- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 106
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1070
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-7
- UID
- 2024
- يازما
- 106
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1070
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-7
- توردا
- 0 سائەت
|
ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن بىر ھويلىدا تۇرۇدىغان بولۇپ،خوتۇنلىردىن ئۆلگىدەك قورقىدىكەن. بىر كۈنى ئىككىسى بۇ ئەلەمگە چىدىماي چىلاشقۇدەك ئىچىشىپتۇ ۋە بۇندىن كىين كىم خوتۇنىدىن قورقسا شۇ ھەقىقى ئەركەك ئەمەس دىيىشىپ ئۆيلىرگە قايتىشىپتۇ.
ئاكىسى ئۆيگە كىرىپ شۇنداق قارىسا خوتۇنى دەر غەزەپ بىلەن تۇرغۇدەك؛"ھەي !نەگە باردىڭ؟!"
"ھېچ...ھېچ....ھېچيەرگە........"
"ئەمسە نىمانداق كەچ قالدىڭ؟! ماڭ ، تېزدىن داسقا سۇ ئەكىر!" ئۇ ياۋاشلىقچە داسقا سۇ ئەكىرىپتۇ .
"دەرھال پۇتۇمنى يۇ !"
"خوتۇن ،بۇ....بۇ....."
"يۇ دېگەندىكىن يۇمامسەن !" بىچچارە بايقۇش ئامالسىز پۇتۇنى يۇيۇپ قويۇپتۇ.
"ئەمدى بۇ سۇنى ئىچىۋەت!"دەپتۇ داستىكى سۇنى كۆرسىتىپ.
"خوتۇن بۇ مەينەت سۇنى قانداق ئىچكىلى بولىدۇ؟"
"نىمە تولا گەپ بۇ ؟.ئىچ دىگەندىكىن ئىچمەمسەن!!!"
"بۇنداق لاۋزا سۇنى قانداقمۇ ئىچكىلى بولىدۇ؟ئەمسە ئازراق شىكە سىلىپ بىرىڭلار."
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئايالى شىكەر سىلىپ بەرگەن مەينەت سۇنى سۇنى ئىچىۋىتىپتۇ.
بۇنى دەرىزىدىن كۆرۇپ تۇرغان ئىنىسى"ما لاۋزا ئاكامنىڭ قىلقىنى !"دەپ كەينىگە شۇنداق بۇرۇلىشىغا خوتۇنىنى كۆرۇپتۇ.
"ھەي!..سەن بولساڭ قانداق قىلىتىڭ؟"
"شىكەر ساممايلا ئىچىۋىتىتىم!" |
|