تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1473|ئىنكاس: 6

يېڭى ۋىجدان سورىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

مەن ئۆز ئەقىل - پ

UID
6629
يازما
95
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
3315
تىزىملاتقان
2010-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-1 12:47:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى ۋىجدان سورىقى


چاقىردى ئىسمىمنى قارىدىم شۇئان ،
ۋىجدانىم سورىدى ئۆزۈم ھەققىدە .
قانچىلىك گۈل ئۈندى باسقان ئىزىڭدىن ،
ھاياتقا باغلىدىڭ قانداق ئەقىدە؟

ھاياتلىق يولۇڭدا توغرا ماڭدىڭمۇ ،
تەنتەكلىك قىلدىڭمۇ ياكى قاراملىق ؟
ئۆستۈردۈڭ ئۆمرۈڭدە قانچىلىك كۆچەت،
يەپ - ئىچىپ ئۆتتىمۇ كۈنۈڭ داۋاملىق ؟

مەن تەكرار قارىدىم باسقان يولۇمغا ،
ئۆزگىگە ياخشىلىق قىلدىم قانچىلىك .
خىجىللىق ئىلكىدە ئويلاندىم ئۇزاق ،
ئەسلىسەم پەقەت يوق بىر تال دانچىلىك ؟


پۇشايمان ئىلكىدە ئويلاندىم بىر رەت ،
ھاياتتا ھەق يولنى تۇتۇپ ماڭدىممۇ ؟
گۇناھىم قانچىلىك  خاتالىقىمچۇ ،
بىر كۈنمۇ ئۆلۈمنى ئويلاپ باقتىممۇ ؟

ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھايات يولىدا ،
قانماستىن يەنە بىر سەپەر قىلغۇم بار.
ئازماستىن تىرىشىپ تۇتۇپ توغرا يول ،
ئەركەكتەك  قايتا بىر ياشاپ باققۇم بار.




مەنبە : قەلەم


ئىنسان ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
967
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42690
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
273 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-11-1 13:07:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەددىم ئوقتەك بولغاندا تۈپتۈز،
دىلىم ئېگىلىپ بولدى يادەك.
دىلىم ئوقتەك بولغاندا تۈپتۈز،
قەددىم ئېگىلىپ بولدى يادەك.

نۇرغۇن ئىشلاردا، قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن كەلگەن تېۋىشلارغا قۇلاق سېلىپ ياشاشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلساقمۇ، لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ شۇنچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىپ قالىمىز. دىمەك، بىر ئادەمنىڭ ۋىجدان دەۋىتى بىلەن ياشىشى بەسىي مۈشكۈل ئىش، بىراق مۇشۇنداق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ھەربىر يۈرەك بىزنىڭ تەرىپلىشىمىز ھەم ئۆگۈنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. بىزمۇ ياشاپ باقايلى، ياشاۋاتقاندەك...

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
1934
يازما
389
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-1 20:36:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلىك ھايات تولىمۇ مۇرەككەپ. بۇ مۇرەككەپ ھايات يولىدا بەزىدە ئۆز ئىختىيارىمىزغا بويسۇنمىغان ھالەتتە ياشاپمۇ قالىمىز، ئەمما ۋىجدانىمىز ھەر ۋاقىت بىزگە ھەمرا بولغىنىدا، چېكىدىن ئاشقان ۋىجدانسىزلىق، نامەرتلىك بىزگە ھەمرا بولۇۋالالمايدۇ.
   كومپيوتېرنىڭ بۇ شېئىرىنى ياقتۇردۇم، يېڭى ئىجادىيەتلىرىڭىزنى سۇنۇپ تۇرغايسىز.

ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.

UID
6643
يازما
71
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1662
تىزىملاتقان
2010-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-8
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-1 23:01:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمدە ۋىجدان ىمان بۇلمىسا.ھايۋاندىن پەرقى يۇق، رەخمەت قىرندىشم،

UID
6825
يازما
519
تېما
37
نادىر
0
جۇغلانما
11780
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
274 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-2 00:32:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قانچىلىك قىلالىدىم دەپ ئۆزىمىزگە سۇئال قۇيۇپ ياشىشىمىزنىڭ ئۈزى بىزدىكى بىر ئادىمىلىك پەزىلىتىدىن ئىبارەت ياخشى خىسلەتتۇر

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-2 00:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇناھىم قانچىلىك  خاتالىقىمچۇ ،
بىر كۈنمۇ ئۆلۈمنى ئويلاپ باقتىممۇ ؟

بۇ ئىككى مىسرانى بەك ياقتۇردۇم ،،، گۇناھىم قانچىلەك ،ساۋابىم قانچىلەك دەپ ئۆز -ئۆزىمىزدىن سوراپ تۇرماقمۇ ۋىجدان سورىقى بولسا كىرەك،،،،،،،

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
15575
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
352
تىزىملاتقان
2011-9-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 19:52:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋالاي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش