- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 106
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2306
- تىزىملاتقان
- 2010-8-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-21
- UID
- 4398
- يازما
- 106
- تېما
- 23
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2306
- تىزىملاتقان
- 2010-8-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-21
- توردا
- 45 سائەت
|
ياتماقتىمەن تورۇسقا قاراپ
ئەخمەتجان توختى
ياتماقتىمەن تورۇسقا قاراپ،
خىياللىرىم تېگى يوق بىر ھاڭ.
ھەمرا بولۇپ تەنھالىقىمغا،
بىرەر جانان چۇشەمدىكىن تاڭ.
ياتماقتىمەن تورۇسقا قاراپ،
چۈشلىرىمدىن چىقارغاچ يەكۈن.
ۋېسال كۈلۈپ باقارمۇ ياكى،
يۈزلىرىگە چۈشەرمۇ سەپكۈن.
ياتماقتىمەن تورۇسقا قاراپ،
دېرىزەمدە ئاينىڭ شولىسى.
مەن خىيالدا ئەشۇ ئاي سەۋەب،
ئايسىزمىدۇ يارنىڭ ھويلىسى.
ياتماقتىمەن تورۇسقا قاراپ،
نەلەردىدۇ ئىتلار قاۋايدۇ.
تەنھالىقنىڭ قامچىسى،بەلكىم،
ھەر كېچىسى ئۇنى ساۋايدۇ.
ياتماقتىمەن تورۇسقا قاراپ،
ئاڭلىنىدۇ ئانام دۇئاسى.
ئۈمىد بىلەن يۇمدۇم كۆزۈمنى،
كۆزلىرىمدە يارنىڭ سىماسى.
2013-يىلى 11-سىنتەبىر شەھىرى بورتالا
|
|