مۇنبەردىكى قىزلار سەركىسى ئايتۇغنىڭ " گەپ بولۇپتۇ ماڭىمۇ" ناملىق شىېئىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن...
دېمىسىمۇ كېچە-كۈندۈز ئەلكۈيىدە،
ئاشىق كەبى سەرسان بولۇپ يۈرەرسىزمۇ؟!
بولمىغاندەك بېلىق سۇدىن ئايرىلغانغا،
بۇ مۇنبەردىن ئايرىلسىڭىز ئۆلەرسىزمۇ؟!
"ئۆيۈم"،"ئېرىم"،"بالام"دېگەن ئاتالغۇنى،
ئارلاپ-ئارلاپ كاللىدا ياد ئېتەرسىزمۇ؟!
خوپ ئاياللىق بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىپ،
ئانچە-مۇنچە ئاش-تاماقلار ئېتەرسىزمۇ؟!
ھەمدەم بولۇپ يولدىشىڭىز ئىشلىرىغا،
دەرمان بولۇپ "دەرت"لىرىگە يېتەرسىزمۇ؟!
گەپ تېشىلسە ئۈشبۇ ھەقتە،يامانلاپلا،
ئانىڭىزنىڭ ئۆيىگە يا كىتەرسىزمۇ؟!
تور باغلاپتۇ تام-تورۇسنى،بۇلۇڭلارنى،
سۈپۈرگىگە ۋاقتىڭىزنى بىرەرسىزمۇ؟!
يا بولمىسا ئىچ ئاغرىتىپ ئۆمۈچۈككە،
ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ يۈرەرسىزمۇ؟!
دائىم سېتىپ يەيدىكەنسىز بازاردىن نان،
خېمىر راسلاپ ، نان يېقىشنى بىلەرسىزمۇ؟!
ياقسىڭىزمۇ بىرەر قېتىم ئېزىپ-تېزىپ،
نان ياقتىم دەپ كۆمەش يېقىپ قويارسىزمۇ؟!
كىرگە پېتىپ قاپتۇ ئەنە يوتقان-كۆرپە،
يىلدا سۆكۈپ بىرەر قېتىم يۇيارسىزمۇ؟!
سۇنمىغىچە كىيىم-كېچەك كىر دەستىدىن،
قىسىلچاققا ئېلىپ قويماي يۈرەرسىزمۇ؟!
يۇيماق بولۇپ قاسماق باسقان بالىڭىزنى،
ئۈچ كۈن بۇرۇن داسقا چىلاپ قويارسىزمۇ؟!
ئاران تەستە ئىۋىگەندە قات-قات كىرى،
راسا سۈركەپ سىم دەسمالنى ، يۇيارسىزمۇ؟!
مېھمان كەلسە ئۆيىڭىزگە گەر تۇيۇقسىز،
نان قايناقنى بېرىپ يولغا سالارسىزمۇ؟!
پولۇ، گۆش نان، تۈرمەل ئېتىش ئۇسۇلىنى،
غۇلجىغا كىپ سايماخۇندىن سورارسىزمۇ؟!
تورغا چىقىپ ئەتىگەندىن تا كەچكىچە،
يازما بىلەن ئىنكاس يېزىپ ئۆتەرسىزمۇ؟!
ناماز ۋاقتى بولۇپ قالسا ئالدىراشلىقتا،
قايناق سۇدا تاھارەت ئېلىپ يۈرەرسىزمۇ؟!
ئېلىۋىلىپ تاھارەتنى قايناق سۇدا،
توختىماستىن ئاللا-توۋا ئېتەرسىزمۇ؟!
دىدار قىزنىڭ تەنھەركەتچى دوستى كەبى،
جىدەل قىلىپ ئۆينى باشقا كىيەرسىزمۇ؟!
ئاساۋ ئاتتەك چىچاڭلىغان پېتى بېرىپ،
جاينامازغا ئۆزىڭىزنى ئاتارسىزمۇ؟!
كۈن چىقىشقا قاراپ سەجدە قىلىۋالغاننى،
ناماز تۈگسە ئاندىن ھىس قىپ يېتەرسىزمۇ؟!
چىش پاستىسى سۈركەپ كۆيگەن كاسسىڭىزغا،
ئىشتان كىيمەي بالىڭىزدەك يۈرەرسىزمۇ؟!
ھەراست تېخى يەلپۈمىدىڭ كەينىمدىن دەپ،
ئېرىڭىزنى نوغۇچ بىلەن سۈرەرسىزمۇ؟!
بېرىپ قالساق ياردەم قىلماق بولۇپ سىزگە،
بىزلەرگىمۇ قەھرىڭىزنى سىپەرسىزمۇ؟!
ئاغرىققا ھەم چىدىيالماي شاش بايتالدەك،
قارىماستىن كەينىچىلەپ تىپەرسىزمۇ؟!
چاقچاق قىلدى بۈگۈن يەنە ۋادەرىخا،
ئاڭا بىردەم "مەيلى"ڭىزنى بىرەرسىزمۇ؟!
ئەلنى يېزىپ، ئەلنى كۈيلەپ، ئەلگە سۆزلەپ،
ئۆمۈر بويى ئەل كۈيىدە ئۆتەرسىزمۇ؟! |