كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادەم نۇرغۇنلىغان ئەگىرى توقاي يوللارنى بېسىپ ئوتىدۇ. ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يولىنى تاللاش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم بىر تاللاش.
ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يولىنى تاللاشنىڭ بىر قانچە مۇھىم نۇقتىلىرى بار. قانداق قىلغاندا ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ئوزىگە ماس كېلىدىغان يولنى تاللىغىلى بولىدۇ؟ ئەمىلىيەتتىكى جاۋاپ بولسا، سىز تۆۋەندىكى 4 يول ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان بىر يولنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ، قىزىل، سېرىق، كوك، قارا 4 خىل رەڭدىكى يول.
قىزىل يول --- سىياسى ياكى دۆلەت مەمۇرلىرى خىزمىتى يولىنى تاللاش. بۇ يولنى ماڭماق ناھايىتى تەس، بۇ يول بولسا سىياسى ئارتۇقچىلىقى بار ياكى ئائىلىسىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى قىزىل بولغان ئوقوغۇچىلارغا ماس كېلىدۇ.
سېرىق يول --- خەلىقئارالىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ياكى دۆلەت ئىچىدە بىرىچى ئورۇندا تورىدىغان بولمىسا شۇ جايدىكى بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ شېركەتلەرنى تاللاش. ئەگەر سىزدە باشقۇرۇشتىكى ئىقتىدار، كارخانىدىكى كۆتىرەڭگۈلىكىڭىز، جۇرئەتلىك ئىقتىدارىڭىز، كوللىكتىپلىق ئاڭلىقلىقىڭىز بولسىلا مۇشۇنداق پۇرسەتكە ئىنتىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
كۆك يول --- چەتئەلدە ياكى دۆلەت ئىچىدە قايتا بىلىمىڭىزنى ئاشۇرۇڭ. يۇقىرى تەبىقىدىكى ئورۇنغا چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگۈنۈڭ. سىزنىڭ كەسپىڭىز چوقۇم جەمئىيەتكە ماس كېلىشى كېرەك، تاللىغان يولىڭىزغا تەرەققى قىلىدىغان بوشلۇق ئەپ قويۇڭ، سىز ئالى بىلىم ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ بىۋاستە ياكى ئالدىرماي جەمئىيەتنى چۈشۈنۈڭ.
قارا يول --- قارا يول چوقۇم قارا يول بولمايدۇ. سىز ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلاردا ئىشلىسىڭىز بولىدۇ، ئۆزىڭىز كەسىپ ياراتسىڭىز بولىدۇ، باشقا ئىدارە- ئورگانلاردا ئىشلىسىڭىز بولىدۇ. ئاساسلىقى جاپالىق كۈرەش قىلىش ئىدىيىسىنى ھازىر قىلىشىڭىز كېرەك، يەنە مەلۇم پەيىت كەلگەندە يۇقارقى كۆك يول ، سېرىق يول، ھەتتاكى قىزىل يولغا كىرىشكە تەييارلىق قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
تۇرمۇش يولىنىڭ باشلىنىشى ناھايىتى كۆپ. لېكىن ھەرقانداق بىر يولنىڭ تۈز بولىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەرقانداق بىر يول ئەگىرى - توقايلىق بولىدۇ، شۇ ئەگىرى - توقايلىق يوللار بىزگە مۈشكۈلات ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن شۇ ئەگىرى - توقايلار بىزگە كۆپلىگەن تۇرمۇشنى تونىشتۈرىدۇ ۋە ئۆگىتىدۇ.
------------------------
دۇنيادا ئەسلى يول بار ئەمەس ،كىشىلەرنىڭ مېڭىشىدىنلا يول شەكللەنگەن !
-لۈشۈن
تېمىلارنى رۇخسىتىمسىز قالايمىقان باشقا تور بەتكە يۆتكەپ كەتمەڭ! |