مىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىم ئۇلۇغۋەر
مەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئەسلەيمەن. ئالىي مەكتەپ ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتىتى، نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ھىس قىلدۇردى، نۇرغۇن يېڭى قاراشلارنى سىڭدۈردى، يەنە نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىمنى ئويغاتسا، يەنە نۇرغۇن بولمىغۇر سەرگۈزەشتىلەرگىمۇ ئىگە قىلدى. مەن 1999-يىلى نورمال نەتىجە بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۈنۋىسىتىتىغا ئوقۇشقا كىردىم. شۇ يىلى ئاكام شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۈنۋىرسىتىتىنىڭ 2يىللىق خەنزۇتىلى ئۈگۈنىشنى ئاياشلاشتۇرۇپ، جوڭگو يېزا ئىگىلىك ئۈنۋىرسىتىغا ئوقۇشقا ماڭغاندا، مەن يەنە شۇ مەكتەپكە كىردىم. شۇ يىللاردا ئوقۇشقا كىرگەندە ئوقۇش پۇلى بۇرۇنقى يىللاردىن يۇقۇرى بۇلۇپ بىرھەسسە كۆپەيگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدە دادامنىڭ ئازغىنا پىنسىيە پۇلىسىغا قاراشلىق بولغاچقا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى تاللاشقا دۇچ كەلدىم ئاخىرى يا تەۋەككۈل دەپ دادام بىلەن ئۇياق بۇياقلارغا بېرىپ ئاخىرى 1300يۈەن پۇل جەملىدۇق. بۇ پۇل ئوقۇش پۇلىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيتتى، بولدى مۇشۇ پۇلنى ئېلىپ مەكتەپكە بېرىپ باقاي، ياندۇرۋەتسە قايتىپ كىلەرمەن دىدىم ئانامغا، ئانام ئەشۇ ئازغىنا پۇلىنى يوقاپ كەتمىسۇن دەپ چاپىنىمنىڭ يانجۇقىغا سېلىپ تىكىپ بەردى. ئەينى چاڭغا خوتەندىن ئۈرۈمچىگە ئولتۇرۇپ قاتنايدىغان ماشىنغا ئولتۇرۇپ، 2كۈن يول يۈرۈپ ئۈرمچىگە كىلىۋالدىم. ئەشۇ ئاپتۇبۇستا غەمكىن ھالدا ئازراق بولسىمۇ پۇل تىجەي دەپ ماشىنىدىن چۈشمەي ئولتۇرغىنمدا بېيجىڭ مىللەتلەر ئۈنۋىسىتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مىنى باشلاپ نان يەۋەرمەي تاماقمۇ يەڭلەر دەپ بىرقاچا تاماق ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ھازىرغىچە ئۇنتىيالمايمەن. ئەتتىگەن ئۈرۈمچىگە چۈشۈمگە قۇيمىچى تاكسىلار توسۇپ ئاپىرىپ قويىمىز دەپ نۇرغۇن يولنى ئاۋۇتۇپ ھەيدەپ 30كوي پۇل ئېلىۋالدى. لېكىن ئۈرۈمچىگە تۇنجى كەلگەچكە ئامال يوقتە. ئالى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئالىمىز دىگەن پىلاكات ئېسىلغان، مەكتەپ ھويلىسىغا قاتار قاتار جوزىلارنى تىزىۋېلىپ ئولتۇرۇشقان ئوقۇتقۇچىلار ۋە رەسىميەت بىجىرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ بىرىنجى پۇكەيگە باردىم ئوقۇش پۇلى 1800يۈەن دىدى ئۇ. مەن چاقىرىق قەغىزىنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ ئۈزەمنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى دەي دەپ تۇرۇشىمغا، بولدى ماڭا دىمەي ما مۇئەللىمە دەڭ، دېدى، ما مۇئەللىم دىگەن قايسى، ئۇ سېمىز، دۇمىلاق كەلگەن بۇدۇرچاچ ئايال بۇلۇپ، قېشىغا بىرىپ، ئەھۋالىنى دىسەم، ئۇ پۇل يوق ئادەم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ نىمە ئىش قىلىدۇ، بولمايدۇ، مىنىڭ ئىشىم ئالدىراش، دەپ كىتىپ قالدى. قاندان قىلارمەن، مىنىڭ ئالىي مەكتەپ چۈشۇم كۈپۈككە ئايلىنارمۇ دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقىنىمدا، ئاكامنىڭ ساۋاقدىشى كىلىپ مىنى مۇۋئاۋىن شوجاڭنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ ئاكامنىڭ يېقىندىلا 2يىللىق مۇشۇ مەكتەپتىكى خەنزۇتىلى ئوقۇشنى تۈگۈتىپ بىيجىڭغا ماڭغانلىقىنى، ئىقسىادى جەھەتتە قىينچىلىقى بارلىقىنى، بەك بولمىسا مىنىڭ ئەتە ئامالسىزلىقتىن ئۆيىگە كىتىپ قالىغانلىقىمنى بولسا مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىنى دىدى. كيىن بىلسەم ئۇ مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ ئىسمى تۇردىمۇھەممەت ئىكەن. ئۇ مىنىڭ ئالىي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىمنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىك خەنزۇچە بىرنىمە يېزىپ بەردى. ۋە ئەمدى بېرىپ رەسمىيەت بىجىرىڭ دېدى. مەن نىمە دەپ رەخمەت ئىتىشىمنى بىلمەي بىرھازا تۇرۇپ قالدىم، ئاغزىمدىن پەقەت رەخمەت دىگەن سۆزلا چىقتى. شۇنداق قىلىپ ئەكەلگەن شۇ ئازغىنا پۇلىمنى تۆلەپ رەسىمييەتلەرنى بىجىۋالدىم. 4-ياتاق بىناسىغا ئورۇنلاشقانلىقىمنى بىلىپ بىنانى ئاران تېپىپ ياتىقىمغا كىردىم، ياتاققا ئاللىبۇرۇن 4نەپەر ساۋاقداش كىلىپ ئورۇنلىشىپ بوغان ئىكەن، ماڭا ئاسىتىدىن بىرلا كارۋات قاپتۇ. ياتاقتا مىنى قوشقاندا 4نەپەر ئۇيغۇر، 2نەپەر قازاق ئوقۇغۇچى بار ئىكەنمىز. ئالىي مەكتەپتە ماڭغۇچە بولغان بىر ئاي تەتىل ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇلۇشتا بالا ئىشلەمچى بولۇپ 120يۇەن پۇل تېپىپ، شۇ پۇلنى يول كىراسىغا ئىشلتىپ ئاخىرى ئالىي مەكتەپكە كىلىۋالدىم. كەلگەن شۇ كۈنى ئسسىق يوتقاندا يېتىپ خاتىرجەم، پۇ خادىن چىققۇچە ئۇخلىغانلىقىم ھېلىمۇ ئىسىمدە، شۇنداق قىلىپ مىنىڭ ئەگرى توقاي، شانلىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىم رەسمى باشلانغان ئىدى.
ئەلۋەتتە، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا نۇرغۇنلىغان تەسىرلىك ئىشلار يۈز بەردى، نۇرغۇن قىينچىلىقلارمۇ ئاخىرى يىڭىلدى. مەن بۇ ئالىي مەكتەپتىكى بارلىق ئەسلىمىلىرىمنى سىلەرنىڭ دىققتىڭلارغا سۇنۇش ئىمكانىيتىگە ئىرىشكىنىمدىن خوشالمەن، ھەمدە بۇ مىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاتىىم تېىمىسىدىكى ئەسىلىمەمنى چوقۇم ياخشى ېېزىپ پۈتتۈرۈش بىلەن بىرگە ئەسىرىمنى مىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا يار-يۈلەك بولغان، ھەرخىل ياردەملەرنى بەرگەن ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارغا، ساۋاقداشلارغا، دۇست بۇرادەرلەرگە بېغىشلايمەن. |