- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5
- تىزىملاتقان
- 2012-11-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-30
- UID
- 48826
- يازما
- 5
- تېما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5
- تىزىملاتقان
- 2012-11-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-30
- توردا
- 27 سائەت
|
مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە ئاساسلىق بولغان بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەب تەپسلىي تونۇشتۇرىلىدۇ.
1.خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
مەسلەن : سەۋدا خىلىتى ئارتۇق ھارارەت تەسىرىدە كۆپەيگەندە، قىيامى جەھەتتىن قويۇلۇپ قېلىپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق مەقئەت قىسمىدىكى قان تومۇرلارغا بارغاندا ، قان ئېقىمى ئاستا بولغاندا ۋېنالاردا ئاسانلا چۆكمىگە چۈشۈپ، ۋېنا قان ئېقىمىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ۋېنالارنىڭ كېڭىيىپ، ئەگرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش سەۋەبىدىن بوۋاسىر كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
قان خىلىتى ياكى سەپرا خىلتى ئۆتكۈر ھارارەت تەسىرىدە كۆيگەندە ياكى ئۇنىڭغا جاراسىملار قوشۇلغاندا ئۇلاردا ئوقۇنەتلىشىش بولۇپ، مەقئەتتىكى شىللىق پەردىلەر ۋە مۇسكۇل توقۇلمىلاردا غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپ، مەقئەت قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قان خىلىتى ياكى سەپرا خىلتىنى ئۆتكۈر ھارارەت تەسىرىدە كۆيگەندە ياكى ئۇنىڭغا جاراسىملار قوشۇلغاندا ئۇلاردا ئۇفۇنەتلىشىش بولۇپ، مەقئەتتىكى شىللىق پەردىلەر ۋە مۇسكۇل توقۇلمىلاردا غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپ، مەقئەت قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەلغەم خىلىتى مىقدار جەھەتتىن ئارتىپ كەتكەندە، ھۆل سوغۇقلۇق كەيپىياتى بىلەن تۈز ئۈچەي- مەقئەت ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار ۋە پەي تارىمۇشلارنىڭ ھۆللۈكىنى زىيادە كۆپەيتىپ، ئۇلاردا بوشىشىش پەيدا قىلىپ، ئېلاستىكىلىقى ۋە تۇتۇپ تۇرۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىۋىتىپ، ئاخىرىدا تۈز ئۈچەي ۋە مەقئەتنىڭ چىقىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.قورساق ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرىدىغان ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
مەسلەن: جىگەر قېتىشىش، قورساق تۆۋەنكى قىسمىدىكى ئۆسمە، قورساققا سۇ چۈشۈش، ئادەتلىنىش خارەكتىرلىك قەۋزىيەتلىك، مەزى بېزى يوغىناش، ھامىلدارلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممسى قورساق ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ۋېنا قېنىنىڭ قايتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ۋېنا بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەقئەت ئەتراپىدىكى ۋېنا قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، قان تولۇپ، تەدىرىجى قاتتىقلىشىش نەتىجىسىدە مەقئەت بوۋاسىرى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ، تۈز ئۈچەي ۋە مەقئەت قىسىملىرىغا بېسىم چۈشۈرۈپ نورمال چوڭ تەرەت قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ، گەندە مونىكى قۇرۇپ ۋە قېتىپ چوڭ تەرەت قىلغاندا زىيادە كۈچىنىش سەۋەبىدىن گەندە مونەكلىرى مەقئەت پۈرمە مۇسكۇللىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ، ئاسانلا مەقئەت يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.سوزۇلما ۋە خوراتقۇچى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
مەسلەن: تولغاق، سوزۇلما خارەكترىلىك ئىچى سۈرۈش، زەھەرلىنىش، قەۋزىيەتلىك قاتارلىقلارنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلىشى، مەقئەت چۇقۇقى ، مەقئەت ئەتراپى ياللۇغى ۋە تۈز ئۈچەي-مەقئەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4.ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
1)كىيىم-كېچەك ئادىتىنى توغرا بولماسلىقى:
مەسلەن:ھەدىدىن زىيادە تار ئىچ كىيىۋىلىش، مەقئەت ۋە مەقئەت ئەتراپىدىكى شىللىق پەردىلەردە ئاسانلا سۈركۈلۈش پەيدا قىلىپ ، شەلۋەرەش ۋە زېدىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2)يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى:
مەسلەن: لازا، ئاچچىقسۇ ،پىياز، قارمۇچ، پىلپىل قاتارلىقلار، لازا بىلەن قورۇلغان قورۇمىلار ، ھەر خىل قىيمىلىق تائاملار، يەل پەيدا قىلغۇچى غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش تۈپەيلىدىن مەقئەت بوۋاسىر، مەقئەت قىچىشىش، مەقئەت ئەتراپى ياللۇغلىنىش، مەقئەت يېرىلىش، مەقئەت چىقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك مەقئەت كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.
3)تازلىق ئادتىنىڭ توغرا بولماسلىقى:
مەسلەن: چوڭ تەرەت قىلغاندا ئۇزۇن ئولتۇرۇش، چوڭ تەرەت قىلغاندا توپا ۋە باشقا پاسكىنا بۇلغانغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن مەقئەت چۇقۇقى، مەقئەت قىچىشىش، مەقئەت ئەتراپى ياللۇغى، مەقئەت بوۋاسىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەقئەت كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.
5.باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
1)روھى ئامىللار : مەسلەن ، ھەدىدىن زىيادە ئاچچىقلىنىش، قايغۇرۇش، زىيادە چارچاش قاتارلىقلار.
2)كەسپى ئامىللار : مەسلەن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇپ ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار.
3)ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ، بەدەن ئاجىزلىق، قېرىلىق، ھامىلدارلىق قاتارلىقلار
4)تۇغما ئامىل: مەسلەن، تۇغما مەقئەت كانىلى تارىيىش ياكى مەقئەت پۈتەيلىكى قاتارلىقلار.
5)ئىرسىيەت ئامىلى: مەسىلەن ، بوۋاسىر كېسەللىكىنىڭ جەمەت خارەكتېرلىك داۋام قىلىشى قاتارلىقلار
تىيەنيۇۋ مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى
مەسلىھەت سوراش لىنىيىسى:18099104033
0991-5611111
ئۈندىدار ساغلاملىق سالونى نومۇرى:xjinjiangtianyou
QQ:577597111
توربەت ئادېرسى: http://wei.xjtygcyy.com
دوختۇرخانا ئادېرسى:ئۈرۈمچى جۇجياڭ يولى 24-قورۇ(بەشىنچى كۆۋرۇك)
دوختۇرخانا بىۋاستەبارىدىغان قاتناش:35\537\915\910\910\923\911\305 يوللىرى سۇلىياۋ زاۋۇتى بېكىتى
|
|