رۇبائىيلار
مىرزا ئابدۇلقادىر بېدىل ( ھىندىستان)

نادانلىق ئوۋىنىڭ ئولجىسى ھەسرەت،
نادانلىق يازىنىڭ يامغۇرى كۈپەت.
چاچ يۇلۇپ دادلىماق بىلىمسىزلىكتۇر،
ئويغاقلىق ئەينىكى ئەمەس نادامەت.

دۇنيادا ھەر ۋاقىت يېڭىلىق، ھەۋەس،
كونىراپ چىقىدۇ ھەر يېڭى نەپەس.
شۇ گەپتىن قىزىقتۇر دۇنيا بازىرى،
ئەقىل قۇلىقىنى تۇت ئالەم گەپتۇر،بەس.

ھاياتتىن ئەندىزە ئالمىغان كۆز كور،
ھەسەلدەك شىرنىلىك بولمىسا ئۇ شور.
ئالمىشىپ تۇرمىغان لىباس كونىرار،
يېڭىلىق بولمىغان ئۆيمۇ قارا گۆر .

پايانسىز بىلىملەر سەندە مۇ جەسسەم ،
ئەنقادىن بۈيۈكرەك بەزەن پاشا ھەم .
جاھان مەۋجۇداتى بىرلىككە ئىگە،
شۇ بىرلىق شۈبھىسىز تىنىقىڭدا جەم .

ھەر يىلتىز كەينىدە تاتلىق چىمەنزار،
ئېگىزگە ئۆرلىمەك ھەر قاناتقا يار.
ئەقىلدىن يېڭى ئاي مىسالى ئازما،
ھەر ئىشىڭ ئاچقۇچى يانچۇقىڭدا بار.

مەنبە: چەتئەل ئەدەبىياتى |