كەل، يىراقلارغا كېتەيلى...
كەل،
تەلۋە پىغانلىرىمدا باغرىڭنى تىلاي،
كېچىدەك چاچلىرىڭغا يۇلتۇز بوپ قوناي!
ئاسمان قەلبىمىزگە پەسلەپ چۈشسۈن،
ناخشا ئېيتسۇن ئونبەش كۈنلۈك ئاي...
شاماللار كۆڭۈل ئېتىزلىقىمىزنى يەلپۈپ ئۆتسۇن،
ئايدىڭدا چېكەتكىلەر چىرىلداشسۇن.
جىمجىتلىقتىن ئاستا چىقىپ كېتەيلى،
گۈللەر بىزنى قات - قات ئورىسۇن.
سۈيى يوق ئورمانلىقلارغا بارايلى،
چاچلىرىمىزنى ئايدا تارايلى.
ئاسمان يەر بولسۇن، يەر ئاسمان،
بىز ئاسمانغا شېئىر يازايلى...
ئىجادىيىتىم
يازدىكى كۆيۈش
سېنىڭ ئاۋازىڭغا كىرمەكتىمەن
يۇمشاق خىياللىرىمنى سىيلاپ ئولتۇرۇپ.
پەرىشانلىقىڭغا يېيىلماقتىمەن
ئىسسىق چاچلىرىڭنى بىر-بىرلەپ يۇلۇپ.
ئۇزىراۋاتقان تۈنلەرنى ياقىلاپ مېڭىپ
ئېتىكىڭگە ئوت قويۇشنى ئىستىدىم.
جېنىمنى قاپقارا جاڭگالدا قويۇپ
كېچىلىرىڭگە يىقىلدىم...
* * * * * * * * * * * * * * *
سېنىڭ ئېگىز ھەم ئۇزۇن ئاسمىنىڭنى
كۆڭلۈمنى يەلپۈپ ئۆتۈۋاتقان مەيىن شاماللىرىڭنى
قاچىلىۋالدىم سېغىنىشىمغا.
قاچانمۇ
كارىز سۇلىرىدەك ئېقىپ - ئېقىپ
كېلەرسەن-ھە يېنىمغا؟!
سېغىنىشلىرىم
كۈندۈزلەرنى كۆيدۈرمەكتە
كېچىلەرنى يورۇتماقتا...
سۆزلىرىم
سۇ بولۇپ ساڭا ئاقماقتا
ئىسمىڭ
ئاي بولۇپ ئاسمىنىمدا ساڭگىلاپ تۇرماقتا...
تېخىچىلا سېنى ساقلىماقتىمەن
مەيىن شاماللارنى ساقلىغاندەك.
ئاۋازىڭ ئىچىمدە شىلدىرلىماقتا
يازنىڭ يېشىل ياپراقلىرىدەك.
كەلگىنە، مېھرىمىز قوشۇلۇپ كەتسۇن
سۇغا سۇ قوشۇلغاندەك...
2010-يىل 30-ئىيۇن. تۇرپان
ئىجادىيىتىم