تۈرلۈك گۈزەل ئىستەك ، ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىغا قەدەم قويغان بىر ياش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش . چۈنكى بىر ستۇدېنت مەيلى قايسى ساھە ، قايسى كەسپتە ئوقۇسۇن ، نۇقتىلىق ھالدا شۇ ساھە ، شۇ كەسپتىكى ئىلىمنىڭ ئەڭ كەڭ ، ئەڭ چوڭقۇر تەرەپلىرىنى ئۆگىنىپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ، ئەڭ ئاساسلىق تەرەپلەرنىمۇ ئىگىلەش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە مۇيەسسەر بولىدۇ . شۇڭلاشقىمۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتى ، ياشلىق جەزبىدارلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر ستۇدېنتنىڭ ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىنىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىدا ، بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشى ئۈچۈن ئۆزىنى ھەر قايسى تەرەپتىن تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ پۇرسەت .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ستۇدېنتلىرىمىز ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئىلغار ياشلار مەيدانغا كەلدى . ئۇلار ئۆز كەسپىدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى ، ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدە يېڭى يول ئاچتى ، خەلقىمىز ئۈچۈن شان - شەرەپ ئېلىپ كەلدى ، ئەنە شۇلار ئۆزىگە كەلگەن پۇرسەتنىڭ قەدرىگە يەتكەنلەر ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقانلار ، ئۇلار بىزنىڭ ستۇدېنتلىرىمىزنىڭ ئۈلگىسى ،
جەمئىيىتىمىزدىكى ئىلغارلارنىڭ ۋەكىلى ، ئەلۋەتتە . بۇ يەردە ئۇلارنى بىر - بىرلەپ ئاتاپ تونۇشتۇرۇش بۇ ماقالىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس . دېمەكچى ، بىزنىڭ ستۇدېنتلىرىمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسى خېلىلا يۇقىرى ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۆز - ئۆزىمىزگە ئارتۇقچە تەمەننا قويۇشقا بولمايدۇ . بۈگۈنكى 21 - ئەسىر خىرىس دەۋرى ، رىقابەت دەۋرى ، ئۆگەنگۈچىلەر ، ئىقتىدارلىقلار ، قابىلىيەتلىكلەر بۆسۈپ چىقىدىغان ، ئەكسىچە بولغانلار ئۆز ھاياتىغىمۇ ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان دەۋر . ھالبۇكى بۈگۈنكى بۇ كۈندە ، ياشلىقتىكى ئويۇن - تاماشىلار كەتسە كەلمەيدۇ دەپ رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئوقۇيدىغانلار يوقمۇ ؟ خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئالىملارنى ، تالانتلىقلارنى ، مەڭگۈلۈك مىراس ئەنگۈشتەرلەرنى ئۆزگىلەرگە كۆز - كۆز قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ، خەلقنىڭ ، شۇنداقلا ۋەتىنىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسىنى ئويلاشمايدىغان ، باشقىلارنىڭ تەرەقىياتىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەخمەقلەر يوقمۇ ؟ فېئودال چىرىك ئىدىيىنىڭ ئاسارىتىدىن تېخىچە قۇتۇلالماي ، ياخشى خىزمەت ھوقۇق ۋە پۇلدىن كېلىدۇ دەپ قارايدىغانلار يوقمۇ ؟ دۇنيا نېمە كويدا ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت نېمىگە ئىنتىلىۋاتىدۇ ؟ مېۋىلىك دەرەختىكى ياۋا شاختەك بولۇپ قالغانلار نېمىنى ئويلاۋاتقاندۇ ؟ مانا بۇلار ستۇدېنتلىرىمىز ئويلىنىشقا ھەم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر .
ستۇدېنتلىرىمىز بىزدىكى ئالىي مەلۇماتلىقلار ، يۇقىرى ساپالىقلار ، ئۆز نۆۋىتىدە مىللىتىمىزنىڭ ، جەمئىيىتىمىزنىڭ ۋەكىلى . دەۋر ئېھتىياجىدىن قارىغاندا بۈگۈننىڭ ۋە يېقىن كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى ، ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىي قىلغان ئەللەر بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ ، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشىدا جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ، يۇقىرى سەۋىيىلىك ستۇدېنتلارغا مۇھتاج . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ستۇدېنتلىرىمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسى خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۆگىنىشكە دېگەندەك كىرىشمەيدىغان ، پەقەت نومۇر ۋە دىپلوم ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت . بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى ھەر كىم ھەر خىل ئويلاشماقتا . بەزىلەر ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ كەسپكە قىزغىنلىقى يوق دەپ قارايدۇ ؛ بەزىلەر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى شۇ كەسپكە ، بىلىم ئېلىشقا قىزىقتۇرالمايۋاتىدۇ دەپ قاراشماقتا ؛ بەزىلەرنىڭ قارىشىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمەت تەقسىماتى ئادىل ئەمەس ، يەنى ئۆز كەسپىگە تەقسىم قىلىنمايدۇ ياكى ياخشى ئوقۇغانلار بىلەن ناچار ئوقۇغانلارنىڭ خىزمەت تەقسىماتى پەرقلىق ئەمەس ؛ يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە غەرب مەدەنىيىتى ياشلاردا ناچار ئىستىل ، يامان ، ناتوغرا ئىدىيە پەيدا قىلىپ قويغان . ئەلۋەتتە ، يۇقىرىقى ئامىللارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ . ئەمما ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى ، ئالىي مەكتەپكە قەدەم قويغان بىر ياش ئۈچۈن بىلىم ئىگىلەش ، كەسپ ئۆگىنىش ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ماھارىتى ، ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش ئەڭ مۇھىم . ستۇدېنتلارنىڭ بىرىنجى ۋەزىپىسى ئۆگنىش بولۇپ ، بۇنىڭدىن قالغاندا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چۈشىنىش ستۇدېنتلىرىمىزدا كەسپكە ، زامانىۋىي بىلىملەرگە نىسبەتەن يېڭىچە قىزىقىش ۋە ئويلىنىش پەيدا قىلالايدۇ .
ياشلار پسىخىكىسىدىن قارىغاندا ، ئۇلارنىڭ قىزىقىش دائىرىسى كەڭ ، يېڭى شەيى ، يېڭى ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشى تېز ، غالىبلىق ئىدىيىسى كۈچلۈك ، بۇ خىل پسىخىك ئالاھىدىلىك ، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى . بۇ خىل ئارتۇقچىلىقنى ياخشى جارى قىلدۇرالماسلىق ئۇلارنى يەنە نۇرغۇن ئەگرى - توقايلىقلارغا باشلاپ مېڭىشى مۇمكىن . ستۇدېنتلىرىمىزنى تەپسىلىي كۆزەتسىڭىز مۇنداق ئەھۋاللارنى بايقايسىز : ئۆگنىشتە ياخشىلار بىلەن ناچارلارنىڭ بېرىش - كېلىشى روشەن ئايرىلغان : كىتاب ئوقۇيدىغان ، قوشۇمچە كەسپ ئوقۇيدىغانلار بىر يولدا ، ئويۇن - تاماشا ، تانسا - دېسكولارغا قىزىقىدىغانلار ئايرىم بىر دۇنيا ، ئۆگىنىشتە ئالاھىدە ياخشىلار ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە كۆرۈنەرلىك ئەمەس ، < پائالىيەتچانلار > ئۆز مۇناسىۋىتى ئارقىلىق < نەتىجە > گە ئېرىشىۋاتقان . مېنىڭچە بۇ ، بىر خىل نورمالسىزلىق ، ستۇدېنتلار بىر - بىرىگە بولغان تەسىر رولىنى تولۇق چۈشىنەلىگەندە بۇ خىل ئايرىملىقلار ئازىيىشى ۋە يوقىلىشى مۇمكىن . چۈنكى ياشلارغا نىسبەتەن ئۆز ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تەسىرى روشەن ھەم چوڭقۇر بولىدۇ . شۇڭا ستۇدېنتلىرىمىزدىكى < ياۋا شاخلار > نى تۈزەشتە ستۇدېنتلار ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك . ستۇدېنتلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئىجابىي تەسىر ئۇلاردا توغرا بولغان دۇنيا قاراش ، تۇرمۇش قارىشى ، ئىقتىساد قارىشى ، رىقابەت قارىشى ، گۈزەللىك قارىشى تۇرغۇزۇپ ، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىمىزدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ، زامانىۋىي پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرى مول بولغان يۇقىرى ساپالىقلارنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ . ياشلار ، بولۇپمۇ ستۇدېنتلىرىمىز ئۆزلىرىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى تولۇق چۈشىنىپ ، بىر - بىرىگە ھەمدەمدە بولۇپ ئىلگىرىلىگەندىلا ئۆزلىرى بىلەن بىللە تېخىمۇ كۆپ ئىلغار ياشلارنى ۋە تالانتلىقلارنى باشلاپ چىقالايدۇ . بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز مۇشۇنداق ستۇدېنتلارغا مۇھتاج .
ستۇدېنتلىرىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى مۇكەممەل يېتىلگەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى بىلەن مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىدۇر . بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئورگانلارنىڭ كارخانىلىشىشىنى ، كارخانىلارنىڭ خۇسۇسىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە . نەتىجىدە خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا دۆلەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ستۇدېنتلار ئۆزى خىزمەت تېپىشقا يۈزلەنمەكتە . ئەلۋەتتە ، بۇ ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى . دېمەك ، ئىقتىدارلىقلار جەمئىيەتتىن ئۆز - ئۆزىنى تاپالايدۇ . ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى ، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئويلىيالايدىغان ستۇدېنتلار مەيلى ئۆز كەسپىنى ئىشلىسۇن ياكى باشقا كەسپكە ئورۇنلاشسۇن ، مەيلى جەمئىيەتنىڭ قايسى قاتلام ، قايسى ئورنىدا بولسۇن ، ھامان ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ . ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش نوقۇل ھالدا ياخشى خىزمەت ئورنى تېپىش ئۈچۈنلا ئەمەس ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنى ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر . بىر ستۇدېنت ئۆزنى ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەندىلا ، جەمئىيەت ئۇنى تاشلىۋەتمەيدۇ . ياخشى خىزمەت ، گۈزەل ھايات ئۇنى ھامان ئىزدەپ تاپىدۇ . جەمئىيىتىمىزدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، ئۆز كەسپىنى ئىشلەپ تۇرۇپمۇ ھېچبىر نەتىجە قازىنالماي ، ھەتتا كەسپىي بىلىمىنى ئاشۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلار بارغۇ . ئەكسىچە ، ئالىي مەكتەپ يۈزى كۆرمەي تۇرۇپ ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ شان - شەرەپ قۇچۇۋاتقانلار ئاز ئەمەسقۇ ؟
ستۇدېنتلىرىمىز ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ بىر پۇرسەت ، ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش مەيدانى . ستۇدېنتلارنىڭ ھايات يولىدا خەلقىمىزنى گۈللەندۈرۈش ، ۋەتىنىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ زەپەر قۇچۇشىنى كىممۇ ئارزۇ قىلمىسۇن . بىزنىڭ ستۇدېنتلىرىمىز باشتىن ئاخىر ھەممە ئىشتا ئۆزىگە ، خەلقىگە ، جەمئىيەتكە ۋە ۋەتەنگە قايىل قىلارلىق جاۋاب تاپالىشى كېرەك . مېنىڭچە ، بۇ ، ھەر بىر ئاتا - ئانىنىڭ ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى - ئۇستازنىڭ ، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدى ، بىز يەنىمۇ كۆپ ياراملىق ستۇدېنتلىرىمىزغا مۇھتاج!
مەنبە: لۈكچەك خاتىرىسى |