كۆرۈش: 2234|ئىنكاس: 19

تەپەككۇر مېۋىلىرىدىن 20تال سۇناي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

مەن تۇرغانلارغا

UID
5387
يازما
333
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
10033
تىزىملاتقان
2010-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-7
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-1 16:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.پۇلۇڭ ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئادەم بار يەردە سانىما.
2.بىر خاتالىقىڭ ھەممە ياخشىلىقنى، بىر ياخشىلىقىڭ بارچە خاتالىقىڭنى يۇيۇۋىتىشى مۇمكىن.
3.ئۆلۈم _ ئەڭ ئاخىرقى تارازا.
4.ئادەم ئۈچ ۋاقىتتا بەكرەك كۆرەڭلەيدۇ،بىرى،مەنسەپ تۇتقاندا،بىرى، باي بولغاندا،يەنە بىرى،ئىشلىرى ئوڭ كېلىپ ماختانغاندا.
5.كىشىنى سىناي دېسەڭ ھاجەتمەن بولۇپ ئالدىغا بار.
6. باي بولغاندا سېخىلىقىڭنى،ئاچ قالغاندا نەپسىڭنى،مەنسەپداربولغاندا خەلقچىللىقىڭنى سىنا.
7.ئېلىپلا قاچقان كىشىنىڭ ساڭا بېرىدىغىنى پۇشايمان.
8.مېھمان ئالدىدا بىرى يوقسۇزچىلىقتىن زارلىما، يەنەبىرى، بايلىقىڭدىن كۆرەڭلىمە.
9. ھايا بىلەن ناھەقچىلىقنى بىلمىگەندىن ھەزەر ئەيلە.
10. مەقسەتلىك ماختاش تەمەدىن ئىبارەت.
11. پۇل ئەمەس ، پۇل تىپىشنىڭ يولىنى سوراش ئەقىللىقنىڭ ئىشى.
12.ۋاپادارنىڭ يامان كۈنگە قىلىشى ئۆزگە كىشىدىن، ۋاپاسىزنىڭ يامان كۈنگە قىلىشى ئۆزى سەۋەبىدىن.
13.قورقۇنچاق ئەلدە سالاچى كۆپتۇر.
14.سالام بەرگەن _ ئادەم ، جاۋاب قايتۇرمىغان ھايۋان.
15.ھەرقانداق بىر تەرەققىيات يىمىرىشنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.
16.ئايالى مودىدەك، ئېرى موردىدەك.
17.نەسىھەت قىل لېكىن بۇيرۇق قىلما.
18.مىللەت ئايرىمىغان بايرام ئايرىماس.
19.نەتىجە ياخشى بولسا مەن تۆھپىكار، يامان بولسا مەن جاۋابكار.
20.يېزىلاردا لاتاپەتلىك قىزلىرىمىز سۇ توشۇپ ھارمايدۇ،ئالىي مەكتەپكە كەلگەن بەزى قىزلىرىمىز دىباغا بېرىپ ھارمايدۇ.

.
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2024
يازما
106
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1070
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-1 17:43:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتكەيسىز.

باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلايلى!

كۆيۈمچان ئەزا

مەن ئۆز ئەقىل - پ

UID
6629
يازما
95
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
3315
تىزىملاتقان
2010-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-1 17:59:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇخسىتىڭىزسىزلا  تەرمىلەر خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالدىم ھە.  سەت بولدى .
مۇشۇ خاتىرەمگە 10~~15 كۈندە بىر قىتىم  كۆڭلۈمگە ياققان نەرسىلەر بولسا رەتلىك كۆچۈرۈپ قويىمەن ، 2~~3 يىلدا بىر قىتىم پات پات كۆرۈپ تۇرىمەن ۋاقىت كونىرىغانسىرى مۇشۇنداق ئۇ يەر بۇ يەردىن كۆچۈرۈپ قويغان نەرسىلەرمۇ كىشىگە قەدىناس بوپ قالىدىكەن

ئىنسان ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
1006
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42729
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
425 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-11-1 20:12:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:تەپەككۇر مىۋىلىرىدىن 20تال سۇناي

