گۈل ئۈنگەن تۇپراققا باغرىمنى ياقتىم
ئەنۋەر ھىدايەت
قىزىل گۈل ئىشقىدا بۇلبۇل سايرىسا ،
گۈل ئۈنگەن تۇپراققا باغرىمنى ياقتىم .
بۇلۇتلار توپلىشىپ ئايدىن ئايرىسا ،
ھۇدۇقماي مەن يەنە قۇياشقا باقتىم .
پەرۋانە ئۇرۇلسا شامغا بىتاقەت ،
گۈلخانغا مەن شۇئان ئۈزۈمنى ئاتتىم .
قەلبىمدە ۋەتەنگە كۆكلەپ ساداقەت ،
ئاۋامغا مەڭگۈلۈك رېشتىمنى چاتتىم .
دوستلىرىم شان قۇچسا شاتلىقىم پەۋەس ،
قۇتلۇقلاپ ئۇلارنى قۇشاققا قاتتىم .
تاغلارغا ياماشسا بۇلۇپ ھەمنەپەس ،
جۇۋامنى سەپ ېرىپ،داق يەردە ياتتىم .
< سەدەپنى ئاق > دىدىم،قاغىنى < قارا > ،
<يامان >غا جىلمىيىپ چاپان ياپمىدىم .
ئۆتۇكۈم پۇتۇمنى قىلسىمۇ يارا ،
ئۆزگىنىڭ كەشىنى زىنھار ساپمىدىم .
بىراۋلار يېنىمغا تەلمۇرۇپ كىلىپ ،
قۇلىنى تەڭلىسە باھارنى بەردىم .
ناتۇنۇش بولسىمۇ < ئىنىم > دەپ بىلىپ ،
يۇلىدىن ئۇلارنىڭ تىكەننى تەر دىم .
چۆلنىمۇ گۈلزارلىق بېغىمدەك كۆرۇپ ،
بارخانلار قوينىدا چىچەكلەپ يۈردۇم .
ئىشلىگەچ بۇۋامدەك يىڭىمنى تۈرۇپ ،
توغراقتەك ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈردۇم .
كىملەرنى خوش قىلدىم،كىملەر رەنجىدى ؟
قىرىققا كىرسەممۇ ئويلاپ باقمىدىم .
< سورۇن > غا بارمىسام < دوستۇم > كەملىدى ،
خۇدۇمنى بىلەلمەي شىشە چاقمىدىم .
دېھقانغا يۇلۇقسام دېھقاندەك يۈرۇپ ،
تەبەسسۇم قىلغانغا بۇلاقتەك ئاقتىم .
ئۈزۈمنى ھەمىشە سادىردەك كۈرۇپ ،
گۈل ئۈنگەن تۇپراققا مەيدەمنى ياقتىم .
2010-يىل ، ماي، قاراقاشتا يازدىم .