كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ ئەسەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەن بىر قانچە تېمىلاردا مۇشۇ ئەسەرگە يېزىلغان ئىنكاسلارنى بۇيەرگە ئەكىلىپ قويدۇم.
مۇبارەك نامىدىكى تورداشنىڭ مەزكۇر ئەسەر توغرىسىدا يازغان تېمىسىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار:
«مەن تۇل خوتۇن لېكىن بۇزۇق ئەمەس» تىن ھېسلار...
ھايات قىسمەتلەرگە باي.
شۇنداققۇ؟! گۈلنازنىڭ ئۆزى چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادىمىنى دەپ، يۇرتىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن، ئۇرۇق-تۇققان، دوستلىرىدىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتقا كېلىشى، شۇ قۇربانلىق بېرىشلىرىگە چۇشلۇق تېگىشلىك بەختكە ئېرىشىشى، شۇ بەختنى ھاسىل قىلغان سۆيۈملۈك يولدىشى مەردان، ئوماق، جان-جىگەر قىزى تۇمارىس، مېھرىبان، ئاقكۆڭۈل، ئىللىق چىراي قېيىن ئاتا-ئانىلىرىنىڭ...ھەممىسى ئۇنۇڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك قەدىرلىك ھەم قىممەتلىك ئىدى. لېكىن ھاياتلىقتا ھەر قىسمەتلەر بولىدۇ. كىم دەيدۇ، بۇ دۇنيادا ھەممىلا ئادەم كۈلۈپ، شادىمان ئۆتۈپ كېتىدۇ، دەپ؟! قاراڭلار گۈلنازنىڭ قىسمەتلىرىگە. ئەسەر باشلىنىپلا يولدىشى ھەم قىزىنىڭ پىراقىدا يىغلاپ تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان بىر ئوبراز بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولدى. «مۇھەببەتسىز ئادەم ئادەم ئەمەس» دېگەندەك، ناۋادا سىز ئۆزىڭىزنى مېھىر-مۇھەببەتكە تويۇنغان ئىنسان دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مېنىڭچە ناھايىتى تەبىئىي رەۋىشتە ئەسەرنىڭ كىيىنكى بۆلەكلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلايسىز...
ئاتا-ئانام بالىنى بىز ئوقۇشۇڭلار پۈتكۈچە بېقىپ بېرەيلى، دېگەنتى، بايا قىزىمنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ خۇددى ھاززىرلا بىرى قولۇمدىن تارتىپ ئېلىپ نەچچە تۈمەن كىلومىتىر يىراقلىققا ئېلىپ كېتدىغاندەك بىلىنىپ، كۆزۈمدىن ياش تۆككەنتىم، ئەسىرىڭىزنىڭ ئاۋۇ قۇرلىرى يۈرۈكۈمنى تېخىمۇ ئېزىۋەتتى. «ئەلكۈيى» گە مۇشۇ ئەسىرىڭىزنى دەپلا كېرىۋاتىمەن، بەرگىيە. (مۇنبىرىمىزدىكى <كۆمۈش> ناملىق ئەزانىڭ ئۈشبۇ ئەسەرگە قالدۇرغان ئىنكاسى).
مۇشۇ ئىنكاستىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئەسەردە بىر ياش ئانىنىڭ ئوبرازى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئوبراز دىگەندىن كۆرە، ئىچكى ھېسىيات دىسەك بەكرەك مۇۋاپىق كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ. گۈلنازنىڭ قىزىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىدىن، قىزى بولمىسا ياشىيالمايدىغان دەرىجىدىكى روھى ھالىتىدىن، ئۆزىگە قىلغان خىتابلىرىدىن...تېخى ئانا بولمىغان مەن شۇنچىلىك تەسىرلىنىپ كەتتىم. بەلكىم بۇ خىل قىسمەتكە يېققىن، ھېچبولمىغاندا ئوماق مەلىكىلىرى بار ھەربىر ياش ئانا مۇناسىۋەتلىك ئاشۇ قۇرلارنى ئوقۇغان چاغدا كۆزلىرىگە لىققىدە ياش كەلگەندۇ. قانچىلىكى يىغلىۋەتتى، قانچىلىكى ئېغىر خۇرسىنىشلار ئىچىدە...ئويلاپ بېقىڭ، ئەمدىلا يولدىشىدىن ئايرىلىپ، ئۇ ئازلىق قىلغاندەك ئۆز باغرىنى يېرىپ چۈشكەن قىزىنىمۇ كۆرەلمەسلىكتىن ئارتۇق ئازاب نەدە؟! ئاشۇ غېرىبانە، مۇڭلۇق، سوغۇق ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ ياش تۆككەن چاغلاردا قۇچىقىدا قىزى بولسا، شۇ جان-جىگىرىنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ يېنىش-يېنىشلاپ ھىدلاش ئارقىلىق ئۆزىگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي تېپىش...ھېسابتا بىر ئانىنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقى ھەم ئەركىنلىكى ئىدىغۇ؟! ئاشۇ يۈرەك پارىسىنىڭ تومۇرىدا يولدىشىنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان، رۇخسارىدا يولدىشىنىڭ سىيماسى كۆرۈنۈپ تۇرغان، جىسمىدا يولدىشىنىڭ ھىدلىرى بار بولغان ئىدىغۇ؟! بىر ئانا تۇرۇپ شۇلاردىنمۇ تەڭ مەھرۇم قالسا...گۈلناز يىغلىماي كىم يىغلىسۇن، قىسمىتى شۇنداق بولىۋاتقان بارلىق ئانىلار يىغلىماي كىم يىغلىسۇن؟! شۇ قۇرلارنى ئوقۇغان كەلگۈسىدىكى ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىزلەر، دادا ھەم دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئۇلار...ھېسداشلىق قىلماي تۇرالارمىزمۇ؟!... ئىنكاسىغا <مەن ھېچنىمىنى ھېس قىلمىدىم...> دىگەندەك يېزىپ قويغانلارغا بېرىلىدىغان جاۋاب: يوقال!
ئۆلگەن كېتەر خاتىرجەم، بار تارتقۇلۇق تىرىككە.
مەردان كېتىپ قالدى. ئۇنۇڭ ئەڭ ئاخىرقى تېنىقى قالغان پەيتلەردىكى قاراشلىرىدىن گۈلنازنىڭ قىزى ئۈچۈن بولسىمۇ كىيىنكى ھاياتىنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۆتكۈزىشى كېرەكلىكىنى ئاپتور <جىسمىم بىلەنلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن روھىم بىلەن بېغىشلانغان سەزگۈلىرىم ھېس قىلغانتى...> دېگەن گۈلناز تىلىدا ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك ئىپادە قىلغان. ھەي مۇھەببەت، چىن مۇھەببەت. مۇشۇ قۇرلاردىن بۇ بىر جۈپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چىن مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان ئادەم بولسىمۇ ھېس قىلار بولغىيدى، دەپ ئويلايمەن. «تىتانىك» ناملىق فىلىمنى كۆرگەنلەر كۆپ بولىشى مۇمكىن، ھايات-ماماتلىق پەيتلەردە فىلىمدىكى ئاشىق-مەشۇقلار بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-ساداقىتىنى ھەقىقىي ئىپادە قىلىدۇ. ئەسلەپ بېقىڭە: ئاقسۆڭەك تائىپىغا تەۋە بولغان قىز ئالاھىدە ئەھۋال ئۈچۈن سەپلەنگەن قولۋاققا چىقىش ئىمتىيازىغا ئىگە ھەم چىققاندىن كېيىن سۆيگەن يىگىتىنى ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرغان پاراخوتقا تاشلاپ قويۇشقا چىدىماي يەنە ئۆزىنى پاراخوتقا ئاتىدۇ، ماۋۇ يۈرەكنى! شۇ چاغدا قەلبىڭىز ھاياجانلانغانمۇ-يوق؟ يىگىت قارا نىيەت كىشىلەر تەرىپىدىن كويزا بىلەن قامىلىپ قالغاندا قىزنىڭ خەتەرگە قارىماي، سوغۇق سۇنى كىچىپ يۈرۈپ كويزىنى چېقىش ئۈچۈن ئەسۋاب ئىزدەپ يۈرگەن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەن چېغىڭىزدا قىزنىڭ مۇھەببىتىگە قايىل بولغانمۇ-يوق؟ ئەڭ ئاخىرىدا يىگىت خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغىنىنى كۆڭلى تۇيغاندەك، قىزغا: مەن ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم قەيسەرلىك بىلەن ياشاڭ، دەپ توڭلاپ قېلىپ مەڭگۈلۈك دېڭىز تىگىگە چۈشۈپ كەتكەن يەرلىرىنى كۆرگەن چېغىڭىزدا كۆزىڭىزگە لىققىدە ياش كەلگەنمۇ-يوق؟...مەن مەرداننىڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ گۈلنازغا قارىغان شۇ دەقىقىدىكى ئىلتىجالىرىنى ئاپتورنىڭ قەلىمى ئارقىلىق چۈشۈنۈپ، مۇشۇ فىلىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويلاپ چاناقلىرىم ياشقا تولۇپ كەتتى...لېكىن مەردان كىتىپ قالدى. قېيىن ئانىسىنىڭ دوق قىلىپ، تىللاپ ئۆيدىن چىقىرىۋېتىشلىرى، قىزىنى كۆرەلمەسلىكى، تۈگىمەستە قالغان ئۆسەك-سۆز، غەيۋەتلەر...ھەممە، ھەممىسى گۈلنازغا : <ئەمدى قانداق قىلىسەنكىن> دىگەندەك، ئاسمان بىلەن يەر ئوتتىرىسىدا چوڭ سۇئال بەلگىسى چىقىرىپ گېدىيىپ تۇراتتى. بىچارە ئايالنىڭ ئالدىدا يەنە قانداق كۈنلەر ساقلاپ تۇرغاندۇ؟...
تەسەللىينى قوبۇل قىلىدىغان دەرت كىشىنى بۇنچىلىك يىغلاتمايدۇ. (رېشات نۇرى گۈنتىكىن)
تۇل ئاياللارنىڭ كەينىدىن سۆز-چۆچەك ئەزەلدىن شۇنداق كۆپ بولامدىغاندۇ؟ تۇل ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى بىزلەرنىڭ نەزىرىمىزدە يولدىن چىققان بولامدۇ؟ ياكى گۈلناز چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟...سۆيگەن ئادىمىدىن ئايرىلىش، قىزىنى ئانىلىق مېھرى بىلەن باغرىغا باسالماسلىق، قېيىن ئانىسىنىڭ سۆرۈن پوزىتسىيىسى...بۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن سۆز-چۆچەكلەر بىر ياش ئانا ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر بېسىم-ھە! بىلىمىز، بىز غەيۋەت-شىكايەتتىن يىراقراق تۇرۇپ باققان ئەمەس، بۇ ئىللەت بىزدىن يىراقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن كۈنسېرى ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ۋەيران بولغان ئائىلىلەر، شۇ سەۋەبلىك ئۆزىنى يوقىتىپ قويىۋاتقان ئادەملەر، شۇ سەۋەبلىك پەيدا بولىۋاتقان پاجىئەلەرگە كىملەر گۇۋاھ، كىملەر ئىگە، كىملەر سەۋەبچى؟! سىز مۇشۇ ئەسەردىكى گۈلنازغا قارىتىلىپ دىيىلگەن ھەربىر غەيۋەت-شېكايەتنى ئوقۇغان چېغىڭىزدا قوشۇمىڭىزنى تۈرۈپ، < مىڭ لەنەت، سەنلەرگە!> دىگەنسىز. سىزمۇ بەلكىم باشقىلار تەرىپىدىن بىكاردىن-بىكار غەيۋەتنىڭ ئوبىيكتى بولۇپ زەربە يىگەن، يەنە بەلكىم بەزى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىدە بىلىپ- بىلمەي شۇ مېتىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قالغان بولىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەنە شۇنداق، خەق تەرىپىدىن غەيۋەت ئوبىيكتى بولساق گۈلنازنىڭ ھېسىياتىدا بولىمىز، خەقنىڭ غەيۋىتىنى قىلساق گۈلنازدەكلەرگە ئۇۋال قىلغان بولىمىز، مېتە بولىمىز. مۇشۇ ئىللەتنى بالدۇرراق ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئالدىمىزدىكى ھەربىر ئىنسانغا ئىنسان كۆزىدە تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ ياشىغان بولساق دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل بولغان بولاتتى، نۇرغۇن پاجىئەلەردىن ساقلىنىپ قالغان بولاتتۇق...ھېس قىلدۇق: گۈلناز دۇچ كەلگەن ھەربىر زەربە بۇ ناتىۋاننىڭ كۆزىدىن تارام-تارام ياش تۆككۈزگەن چاغدا، چاناققا پاتمىغان ياشلىرى يۈرىكىگە قان بولۇپ تامغان چاغدا، زىيادە چارچاش، بېسىم دەستىدىن ھالىدىن كېتىپ يېقىلغان چاغدا...تۇرمۇشنىڭ ئەنە ئاشۇنداق بىر بۇلۇڭلىرىدا خۇددى بارلىق ئازاب-ئوقۇبەت ئۆزىگىلا كېلىۋاتقاندەك ئويلاپ، بۈگۈنى قان يىغلىسىمۇ ئەتىسى يەنە ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ياشاش ئۈچۈن يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئۆتىۋاتقان ئاياللارنىڭ بارلىقىنى ئېغىر تېنىقلار ئىچىدە ئولتۇرۇپ خىيال قىلىپ چىقىمىز. گۈلنازنىڭ ھەربىر قۇردىكى نالە ئارىلاش ئاچچىق يىغىلىرى، مىسكىن ھالىتىدىن، ئەگەر مەندە قۇدرەت بولغان بولسىدى، مەرداننى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگەن بولاتتىم، تۇمارىسنى گۈلنازنىڭ قۇچىقىغا قايتۇرۇپ كەلگەن بولاتتىم، ھېچبولمىغاندا گۈلنازغا ماس كەلگۈدەك يىگىت بولۇپ گۈلناز ھەم تۇمارىسنىڭ ھالىدىن ئۆمۈرۋايەت ئوبدان خەۋەر ئالغان بولاتتىم، دىگەن ئويلارغا كىلىپ كېتىمىز. تېلەيمەن پەقەت: < چېھرىمىزدىن كۈلكە ئۆچمىسۇن، ئازاب ھەم يىغىلار بىزدىن يىراقراق تۇرسۇن>.
مېنىڭ تېنىچلىقىڭنى بۇزغۇم يوق، خۇشلۇقىڭنى بۇزغۇم يوق. مېنىڭ قىزغىنلىقىمنى مۇھەببەت دەپ بىلمە، ماڭا كېرىكى پەقەت سېنىڭ دوستلۇقۇڭ. (بايدون)
ئېلزاتنىڭ ھېكايىسى. مەن ھەيران قالدىم، بۇ بالا ئەينى چاغدا گۈلنازنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە نىمىشقا بوشاڭلىق قىلغاندۇ...قايتىدىن توي قىلىپتۇ، لېكىن ئۆزى ھالال نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنىغا ھەم قىزىغا نىمىشقا مېھىر بېرەلمەيدۇ؟ ئۇنداق ئادەم نىمىشقا توي قىلىدىكىنە؟...ھاززىرقى ساددا خىياللىرىم بىلەن بۇلارنى چۈشۈنۈشكە ئامالسىز قالدىم. گۈلنازنى كۆرۈپ ئۈمىد چىرىقى قايتا يانغاندەك بولۇپتۇ-يۇ، يەنە نىمىشقا ئۆز ئايالىنىڭ تۇل قالىدىغانلىقىنى، قىزىنىڭ تىرىك يىتىم بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ قويمايدۇ؟ نىمىشقا؟! گۈلناز گەرچە مەرداندىن باشقا ئالىي مەكتەپتە ئەڭ ياخشى ئۆتكەن دوستىنى قايتا ئۇچىرىتىپ، ئۇنۇڭدىن ئازراق تەسەللىي تاپقان بولسىمۇ لېكىن ھېسىيات ئالدىدا مۇھەببەت ھەم دوستلۇقنىڭ چىگرىسىنى ئېنىق ئايرىدى. ھېسىيات جەھەتتە ئاجىزراق، ئىرادىسى بوش، ئالدى-كەينىنى ئويلىمايدىغانراق بىرى بولغان بولسا بەلكىم بۇ يەردىكى نەتىجە باشقىچىرەك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن گۈلناز ئەقىللىق ئايال ئىدى. ئۇنۇڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئېلزاتقا دىگەن مۇنۇ سۆزلىرى ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالسا كېرەك: < بەختلىك بول ئېلزات، كۆڭلۈڭنى تامامەن چۈشۈنىمەن. بىراق مەن تۇللۇق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقىنىم ئۈچۈن يەنە بىر ئاجىزنى بۇ يولغا ئىتتىرەلمەيمەن، قىزىڭغا دادىلىق مېھرىڭنى، ئايالىڭغا ئەرلىك مۇھەببىتىڭنى بەرگىن! ھەر ۋاقىت گۈلنازنىڭ بەختى ئۈچۈن دەپ ئايالىڭنى، تۇمارىسنىڭ دادا مېھرى ئۈچۈن دەپ قىزىڭنى سۆيۈپ ئۆتكىن...>
ئاياللار ھەقىقەتەن ئاجىز يارىتىلىپتىكەن.
بۇ نۇربىيەنىڭ ھېكايىسى ئىدى. گەرچە نۇربىيە بىلەن گۈلنازنىڭ قىسمىتى ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ لېكىن بۇ قىسمەتنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبىتى ئوخشىشىپ كىتەتتى. ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى پاك ئۆتكۈزۈپ، يۈزى تۆۋەنلىك بىلەن ياشىغان نۇربىيە توي كېچىسى قىز چىقمىغانلىق سەۋەبى(ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى شۇنداقكەن، ئۇنۇڭدا نىمە گۇناھ؟) ئېرى تەرىپىدىن كۈندە تاياق، تىل-دەشنام ئىششىتكەن. ئۇ ئۆزىنى قانداقمۇ ئاقلاپ بولالىسۇن، كىم گۇۋاھ؟ ئايال كىشى نىمە دىگەن ئاجىز-ھە! ھېلىقى ئەر قىز چىقمىغان بولسا نىمىشقا شۇ كۈنىلا ئاجىرىشىپ كەتمەيدۇ، نىمشقا ئۆيگە سولىۋېلىپ ئۇرىدۇ، قىينايدۇ، نىمىشقا ھايۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا بىر قونچاق ئورنىدا كۆرىدۇ؟! نۇمۇسسىز ئەبلەخ! ھېلىقى چاغدا گۈلناز قىزىنىڭ قېشىغا بېرىپ كۆرەلمەي يېرىم كىچىدە قايتىپ كەلگەن چاغدا تاكسى شوپۇرى بېزەڭلىك بىلەن نىمىلەر دىمىدى، پۇلنى يۈزىگە ئېتىپ ماڭسا كەينىدىن نىمە تىللار بىلەن ھاقارەت قىلمىدى؟...ئاشۇنداق بىر قىسىم لاۋزا ئەرلەرگە قاراپ ئادەمنىڭ يىغلىغۇسى كىلىدۇ. ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى ئۇقمايدۇ، لېكىن ئالدىدىكى شەرمىي-ھايالىق بىر ئايالنى، بىر قىزنى ئۇياتسىز سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ئابدۇراھمان ئەزىز ئوغلىنىڭ «ئىگسىنى تاپالمىغان بەتنام» ناملىق يازمىسىنى ئاشۇنداق لاۋزىلارنىڭ يۈزىگە چاپلاپ قويسام دەيمەن!...نۇربىيە شۇنداق قىلىپ ھەممە يېققىنلىرىنىڭ ئىشەنچىسىدىن قېلىپ بىر يولىلا مۇشۇ «يول» غا كىرىپ كەتتى، نىمىلا بولمىسۇن گۈلناز ئۇنۇڭ بۇ ئەلەملىك كۈنلىرىدىكى ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئازراق بولسىمۇ گەپ قىلىپ قويسا بولاتتى، دەپ ئويلىغانتىم. گۈلنازنىڭ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي ئولتۇرىشىدىن نۇربىيە ئۆزىمۇ باشقىچە بىرخىل بولغان بولىشى مۇمكىن، بەلكىم بۇ قىز جالالىدىن بەھرامنىڭ «ناتىۋانلار» رومانىدىكى <تەن دىگەن قانچىلىك نىمىتى؟ ناھايىتى بىر سىقىم توپا!> دىگەن بىر جۈملە سۆزگە بەكرەك ئېتبار بىلەن قاراپ سالغانمۇ ئەيتاۋۇر، ئىشقىلىپ ئۆزى توغرا دەپ قارىۋالغان بۇ يولدا كىتىپ باراتتى. ئېنىقكى، بۇ يولنىڭ ئاخىرلشىش نەتىجىسى ھامان ياخشى بولمايدۇ. لېكىن ئۇنۇڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىغا زادى كىم، زادى نىمە سەۋەبچى؟...ئۇلار ئۇخلىغان چاغدا بىر-بىرىنىڭ تېنىقلىرىنى، ئۇھسېنىشلىرىنى ئېنىق ئاڭلىشىپ ياتىدۇ، گۈلناز ئۆز بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئويلاپ چىقىپ، ئاجىزە بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ھالغا كىلىپ قالغان نۇربىيەنى تۇيۇقسىز چىڭڭىدە قۇچاقلاپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كىتىدۇ...مەن شۇ چاغدا ئىپادە بىلدۈرمەي ئولتۇرىۋالدى، دەپ ئويلىغىنىمنىڭ سەل بالدۇر چىقىرىلغان يەكۈن بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. كىم تەسەللىيگە مۇھتاج ئەمەسكەن، لېكىن كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئەتىراپىمىزدىكى بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەملەر بارغانسېرى ئازلاپ ماڭىدۇ، ھەممە ئادەم ئۆز غېمىدە. شۇڭا ئۆز-ئۆزىمىزگە تەسەللىي بېرىشنى ئۆگۈنىشىمىز كېرەك.
بىز ھەممە ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدۇق. (قۇرئان كەرىمدىن)
شۇنداق، گۈلنازنىڭ ئۆز قىزىغا ئېرىشىش ھوقۇقى بار، بۇ ئەڭ ئەقەللىي ساۋات. يولدىشىغا بولغان سېغىنىشى ھەم ئۆزىگە بىردىنبىر ھەمراھ، سېرداش بولالايدىغان ئوماق مەلىكىسىدىن ئايرىلش ئازابىغا بىر ئانا ھەرگىز چىدىمايدۇ. شۇڭا ئۇ سوتقا ئەرز سۇندى. دەل شۇ كۈنلەردە قېيىن ئانىسى ئىشلارنىڭ ھەقىقىي تەرىپىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، گەرچە ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ لېكىن ھەرگىز گۈلنازنىڭ ئالدىغا كىلىپ كەچۈرۈم سورىمايدۇ. بۇ ئانىمۇ ئوغلىدىن ئايرىلىپ ئارىلىقتا قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى قىلىپ قويدى، بىز بىر ئانىغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى نۇقتىسىدىن قاراپ بۇ تەرەپلىرىنى توغرا چۈشۈنۈشكە تىرىشىمىز. ئوغلىنىڭ قىزى، نەۋرىسى بولغان تۇمارىسقا بۇ ئانىمۇ چىدىمايدۇ. شۇڭا نىغمەت گۈلنازنىڭ ئالدىغا كېلىپ بالىنى ئۆزى باقسىمۇ پات-پات بوۋا ، مومىسىغا كۆرسۈتۈپ تۇرىشىنى كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئۆتۈنىدۇ، مۇشۇ چاغدا ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى ئېغىر كېلىپ، كېتىش ئالدىدا مېھرىبان يۈزىنى بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي قالغان گۈلناز نىغمەتكە قەھرى بىلەن ۋارقىرايدۇ. بەلكىم بۇ قۇرلاردىن سىز ئەمدى گۈلناز تۇمارىسنى چوڭ ئۆيدىكىلەرگە ھەرگىز كۆرسەتمەيدىكەن، دەپ ئويلاپ قالىسىز، لېكىن سىز خاتالاشتىڭىز، مەن ئالدىدا دىگەندەك گۈلنازنىڭ ئوبرازى بىر ئەقىللىق ئايالنىڭ ئوبرازى ئىدى، ئۇ ئۆزى سۆيگەن ئادىمىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى خۇددى ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلغاندەك ھۆرمەت قىلىدۇ، قەدىرلەيدۇ. ئانىنىڭ ئوغلىدىن ئايرىلىپ قېلىپ قىلغان سەۋدالىقلىرىنى ئاشۇ كەڭ-قورساق مىجەزى بىلەن يەنىلا كەچۈرىۋېتىدۇ، ئۆزى سۆيگەن ئادىمى ياشىغان ئاشۇ چوڭ ئائىلىدە قىزىنى ئېلىپ بېرىپ شۇ ئەزىزلەر بىلەن بىللە ياشاشنى بۇندىن كېيىنكى بەختلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بەختى دەپ بىلىدۇ. گۈلناز ھەم گۈلنازغا ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىپ، ھايات يولىدا قەيسەرلىك بىلەن ياشاۋاتقان بارلىق ھەدىلىرىمىز، ئانىلىرىمىزغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، ئائىلىسىگە بەخت، تېنىگە سالامەتلىك تېلەيمىز.
ئەسىرىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تەبرىكلەيمەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
2010-يىلى27-سېنتەبر شەھىرى نەنجىڭ
تارىم ئوغلى ناملىق تورداشنىڭ بۇ ھېكايىگە يازغان ئىنكاسى:
بەرگىيەنىڭ بۇ ئەسىرىنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ بولغاندا تەپسىلى ئېنكاستا بولىمەن دەپ ئېيتقان ئىدىم. ئالدىراشچىلىقتا بۇنداق پۇرسەتلەرگىمۇ ئېمكان بولمىدى. بۈگۈن ئازراق ۋاقتىم باركەن، شۇڭا ئاددىغىنا كۆز قارشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقماقچى. تەنقىدى پىكىردە بولغايسىلەر:
بەرگىيەنىڭ بۇ ئەسىرى ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى تۈرلۈك سەۋەپلەردىن تۇل قالغان ئاياللار ئارىسىدىكى ، كۆپ قىسمىنى ئىگەللىگەن تۇل ئاياللىرىمىزنىڭ جەمىيەتكە ، ئادەملەرگە بولغان جانلىق خىتاۋى بولۇپ، بىزنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئادىل باھا بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. مەلۇم سەۋەپلەردىن تۇل قېلىپ، ھەم ئانا ھەم ئاتا بولۇپ ياكى ۋەقەلىكتە ئىپادىلەنگەندەك ئانا بولۇش شارائىتىدىنمۇ مەھرۇم قېلىنىپ، جەمىيەتنىڭ ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ ياشاۋاتقان تۇل خوتۇنلارنىڭ ، ئەخلاق - پەزىلەت ، تۇرمۇش ھەر تەرەپلەردىن ساغلام ياشاۋاتسىمۇ ، لېكىن كىشىلەرنىڭ ، جەمىيەتنىڭ توغرا چۈشەنمەسلىگىدىن ئىباراەت ئىنسان چىدىغۇسىز دەرت - ئازاپلارنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلىغى ، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ. شۇنداقلا مەنگە بولغان چوڭقۇر ھىسداشلىقنى ئۇرغۇتماي تۇرالمايدۇ.
جەمىيىتىمىزدە ئېرى ۋاقىتسىز تۈگەپ كەتكەن ھامان ، كېلىنچەكنىڭ ئايىغى ياراشمىدى ياكى بولمىسا بىر بالا قازاكەن دىگەندەك ، گۇمان ئىماننى قاچۇردىغان خۇراپى قاراشلار يەنىلا مەۋجۇت.
