ئايلىنىپسەن قەلبىمدىكى ئازاپقا
ماڭا بەرگەن ئۆتكەندىكى سۈرىتىڭ،
كۈلۈپ تۇرار شۇنچە ئۇماق ،چىرايلىق.
گۈزەللىكتىن سوزلەپ تۇرقوڭ ھىكايە،
چىقىپ تۇرار كۆزلېرىڭدىن سەبىلىك.
ئەشۇ يىراق دېڭىزدىكى شەھەردە،
سەن چۇشۇپسەن مۇشۇ گۇزەل سۇرەتكە.
خان ئەتلەستىن كىيىۋىلىپ كۈينەكلىك،
ئايلىنىپسەن دېڭىزدىكى پەرىگە.
ئەشۇ سۈرەت خاتىر قىلغان سوۋغىتىڭ،
دېرەك بېرەر زادى ماڭا نىمىدىن.
بىلەلمىدىم شۇندىن بېرى ئۆزەمنى،
مۇھەببەتمۇ ياكى ئازاپ-سۆيگۇدىن.
مەيلى مېنى باشلاپ بارغىن سۆيگۇگە،
ياكى مېنى تاشلاپ بەرگىن ئازاپقا.
بىلىپ قالدىم شۇندىن بېرى سىرىڭنى،
ئايلىنىپسەن قەلبىمدىكى ئازاپقا.
مەنبە:قەلەم |