* ئۆز جىمجتلىقى ئارقىلىق ئۆزىنى بايقاش_ئويغىنىش، ئۆز تەپەككۇرى ئارقىلىق ئۆزىنى يارىتىش_ياشاش دېمەكتۇر.
* بىر شاختىكى گۈللەرنىڭ بىر-بىرىنى ئاۋۇ ئانداق، ماۋۇ مانداق دەپ ئاداۋەت تېرىشى  گۈل قىسمىتىنىڭ باشلىنىشى، چۈنكى گۈللەرنىڭ شەكلى، پۇرىقى ھەرخىل بولسىمۇ، شېخى ۋە يىلتىزى ھامان بىر.
* سەن مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ بىچارە دېسەڭ، مەن سېنىڭ تۇيغۇڭغا قاراپ بىچارە دەيمەن.
* بىراۋنى دوستۇم دېيىشتىن بۇرۇن، مەن ئۇنۇڭ ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىيەلەيمەن، دېگەننى ئويلا.
* مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنىڭ ھەرئىككىسى يۈرەكتە بولىدۇ.
* بىر ئادەمنىڭ قەلبىدىكى ئورنۇڭنى رەنجىتكەن چاغدا بىل.
* ئاچچىقنى بېسىۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن يوشۇرغىلى بولمايدۇ.
* ئاجىزلارغا ئىتتەك مۇئامىلە قىلىدىغانلار، كۈچلۈكلەرگە كۈچۈكتەك مۇئامىلە قىلىدۇ.
* بەس-مۇنازىرىنىڭ ئوندىن توققۇزىنىڭ نەتىجىسى ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ مۇتلەق توغرا ئىكەنلىكىگە ئىلگىركىدىنمۇ بەكرەك ئىشىنىش بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ.

                                          _ شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىن.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

UID
3671
يازما
283
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
3110
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-1 22:58:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ شۇ كىشىڭ چىرايىدىن شۇ قايتۇرغان ئىپادىسىنى كۆرىسەن!
مۇبارەكنىڭ داۋامىنى قىتشى بىلەن  تىخىمۇ سەرخىل چىقىپتۇ ....

داۋاملىق تىرىشساملا ئىسىل كۈنلرىم ئالدىمدا...

كۆيۈمچان ئەزا

http://tejelliy67.blogbus.com/

UID
3429
يازما
163
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
6093
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-28
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-2 00:59:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ساقلىۋالدىم  تەپەككۈرىمنى ئۆستۈرۈش ئۆچۈن راسلا ياخشى ھىكمەتلەر ئىكەن .

ئاللاھ بەندىلىرىڭنىڭ كۈڭلىگە ئىنساپ بەر

دائىملىق ئەزا

بۇ سەپەردەمەن ئى

UID
1930
يازما
601
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
19809
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-2 10:09:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغانچىلىق تېئورىمىسى:  يۈز گىپىنىڭ توقسان توققۇزى يالغان بىرى گۇمانلىق!

تەپەككۇرنى قىلىمەن كومپاس،ئەمەلىيەت ماڭا بىر جەڭگاھ. ئېتىقادىم قوللايدۇ مېنى،ئۆزلۈكۈمگە سالغاچ ئارامگاھ... ئۇيغۇربەگ يۈكسەلمەكتە... http://www.uyghurbeg.net

تىرىشچان ئەزا

ئىنسان ئارمان بى

UID
2276
يازما
240
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2500
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-2 11:05:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇلۇڭ ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئادەم بار يەردە سانىما.بۇ ھەق گەپ

ئىنسان ئارمان بىلەن ياشاپ ،ئارمان بىلەن ئۆلىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

ھايا - قىز بوينىد

UID
405
يازما
375
تېما
17
نادىر
0
جۇغلانما
12588
تىزىملاتقان
2008-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-2 11:25:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
* ئادەم نىمىگە ئىرىشىشنى ئويلىسا ، شۇ نەرسىنىڭ قۇلى بولۇپ ياشايدۇ !
*سەن ئاۋال ئۆزۈڭنى قەدىرلەشنى بىل ، باشقىلار سىنى قانداق قەدىرلەشنى سەندىن ئۈگەنسۇن !
*نادان ئادەمنىڭ ئۆزىگە - ئۆزى قىلغان ئىشىنى ، ئەقىللىق ئادەم دۈشمىنىگىمۇ قىلمايدۇ !
* ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ھايات مۇساپىسىنى بىر قۇر ئەسلىسىلا ، ئۆزىنىڭ قايسى دەرىجىدىكى ئىنسان ئىكەنلىكىگە لىللا جاۋاپ تاپالايدۇ !

سىنىڭ شۇ تەرسا مىجەزىڭنى قىلچىمۇ ياقتۇرمىدىم !

UID
6418
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
390
تىزىملاتقان
2010-10-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-2 12:04:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20.يېزىلاردا لاتاپەتلىك قىزلىرىمىز سۇ توشۇپ ھارمايدۇ،ئالىي مەكتەپكە كەلگەن بەزى قىزلىرىمىز دىباغا بېرىپ ھارمايدۇ.
مانا بۇتېما بەك ياخشى يېزلىپ تۇ؟

ئەسكى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش