇ ھەم كىيىنكىلەرنىڭ بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەر تەلىشى ناتايىن. ئۇمۇمىيلىق نۇقتىسىدىن قارىساق ۋە يىراقنى نەزەرگە ئالغاندا بىلىم بۇ بىز ئۈچۈن كۈچلۈك قورال،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيىتقاندەك « بەخىت بەلگىسى بىلىم ( قۇتاد غۇبلىك)».
خۇلاسە قىلساق بىزدەك قالاق ئارقىدا قالغان ، ئۆز تەقدىرىمىز ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان مىللەت ئۈچۈنكىيىنكىلەرنى بەخىتكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان، كىيىنكىلەرنى دۇنياغا تۇنۇتالايدىغانبىلىم بىزنى ۋاقىتلىق راھەت پاراغەتكە ئېرىشتۈرىغان پۇلدىن مۇھىم، شۇندىلا بىزنىڭكەلگۈسىمىز پارلاق بۇلىشى ئنىق.
ئەگەر ئوخشىمايدىغان پىكىرىڭىز بولسا پاكىتلىق ئىلمىي ئوتتۇرغا قويسىڭىز بۇلىدۇ.
مەنبە :http://tanhaburkut.blogbus.com/ |
|