شۇ ۋەجىدىن شۇ ئايالنىڭ قايتا ياتلىق بولمىغى بەسى مۇشكۈل. يەنە شۇنداق بەخىتسىز نىكاھنىڭ قۇربانى بولغان تۇل خوتۇنلىرىمىزنىڭ قىسمەنلىرىنىڭ تۇيۇق يولغا مېڭىشى، دۇرۇس يولدا ھالال ياشاۋاتقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۇل خوتۇنلارغا ئوخشاش نەزەردە قارش روھىيىتىنى تېڭىپ قويغان. ئۇنداق دۇرۇسلار مىڭ قىلسىمۇ ياخشى نامغا ئېرىشەلمەي غەيۋەتخوتلىرىمىزنىڭ ئىشەنمەسلەك بازىسىغا ئايلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت.
بەرگىيە بۇ ئەسىرى ئارقىلىق ، كەڭ جەمىيەتكە <مەن تۇل خوتۇن لېكىن بۇزۇق ئەمەس > دەپ خىتاپ قىلىش ئارقىلىق، نۇرغۇنلىغان تۇل خوتۇنلارنىڭ جەمىيەتكە، ئۆز ۋىجدانىغا يۈز كېلەلەيدىغان ھالدا ياشاۋاتقانلىغىنى، پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ، بارلىق ئىنسانلار توپىنىڭ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىگىنى ، قاتتىق خىتاپ قىلغان.
بىز ئەسەرنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن ئىدىيىسىدىن ئىلھاملىنىپ، ھەممىگە ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا پىكىر بايان قىلىشىمىز كېرەكلىگى، ئوبىكتىپ بولىشىمىز كېرەكلىگىنى چوڭقۇ ئېسىمىزگە سالىدۇ.
ئاتا قىلىپ بولالمايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ ئانا قىلالايدۇ. شۇڭا ئانا بىر قولىدا بۈشۈك تەرۋەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتەلەيدۇ. ( بۇ خوشامەت سۆزى ئەمەس)
مەن مۇشۇنچىلىك بىر بەرسە دەپ تۇراي! ئۆتكۈر مۇنازىرلىك دوستلارنىڭ ئېنكاسىنى داۋاملىق ئوقۇغۇم بار.
بەرگىيە ئىلھاملىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي! ھارمىغايسىز!!!...
نازى ناملىق ئەزايىمىزنىڭ بۇ ئەسەرگە بەرگەن ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۈيۈملۈك بەرگىيە، ئالتون بويىڭىز ئامان بولسۇن.
ئەسەرنى يوللاپ بۈگۈنگە قەدەر توپتوغرا بىر ئاي ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. مۇشۇ جەرياندا بەزىدە ئوقۇرمەنلەرنى خوشال قىلىپ ھاياجانلىق تۇيغۇلارغا باشلاپ، بەزىدە بۇلاقتەك كۆزلىرىنى ياشلاپ، يەنە بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ كۆزلىرىڭىزنىمۇ ياشلاپ ئاخىرى بۇ ئەسەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز، مۇبارەك بولسۇن!
بىر ئەسەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش، چۈنكى، ھېكايە چىنلىقتىن شاخلىتىلغان بولسىمۇ، ئۇنى ئەينەن ئالغىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاپتور پىرسۇناژلار خارەكتېرى، ۋەقەلىك، مۇھىت، يەنە ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىيەتتىكى تەسىرى قاتارلىق بىر تالاي ...لارغا ئىگە بولمىسا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كاللىڭىزنىڭ سەگەكلىكى بىلەن، بىزنى باشتىن ئاخىرى ئەسەردىكى پىرسۇناژ نىڭ مىجەز خاراكتېرىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلىغان ھالدا گۈلنازغا ئەگەشتۈرۈپ، گۈلنازنىڭ ئەگرى توقاي، بەختكە تويۇنمىغان خانىلىرىگە باشلاپ، قەلب ئىشىكلىرىنىڭ ئالدىدا تەلمۈرتۈپ، ئاخىردا ئاق كۆڭۈل پەرىشتە سۈپەت ئېسىل بىر ئانا ئوبرازنى يارىتىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى مىڭلىغان گۈلنازلارنىڭ ئازراق بولسىمۇ باشقىلار قەلبىدىكى ئورنىنى تىكلەپ، ئەسەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردىڭىز.
دېمىسىمۇ ئادەملەرنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ قويغىلى بولمايدۇ، ئۇلار نېمە دېگۈسى كەلسە دەۋېرىدۇ، بىردەمدە بىرلىرىنى ماختاپ ئاسمانغا ئۇچۇرسا، بىردەم بىرلىرىنى يەرنىڭ ئاستىغا كۆمۈۋېتىدۇ، بۇ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدىغان ئىجتىمائىي ھادىسە. بۇ ئادەت مانا شۇ ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا قىسىنىپ ياشاۋاتقان گۈلنازلارنىڭ ياشاش ئەركىنلىكىنىمۇ تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇھىتىدىن مەھرۇم قىلماقتا، بۇ ئەسەر ئاشۇ ئاق كۆڭۈل، بىچارە ئاياللارنىڭ پاكلىقىغا ئوقۇلغان مەدھىيە بوپتۇ. يەنە بەزى ئاز ساندىكى تۇل ئاياللار ئۆزىنىڭ ئانىلىق، ئاياللىق ئوبرازىنى ساقلىيالماي، جەمئىيەتتىكى بەزى ناچار ئادەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، گۈلنازدەك ئاياللارنىڭ ئاشۇلار بىلەن بىر تاياقتا ھەيدىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىدەك پاكىت ئۇستىلىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ. بۇ لارنى ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
گۈلناز ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا بارىدىغان ۋاقىتتىمۇ ئۇشتۇمتۇت چىقىرىلغان قارار بىلەنلا كېتىپ قالغان ئىدى، قايتىپ كېلىپمۇ يۇرتىغا بارالماي ئانىسىنىڭ ئىسسىق يۈزىنى كۆرەلمەي قالدى، بۇ يەرلىرى ئاق كۆڭۈل پەرىشتە سۈپەت گۈلنازنىڭ خاراكتېرىگە سەل ماسلاشمىغان بولسىمۇ، بۇنى مەن گۈلنازنىڭ كۆڭلىنىڭ ئارامى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئويلاپ يېتەلمىدى دەپ چۈشەندىم.
يەنە گۈلنازنىڭ قىنئاتا- قېينئانىلىرىنىڭ ئارقىمۇ ئارقا خورلاشلىرىغا، ھاقارەتلىرىگە، ئۆز باغرىنى يېرىپ چۈشكەن سۈيۈملۈك قىزى تۇمارىسنى ئۆزىدىن ئايرىۋېتىشتەك ئازاپلىق ھالەتلەرگە باشتىن ئاخىر، ئېغىر بېسىقلىقى، ئېسىل پەزىلىتى بىلەن سۈكۈت قىلىشلىرى سەل كىتاۋىيلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا مەرداننىڭ ئىنىسى نىغمەتكە بولغان مۇئامىلىسىدە (بۇنى فىرۇزىمۇ دەپتۇ) ئۆزگىرىش ياساپ، گۈلنازنىڭ ئانا بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببىتىگە ھېچ نەرسە يەتمەيدىغانلىقىدەك ئەمەلىي پاكىتنى سەل ئەسكە سالدىڭىز، ئەسەردىكى كەم نۇقتىنىڭ يەنە بىرى ئەسەر باشتىن - ئاخىر تەسۋىرگە تويۇنمىغان، يەنە پىرسۇناژلارنىڭ قىياپىتى. بىز ئۇلارنى پەقەت ئىسمى ياكى ئاتا ئانا دەپلا چۈشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەردىن باشقا، پىرسۇناژلارنىڭ سىماسىنى ئەسەردىكى ۋەقىلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنەلمەي قالدۇق، بۇ نۇقتا ئەسەر بىلەن پىرسۇناژلار ئوتتۇرىسىكى باغلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ قويغان.
بۇيەردە گۈلنازنىڭ ساۋاقدىشى توغرىلىق ئېچىپ بايان قىلىشنى خالىمىدىم.
سۈيۈملۈك بەرگىيە سىز بىر ئاي جاپا تارتىپ بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقتىڭىز، بۇ جەرياندا مۇنبەرداشلارنىڭ ھەر خىل كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان ۋە غەش قىلىدىغان ئىنكاسلىرىغا خوشاللىق ھەم كۆڭۈل يېرىمچىلىقلىرىڭىزنى ئىچىڭىزگە سىڭدۈرۈپ سۈكۈت قىلىپ كەلدىڭىز، مۇشۇنداق جاپادا پۈتكەن ئەسەرنى مەن «ياخشى يېزىپسىز، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن» دەپلا بولدى قىلىشقا مەنمۇ بىر قەلەم ساھىبى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆڭلۈم ئۇنىماي، ئىنكاسىمنىڭ ئاخىرىدا بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتڭىزگە پايدىسى بولۇشى ئۈچۈن بەزى سەلبىي قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقتىم، بۇ ھەرگىزمۇ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ قەستەن قۇسۇر تاپقانلىق ئەمەس، بۇنى بەلكىم سىز ھەممىدىن بەك چۈشىنىسىز. شۇڭا بۇ ياخشى كۆڭلۈمنى چىن دوستلۇقنىڭ سوۋغىسى دەپ بىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئاخىردا تېنىڭىزگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭىزغا خاتىرجەملىك، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە زور ئىلھاملارنى تىلەيمەن!
|