كۆرۈش: 4865|ئىنكاس: 10

ئوكسفورد ۋە خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتلىرىنىڭ خىسلىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1901
يازما
32
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
333
تىزىملاتقان
2009-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-29 11:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوكسفورد ۋە خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتلىرىنىڭ خىسلىتى


 

ئوكسفورد ئۇنىۋېرېستېتى (ماتىرىيال رەسىم)

شوتلاندىيەنىڭ شىمالىدا بىر نامرات رايون بار بولۇپ ،بۇ رايوندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئىلتىماس قىلىش ئۆلچىمىگە توشىدىكەن .بۇ خەۋەر بۇ رايونغا نىسبەتەن يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيانقى چوڭ خەۋەر ئىكەن.شوتلاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپتۇ.لېكىن، كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىرافىسسورى يۈزتۇرانە ئىمتىھاندىن كېيىن ‹بۇ ئوقۇغۇچى ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتى تەلەپ قىلغان يوشۇرۇن ئىجاتچانلىق قابىليىتىنى ھازىرلىماپتۇ، قوبۇل قىلمايمىز دەپتۇ.›
‹قوبۇل قىلمايمىز؟!› بۇ نامرات رايوندىن 100 يىلدىن بۇيان ئاران چىققان ئەليۇل ئەلا تۇرسا! بۇ خەۋەر شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپتۇ.
ئەمەلدارلار بۇ ئىشنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش قارارىغا كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دەرىجىمۇ دەرىجە ياردەم تەلەپ قىلىپ مائارىپقا مەسئۇل ۋەزىرنى ئوتتۇرغا چۈشۈپ مەكتەپ تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشكە ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ. ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇدىرى ۋەزىرگىمۇ پەرۋا قىلماپتۇ. مائارىپقا مەسئۇل ۋەزىر مۇئاۋىن باش ۋەزىرنى مەكتەپ تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشقا دەۋەت قىپتۇ. مۇئاۋىن باش ۋەزىرمۇ بۇ ئىشنى ھەل قىلالماپتۇ. بۇ ئىش ئاخىرى بېرىپ ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بلايىرنىڭ ئالدىغا كەپتۇ، بىلايىر يۈزىنى قېلىن قىلىپ مەكتەپ تەرەپ بىلەن سۆزلەشمەكچى بوپتۇ.

بىلايىر بارلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ مەكتەپ رەھبەرلىگىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىپتۇ، مائارىپنىڭ ئۈلگىلىك رولىدىن تارتىپ ئۇلۇغ بېرتانىيە رايونىنىڭ ئىتىپاقلىغىغىچە، مەدىنيەتتىن تارتىپ ئىقتىساتقىچە، ئىقتىساددىن تارتىپ سىياسىغىچە، كىچىك دائىرىدىن تارتىپ چوڭ ۋەزىيەتكىچە ھەممىنى سۆزلەپتۇ، لېكىن مەكتەپ تەرەپ يەنىلا ئۆزىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلماسلىق پىكرىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. مەكتەپ رەھبەرلىگى يەنە سۆز تارقىتىپ ‹ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتى پىروفىسسورىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىش ھوقوقى يوق. ۋەزىر بولسىمۇ بولمايدۇ! › دەپتۇ.

بۇ ئىش بلايىرنىڭ يۈزىنى تۆككەندەك بوپتۇ ھەم ئىچىدە ئاچچىغى كەپتۇ ھەم ئىچكى قىسىمدا ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىدىكىلەر بەك جاھىل دەپ تەنقىدلەپتۇ. نەتىجىدە بۇ گەپ مەكتەپ تەرەپنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ، غەزەپلەنگەن مەكتەپ رەھبەرلىگى ئەسلىدىكى بىلايىرغا پەخرى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىغىنى دەرھال جاكارلاپتۇ.
بۇ ئىش باشقا قايسى دۆلەتتە يۈز بەرسۇن ، مەكتەپ رەھبەرلىگى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن، لېكىن ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت بۇ دېمكىراتىك دۆلەتتە باش ۋەزىر بلايىر ئاچچىغىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر.

دۇنياغا مەشھۇر ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتى مانا مۇشۇنداق. بۇ جەھەتتە خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىمۇ ھەرگىز قېلىشمايدۇ.

 

 

 

 

 


 خارۋارد  ئۇنىۋېرېستېتى (ماتىرىيال رەسىم)

1986-يىل خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىىنىڭ قۇرۇلغانلىغىغا 350 يىل توشقان بولۇپ مەكتەپ 350 يىللىق خاتىر كۈنىنى ۋە شۇ يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنى بىرگە ئۆتكۈزمەكچى بوپتۇ، ھەم شۇ چاغدىكى پرىزىدېنت رىگاننى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ۋە نوتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىپتۇ. چۈنكى خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى قۇرۇلغانلىغىنىڭ 300 يىللىق خاتىرە كۈنى پرىزىدېنت روزۋېلتمۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئىكەن، ھەم بۇ ئىش مەكتەپنىڭ شۆھرىتىگە شۆھرەت قوشىدىغان ئىش. پرىزىدېنت رېگان تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن پائالىيەتكە قاتنىشىشقا قوشۇلۇپتۇ لېكىن ئاستىرتتىن مەكتەپتەپتىن ئۆزىگە پەخرى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىشنى بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. بۇ ئەسلىدە كىچىككىنە بىر ئىش بولسىمۇ ، مەكتەپ تەرەپ مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن ، پرىزىدېنت ھىچقانداق ئىلمى تەتقىقات بىلەن شوغۇللانمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسىنى بىردىن بىر ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ پروفېسسور تەكلىپ قىلىدىغان ۋە پەخرى ئۇنۋان بېرىدىغان تۈزۈمنى ئورناتقان بولۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ھەيئىتى مەكتەپنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش ئۈچۈن رېگاننىڭ تەلىۋىنى كەسكىن رەت قىپتۇ. مەكتەپتىن دەككە يىگەن پرىزىدېنت رىگان، مەكتەپنىڭ 350 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشماپتۇ.
خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى پرىزىدېنتنى رەت قىلالاپلا قالماستىن، مەكتەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىدىمۇ ھەرگىز بوشاڭ ئەمەس.

ھېنرى. كېسىنگىر خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى ھۆكۈمەت فاكولتىتىنىڭ ئەلا ئوقۇغۇچىسى.،1947-يىل ‹دۆلەتلىك ئۈگەنگۈچىلەر ئوقۇش مۇكاپاتى›غا ئېرىشكەنلىگى ئۈچۈن بۇ ئۇنۋېرسىتىتقا كىرگەن، تىرىشچانلىغى، ئىنكاسىنىڭ تېزلىگى، ئىزدىنىپ ئۈگىنىدىغانلىغى، ئەلا نەتىجىسى بىلەن ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكەن.1950-يىلى ئۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ،4 يىلدىن كېيىن دوكتۇرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، مۇنەۋۋەر ياش سىياسىئونغا ئايلانغان. ئۇ ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدا ‹خارۋارت ئۇنۋېرسىتىتى خەلقارا لېكسىيەسى› گە رىياسەتچىلىك قىلىپ نۇرغۇن پروفېسسور ۋە سىياسىئونلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.1959-يىلى ‹يادرو قورالى ۋە تاشقى ئىشلار ئىستراتىگىيىسى› دىگەن كىتاپىنى نەشر قىلدۇرۇپ بىراقلا داڭ چىقارغان. 1962-يىل خارۋارتتا پروفېسسور بولغان، 1969-يىل نىكسون ھۆكۈمىتىنىڭ دولەت بىخەتەرلىگى ئىشلىرى ياردەمچىسى، كېيىنچە دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى بولغان.1977-يىل ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ ۋېيتنام ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىگى ئۈچۈن 1972-يىل نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نېكسون بىلەن جوڭگونى زىيارەت قىلىپ، جوڭگو ئامېرىكا تاشقى ئىشلار تارىخىدىكى بۇرۇلۇشنى ۋۇجۇتقا چىقارغان. يەنە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئۆتكۈزىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان........... بۇ بىر قاتار تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق دۇنياغا داڭلىق سىياسىئونغا، تاشقى ئىشلار مۇتەخەسىسىگە ئايلانغان.

نۇرغۇن شەرەپكە ئىرىشكەن كىسىنگىرنىڭ كۆڭلىدە پەقەت بىرلا ئارزۇسى بار بولۇپ ، ئو بولسىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئانا مەكتىپىگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئىكەن، بۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ نەزىرىدە تاقاشقۇدەك ھىچنەرى يوق ئاددىلا بىر ئىش شۇنداقلا خارۋارتقا نىسبەتەنمۇ تىلەپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان ياخشى ئىش، لېكىن بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىغان. شۇ ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پروفېسسور بوك ھىچقانداق ئىككىلەنمەستىن كېسىنگىرنى رەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دىگەن ‹كىسىنگىر ئەپەندى خارۋارت ئۇنۋېرسىتىتىدىن چىققان چوڭقۇر بىلىملىك ئادەم، شەخسى مۇناسىۋەتكە كەلسەك مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىممۇ يامان ئەمەس. بىراق ماڭا لازىمى ئوقۇتقۇچى، نوپۇزلۇق ئەرباپ ئەمەس، مەن ھەرگىز پۇل خەجلەپ بىر داڭلىق ئەرباپنى تەكلىپ قىلمايمەن ›.
ئەمىليەتتە دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى كېسىنگىر داڭلىق خەلقارا مۇناسىۋەت ئىلمى مۇتەخخەسىسى، ئۇنىڭ قابىليىتى خارۋارتتىكى ھەرقانداق بىر پروفېسسوردىن قېلىشمايدۇ، ئۇنى رەت قىلغان ئەمىليەتتە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۇ سۆزىلا ئەمەس، بەلكى ‹ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى 2 قاراردىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ، مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىيىتى يوق › دىگەن تۈزۈم.

بەلكى قائىدە تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشتا پولاتتەك چىڭ تۇرۇش، ھىچنىمىگە باش ئەگمەسلىك قاتارلىق خىسلەتلەر ئوكسفۇرد، خارۋارد قاتارلىق دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ ئۆز خاسلىغىنى يوقاتماي، كۆپ ئۆزگىرىشچان دۇنيادا شۆھرىتى ھەريانغا تارىلىپ، نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان قەد كۆرۈرۈپ تۇرغانلىغىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك.


 خارۋارد  ئۇنىۋېرېستېتى (ماتىرىيال رەسىم)

‹ئالاھىدە دىققەت› ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان ئوخشاش تېمىلىق ماقالىغا ئاساسەن ئەلكۈيى تورىدىن ئايسۇلتان تەرجىمە قىلدى.ئەلكۈيى تورىدىن باشقا بېكەتلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
nafisa + 50 ئەجرىڭىزگە ك ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 50   باھا خاتىرىسى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6514
يازما
139
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1420
تىزىملاتقان
2010-10-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-29 11:28:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ داڭلىق ئونۋىرسىتتا ئوقۇشقا بىزنىڭ باللىرىمىزغا نىسىپ بولۇپ قالارمۇ؟

UID
3254
يازما
98
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2529
تىزىملاتقان
2010-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-29 14:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە داشۆلەر مۇشۇنداق بولغان بولسا ياخشى بۇلاتتى ! ھەي .................

كۆيۈمچان ئەزا

بەختلىكمەن ،ئال

UID
2277
يازما
163
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
4956
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-29 14:34:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خارۋارد سىزگە شۇنداق دەيدۇ
چېن زۇفېن


تىتانىك ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كېتىۋاتقاندا،ساياھەتچىلەر(سەيياھلار) پالۇبىغا چىقىۋېلىپ كىچىك قولۋاققا قىستىلىشىۋاتاتتى،يالغۇز ۋىدېنېر ئىسىملىك بىر ياش جەسۇرلۇق بىلەن قارشى يۆنىلىشكە مېڭىپ كايۇتاغا(كېمىنىڭ قازنىقى) قايتتى،پەقەت شۇ فرانىس بىكوننىڭ بىر نەسىرلەر توپلىمىنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى ئىدى. ۋىدېنېر، نەسىرلەر توپلىمى ۋە تىتانىك ناملىق پاراخوت بىللە چۆكۈپ كەتتى. كىتابنى ھاياتىدىنمۇ ئەزىز بىلگەن بۇ ياش خارۋاردنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.
ۋىدېنېرنىڭ ئانىسى تىتانىك ناملىق كېمىدە بەختىگە يارىشا ئامان قالغان خانىم ئىدى. مۆھتىرەم خانىم ۋىدېنېرنىڭ نامىدا خارۋاردقا بىر كۈتۈپخانا سېلىپ بەردى. بۇ ۋىدېنېر كۇتۇپخانىسى خارۋاردتىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي پەنپلەر تەتقىقاتى كۈتۈپخانىسى، كىتابلارنىڭ ئۆزىلا 34 مىلىيون 500 مىڭدىن (345 تۈمەندىن ) ئاشىدۇ. كۈتۈپخانىنىڭ ئالدى دەرۋازىسىنىڭ ئىككىلا تەرىپىدە بىردىن تاش ئابىدە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم مۇنداق يادنەمە ئويۇلغان:
« ۋىدېنېر خارۋاردنى پۈتتۈرگەن. تىتانىك ناملىق پاراخوت غەرق بولغاندا ئالەمدىن ئۆتكەن.ئۇ 1885-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1912-يىلى 4-ئاينىڭ12-كۈنى ۋاپات بولغان.»
«بۇ كۈتۈپخانىنى ۋىدېنېرنىڭ ئانىسى تەقدىم قىلغان، بۇ بىر مۇھەببەت يادنامىسى.1915-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى»
خارۋاردتا ئوقۇغانلارنىڭ شۇنداق بىر ئەنئەنىسى بار: خارۋاردقا ياردەم بېرىش.
خارۋاردنىڭ مەبلىغىنىڭ ئۈچتىن بىرى ياردەمدىن كېلىدۇ.نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ
ئائىلە باشلىقلىرى خارۋاردتتىكى مەكتەپداشلار، خارۋاردلىقلار. ئەۋلادمۇ ئەۋلاد خارۋادلىقلار، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن بايلىقنى يەنە ئانا مەكتىپى خارۋاردقا قايتۇرىدۇ. ھەر يىللىق ئىئانە پۇلى خارۋاردنىڭ كىرىمىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى.
بېرىش ھەمىشە ئۆز ئارا بولىدۇ.خارۋارد ئاۋال بەرگەنمۇ ياكى خارۋاردقا ئاۋال بېرىلگەنمۇ، بۇ گەپكە بەئەينى توخۇ بۇرۇنمۇ، تۇخۇممۇ دېگەندەك بىر نىمە دېمەك قىيىن.بەلكى بۇنى پەقەت خارۋاردلا ئېيتىپ بېرەلىشى مۇمكىن.
خارۋاردتا ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەر يوق، پەقەت يېڭى ئەنگىلىيەنىڭ قىزىل خىش تاملىرىلا بار، نوبىل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭمۇ مەكتەپ قورۇسىدا كۆزگە چېلىقمىغۇدەكلا ماشىنا توختىتىش ئورنى بار. قانداقلا بولمىسۇن خارۋاردتىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى 100جايدىكى كۈتۈپخانا، بولۇپمۇ بىر بىرىدىن ئۆتە كۈتۈپخانىدەك ئاشۇ كىشىلەر، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر ئادەم بىر كۈتۈپخانا. خارۋارد ياكى خارۋاردلىقلارغا ھېچقانداق زىننەتلەش لازىم ئەمەس.
بەزىلەر شى خۇاسى(بەنجىمىن لى كۋارتىز) نى خارۋاردتىكى شەرقنىڭ مەشھۇر كۇڭزىچى ئۆلىمالىرىدەك كىشى دېيىشىدۇ،ئۇ راك ئوپېراتسىيىسى قىلىنغان 82ياشتىن ئاشقان مەزگىلىدە،ئارىلاپ يىقىلىپ قالسىمۇ، ئاۋۋالقىدەكلا ھەر ئەتىگىنى ئىشخانىسىغا ۋاقتىدا كېلىپ خىزمەت قىلاتتى.ھالبۇكى ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى پەلتويىنى ئاسىدىغان ئىككى دانە كىيىم ئاسقۇچ،ئەمەلىيەتتە تۆمۈر سىمنى قالايمىقان يۆگەپلا ياسالغان ئىدى.
مەلۇم بىر پروفېسسور ئوقۇغۇچىسىغا مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ دەرسىمنى ئۆگەنسىڭىز، كۈنىگە ئىككى سائەتلا ئۇخلىيالايسىز».خارۋاردنىڭ دوكتور ئوقۇغۇچىسى، ئېھتىمال ھەر ئۈچ كۈندە چوڭ بىر كىتابنى ئوقۇپ چىقىشى،ھەر بىر كىتاب نەچچە يۈز بەت بولىشى، يەنە تېخى كىتاب ئوقۇش دوكىلاتى تاپشۇرۇشى مۇمكىن. خارۋاردتىن چىقىپ كۆۋرۈكتىن ئۆتسىلا بوستونغا بارىدۇ، ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى جاڭ گۇاڭجى خارۋاردتا دوكتورلۇقتا ئوقىۋاتقان يىللىرىدا،كۆۋرۈكتىنمۇ ئۆتۈپ باقمىغان.
خارۋاردنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياكى پروفېسسورى دېگەنلىك،ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇ بىر شان-شەرەپ ئەمەس، بەلكى بىر ئىسپات.
ئىنساندا زادى قانداق ئىرادە بولسا بولىدۇ،ئادەم يوشۇرۇن كۈچىنى قانداق قىلىپ جارىي قىلدۇرالىشى مۇمكىن؟ بۇنى خارۋارد سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ.
خارۋارد بىر خىل سىمۋول،ئەڭ يۇقىرى ئەقىل-پاراسەتنىڭ،ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ سىمۋولى.
ئىنساننىڭ ئىرادىسى، ئىستېداتى، غايىسى نېمە ئۈچۈن خارۋاردتا ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ بۇنى خارۋارد سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ.
خارۋاردنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا،گەپ قىلىشقاننى ئاڭلىماق تەس،ھەممە ئوقۇغۇچى پىسا،كولالىرىنى تەييار قىلىپ بولۇپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، چاپانلىرىنى يەرگە قويۇپلا، تاماق يېگەچ كىتاب كۆرىدۇ ياكى خاتىرە يازىدۇ.مەن قايسىدۇر بىرىنىڭ تاماقلا يەپ كىتاب كۆرمىگىنىنى يولۇقتۇرۇپ باقمىدىم، بىرەرىنىڭ تاماق يېگەچ قۇرۇق پاراڭ سېلىپ ئولتۇرغىنىنى تېخىمۇ كۆرمىدىم. تۇيغۇمدا، ئاشخانا پەقەتلا بىر تاماق يېيىشكە بولىدىغان كۇتۇپخانا، خارۋاردتىكى 100چە ئەنئەنىۋىي كۇتۇپخانىنىڭ سىرتىدىكى باشقا خىلدىكى كۇتۇپخانا.

خارۋاردنىڭ دوختۇرخانىسى، ئوخشاشلا جىمجىت، مەيلى قانچە كۆپ داۋالىنىشنى كۈتۈپ تۇرغۇچى بولمىسۇن يەنىلا بىرمۇ كىشى گەپ قىلمايدۇ،كىتاب كۆرمىگەن،خاتىرە يازمىغان بىرمۇ ئادەمنى ئۇچرىتالمايسىز.دوختۇرخانىمۇ ئەمەلىيەتتە پەقەت كۇتۇپخانىنىڭ كېڭەيتىلمىسى.
شۇنداق قىلىپ خارۋاردتىن چىققان نوبىل مۇكاپاتى ساھىبلىرى 33، ئامىركا زۇڭتۇڭى يەتتە.خارۋاردنىڭ مەكتەپ قورۇسىدا ھەشەمەتلىك كىيىنىشلەرنى،پەرداز قىلغانلارنى،ئۇچراتمايسىز، لاغايلاپ يۈرگەننى تېخىمۇ كۆرمەيسىز،پەقەتلا شىپىر-شىپىر ئاياغ تاۋۇشلىرىنى، مەزمۇتلۇق بىلەن ھاياتلىقنىڭ سەھىپىسىنى يازغاننى كۆرىسىز.خارۋارد ئەپسانە ئەمەس، ئۇ پەقەت بىر ئىسپات، ئىنساننىڭ ئىرادىسى،مەنىۋىيىتى،كۆڭۈلگە پۈككىنى،غايىسىنىڭ ئىسپاتى.
ئامىركىدا، پىيادىلەر تەرتىپ بويىچە قىزىل چىراقنىڭ باشقۇرىشىغا بويسۇنىدۇ،خارۋاردنىڭ قورۇسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. خارۋاردلىقلار قىزىل چىراققا ئىشەنمەيدۇ،پەقەت ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىغا، ھەر بىر مىنۇتىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشىنىدۇ،رەختكە يىڭنە سانچىغاندەك تېز قەدەمدە يول يۈرىدۇ،خۇددى يېنىدا ئادەممۇ،ماشىنىمۇ يوقتەكلا.
خارۋاردنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئادەتتىكى ئائىلىلەر كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ.خارۋاردنىڭ قوروسىدا، ئېھتىمال شۇنداق بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بولۇشى مۇمكىن،ئۇلار ھەر بىر دەرس ئۈچۈن دوللار تۆلىسىمۇ، بىراق ئىلمىي ئۇنۋان ئالالمايدىغان. بۇمۇ خارۋاردنىڭ كىرىمىنىڭ كۆرۈنەرلىك قىسىمى.ئەمما، سىز كىمنىڭ ئۇنۋان ئالالايدىغان،كىمنىڭ ئالالمايدىغىنىنى بىلەلمەيسىز. چۈنكى ھەممە ئۆز يولىغا ئالدىرايدۇ، پىسا قاتلىمىسى يېگەچ كىتاب كۆرىدۇ.
خارۋاردتا جۇڭگولۇقلار ئاز ئەمەس. بىر قېتىم نەچچە جۇڭگولۇق كېتىۋاتقاچ ئالدىدىكى بىر قانچە ئامرىكىلىقنىڭ «چەتئەللىك» ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرىلىشىۋاتقاندا، ئۇ ئامىركىلىق كۈلدى ۋە ساپ خەنزۇتىلىدا:بۇ يەردە چەتئەللىك دېگەن سىلەر! دېدى.
مەن ھەر دائىم بارىدىغان جاي خارۋاردنىڭ مەيدانىدىكى كىتابخانا، ئۇ جايدىكى كىتابخۇمارلىقنى ياقتۇرىمەن،خارۋاردنىڭ تىجارەتتىكى دىتىغا قايىل بولىمەن.ئويۇنچۇق ئېيىقچاققا «خارۋارد ئۇنىۋېرستېتى» دېگەن خېتى بار قىزىل مايكا كىيگۈزۈلگەن،كالتە يەڭ مايكىلارغا خارۋارد قانۇن ئىنىستىتۇتى،سودا ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ بەلگىلىرى بېسىلغان،ھەرخىل باش كىيىم،سومكا،قەلەم،دەپتەر،ئىستاكان،ھۆججەت پاپكىسى،ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى خارۋارد،خارۋارد. خارۋاردنىڭ ھەرخىل خەت نۇسخىلىرى بېسىلغان،ھەممىسى خۇددى بىر سىرلىق ھېكمەتتەك.
كىچىكلا بىر مويلۇق ئېيىقچاق، 19دوللار ئەتراپىدا سېتىلىدۇ. نىمىشقا؟ چۈنكى،مەلۇماتى، كىملىكى(سالاھىيتى)،قەدىر-قىممىتى بار ئېيىقچاق،خارۋارد ئېيىقى. ئادەتتىكى بىر ئىستاكان(كۇرۇشكا) تەخمىنەن 16دوللار.

  نىمە .ئۈچۈن؟چۈنكى،دەرىجىسى بار،مەنىسى بار،تىرەنلىكى بار ئىستاكان،خارۋاردنىڭ ئىستاكانى

مەنبەسى:مۇئەللىپ تەرجىمىسى



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
nafisa + 30 ئەجرىڭىزگە ك ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 30   باھا خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

بەختلىكمەن ،ئال

UID
2277
يازما
163
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
4956
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-29 14:41:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا شۇ مەكتەپلەردە ئوقۇش نىسىب بولغان بولسىچۇ؟ ماڭا ھەممىدىن خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ  ئوقۇ_ئوقۇتۇش روھى بەك يارايدۇ.ئەگەر ماڭا نىسىب بولمىغان تەقدىردىمۇ بالىلىرىمنى بولسىمۇ شۇ جايلاردا ئوقۇغۇدەك تەربىيەلەشكە تىرىشىمەن،ئاللاھ خالىسا.

UID
2333
يازما
383
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
11994
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-29 15:33:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى ئايسۇلتاننىڭ ئەجرىدە ئىككى ئۇنىۋېرسىتىت توغرىلىق كۆپ ئۇقۇمغا ئىگە بولدۇم، ھەقىقەتەن ھەر قانداق كىشى ئارمان قىلغۇدەك بىلىم يۇرتى ئىكەن.

مۇئەللىپنىڭ قىستۇرمىسىغىمۇ كۆپ رەھمەت.
تەكلىپ: ئىنكاسىڭىزدىكى <كۈتۈپخانا> دېگەن سۆزنى <كۇتۇپخانا> قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويغان بولسىڭىز .

ئۈمىدلىك ئەزا

مېھرىبان پەرىشت

UID
6488
يازما
61
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
620
تىزىملاتقان
2010-10-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-29 15:54:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داشۆ دىگەن نىمە گەپ ئۇ ؟ مەن چۈشۈنەلمىدىم  

ئايال كىشى ھامان ئۆزىنى قەدىرلىشى كېرەك

كۆيۈمچان ئەزا

بەختلىكمەن ،ئال

UID
2277
يازما
163
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
4956
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-29 15:56:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 5قەۋەتتىكىtikan يوللىغان 2010-10-29 15:33 غا قارتىلغان  :
تېما ئىگىسى ئايسۇلتاننىڭ ئەجرىدە ئىككى ئۇنىۋېرسىتىت توغرىلىق كۆپ ئۇقۇمغا ئىگە بولدۇم، ھەقىقەتەن ھەر قانداق كىشى ئارمان قىلغۇدەك بىلىم يۇرتى ئىكەن.

مۇئەللىپنىڭ قىستۇرمىسىغىمۇ كۆپ رەھمەت.
تەكلىپ: ئىنكاسىڭىزدىكى <كۈتۈپخانا> دېگەن سۆزنى <كۇتۇپخانا> قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويغان بولسىڭىز .

رەھمەت سىزگە تىكەن!
بەك ئەستايىدىل ئىكەنسىز.ئىملاغا شۇنچە دىققەت قىلدىم دېسەممۇ «كۇتۇپخانا» دېگەن سۆزنى ئېغىز تىلىم بويىچىلا يېزىۋېتىپ قاپتىمەن.تۈزۈتۈپ قويدۇم.

UID
6670
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1209
تىزىملاتقان
2010-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-29 16:16:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى قۇدرەت دېگەن بالا ئوقۇدىغۇ خارۋاردتا...

يار ئىزدىسەڭ ئاللاھ يېتەر.

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
957
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
42680
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
155 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-29 22:49:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خارۋاردنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بىر گىپى باركەن، يەنى : < نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى ئوقۇغۇچىلاردىن قورقىمىز >.

بۇنداق دېگىنى، ئادەتتە پەقەت نەتىجىگىلا كۈچەپ، تىرىشپ ئۆگۈنىدىغان ئوقۇغۇچىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى سەل كەمچىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەرستىن سىرتقى بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرى ئۆزىدىن تۆۋەنرەك نەتىجىدىكى بالىلاردىن سەل كەينىدىرەك بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا بەك قاراپ كەتمەي، ئۇلارنىڭ كەينىدىرەك بولسىمۇ، بىراق باشقا ئالاھىدىكلىرى گەۋدىلىكرەك بولغان ئوقۇغۇچىلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.

سىتانفورد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىنى خىيالەن ئويلاپ قويىمەن بەزىدە، تاتلىققىنە~!

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش