ئەلكۈيى تورى مىزان 23-كۈنى مەخسۇس تېمىسى: مۇشۇ كۈنلەردە جەمئىيەتتە ئۈندىدار قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى ، كىشىلەر ئۈندىدار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلەپلا قالماستىن ، يەنە ھەرۋاقىت تورداشلىرىنىڭ رەسىملىرىنى ۋە يېڭىلىقلىرىنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ . ئۈندىدارنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ئايروپىلان ئېتىش»قاتارلىق كىچىك ئويۇنلىرىمۇ ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ . بىراق كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز ئۈندىداردا تۇيۇقسىز باشلىقىڭىز ياكى ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دوستقا قوشۇش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالسىڭىز دەرھال قوشۇلامسىز ياكى كۆرمەسكە سېلىۋالامسىز ؟ ئەگەر «ئالاھىدە مۇلازىمەت» بىلەن تەمىنلەيدىغانلار «ئەتراپتىكىلەرنى قوشۇش» ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ سىزنى قوشسا سىز قانداق قىلىسىز ؟ ئۈندىدار بىزگە ھەقىقەتەن قولايلىق ئېلىپ كەلدى ، لىكىن شۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە بىر قاتار مەسىلىلەرمۇ پەيدا بولدى .

باشلىقنىڭ ئۈندىدارىنى زادى قوشۇش كېرەكمۇ يوق ؟
ئادىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر خۇسۇسىي شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ، ئۇ ئەسلىدە ھەركۈنى مۇقىم 10 سائەتلا خىزمەت قىلاتتى . بىر كۈنى ئۇ ئۈندىداردا باشلىقىنىڭ دوست قوشۇش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى ، قانداق قىلىش كېرەك ؟ قوشاي دېسە ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىشلىرىنى دائىم باشلىقىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى ، قوشماي دېسە باشلىقىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرىدى ، ئاخىرى يەنىلا قوشماي ئامال بولمىدى .شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئۈندىدارغا يۈرەكلىك ھالدا بىر نەرسىلەرنى چىقىرالمايدىغان بولدى ، تېخىمۇ يامان بولغىنى ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ كۈندە 10 سائەت ئىشلەيدىغان قانۇنىيەتلىك تۇرمۇشى بۇزۇلۇپ كەتتى ؛ «ئادىل ، ماڭا بىر پارچە تېزىس تەييارلاپ بېرىڭ ، ئەتە ئىشلىتىمەن » ، «ئادىل ، ئىلگىرى تۈزگەن پىلانىڭىزدا كەمتۈك جايلار بار ئىكەن ، ئۈندىدارىڭىزغا يوللاپ قويدۇم ، ئۆزگەرتىپ ئەتە تاپشۇرۇپ بېرىڭ »...ئۇ ئەمدى ئۆزىگە تەئەللۇق دەم ئېلىش ۋاقتىدىمۇ مۇشۇنداق «ئسمىنا قوشۇپ ئىشلەش» ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ، يېرىم كىچىلەردە ئورنىدىن تۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان بولدى .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ خوجايىنى «دوستلار چەمبىرىكى»گە دائىم ياشلارنى تىرىشىپ ئىشلەشكە ، جاپاغا چىداشقا ئۈندەيدىغان گەپ-سۆزلەرنى چىقىرىدىغان بولۇپ ، ئادىل بۇنداق گەپلەرنى كۆرگەن ۋاقىتلىرىدا بىرخىل بىئارام بولاتتى ، شۇڭا باشلىقى چىقارغان نەرسىلەرنى كۆپ ھاللاردا كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتەتتى . مۇشۇ مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئادىل بۇنىڭدىن كېيىن ئۈندىدار ئويناش قېتىم سانىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ ، «ئورۇنسىز» ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشلەردىن ساقلانماقچى بولدى .

«ئۈندىدارغا بىرنەرسە يوللاشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم»
ئادىلە قارامايدىكى بىر كارخانىنىڭ مايتاغ شۆبىسىنىڭ خىزمەتچىسى . ئۇنىڭچە بولغاندا خوجايىننىڭ ئۈندىدارىنى ھەقىقەتەن قوشماي ئامال يوق ، چۈنكى ئۇنىڭ خوجايىنى بەكلا «يېڭىچە» بولغاچقا ئۇ شىركەتكە كېلىشىگىلا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىنى قوشۇشنى ئېيتقان ، ھەتتا تېخى ئۇنى شىركەتتىكى بارلىق خىزمەتچىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر توپقا قوشۇپ قويغان .
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ :« شىركەتتىكى ھەممە ئادەم خوجايىننى قوشقان تۇرسا ، مەن قوشمىسام خوجايىن نىمە دەپ قالىدۇ ؟ شۇڭا ئامال يوق . لىكىن بۇمۇ ھەقىقەتەن بولمايدىغان ئىشكەن ، خوجايىن ئۈندىدارنىڭ ئىچىدە تۇرسا كىم ئۈندىداردا قالايمىقان سۆزلەشكە ، قالايمىقان بىر نەرسە چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ ؟ مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزۈمنىڭ ئۈندىدارىممۇ ئۆزۈمنىڭ خۇسۇسىي بوشلۇقۇمغا ئوخشىماي قېلىۋاتىدۇ ، ئەڭ چاتاق بولغىنى خوجايىن خىزمىتىمىزدىن رازى بولمىغان تەرەپلەرنى ئۇدۇللا شىركەتنىڭ ئۈندىدار توپىدا ئېيتىدۇ ، بىز توپتىن ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە قايتا ئىشلەشكە مەجبۇر بولىمىز...»
مەلۇم ئەپەندىمنىڭ تەكلىپى :ئىككى ئۈندىدار نۇمۇر ئىشلىتىش
مەلۇم كارخانىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى نازارەتچىسى دىلشات ئەپەندىم مۇنداق تەكلىپ بەردى : بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرگە قارىتا خىزمەتچىلەر ئىككى دانە ئۈندىدار نۇمۇر ئىشلەتسە بولىدۇ ، يەنى بىرىگە ئادەتتىكى دوست-بۇرادەر ، تورداشلىرىنى قاچىلاش ، يەنە بىرىنى بولسا مەخسۇس «ھۆكۈمەت ئىشى» ئۈچۈن ئىشلىتىش . بۇخىل ئۇسۇلمۇ ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمايدۇ ، بەزى كىشىلەر كۆپرەك ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئۇل سېلىشنى ۋە باشلىقىغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنى ئويلايدۇ ، بۇخىلدىكى كىشىلەر ئۇنچە بەك ئايرىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ ؛ يەنە بەزى كىشىلەر خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى ئايرىۋېتىشنى تەكىتلەيدۇ ، ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ ، بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئۈچۈن يۇقىرىدىكى تەكلىپ ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.»

ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈندىدارىنى ئۆزىگە قوشۇش كېرەكمۇ يوق ؟
ئاتا-ئانىنى قوشقاندا ئۇلار ئۈچۈن تېلىفۇن ھەققىنى تىجەپ بەرگىلى بولىدۇ .
روزى ھېيىت ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم كارخانىنىڭ خىزمەتچىسى ئەخمەت ئىككى دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفۇن سېتىۋېلىپ ئاتا-ئانىسىغا سوۋغا قىلماقچى بولدى ، بىراق ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈندىدارىنى قوشۇش-قوشماسلىق مەسىلىسىدە ئۇ يەنىلا ئىككىلىنىپ قالدى . مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىدە مۇشۇ خىل ئىككىلىنىشنىڭ بارلىقىنى بايقىدى .
غولجىدىكى مەلۇم شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ئەكبەر بۇيىل سەككىزىنچى ئايدا نىلقىدىكى ئۆيىگە ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ باردى . ئۇ ئاتا-ئانىسىغا ئىككى دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفۇن ئالغاچ بارغان بولۇپ ، ئاتا-ئانىسىغا يەنە ئۈندىدار ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويدى . ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : «ئۆيدىكىلەر ھازىر بۇ نەرسىگە كۆنۈپلا قالدى ، ئىكراننى بېسىپلا ئاۋاز ئارقىلىق پاراڭلاشقىلى بولىدۇ ، ئۇلارنىڭمۇ نۇرغۇن تېلىفۇن ھەققى تىجىلىپ قالدى . نۇ نەرسىنى ئىشلىتىشمۇ تەس ئەمەس ، دادام 60 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ ئۈندىدارنى مەندىن ياخشى ئىشلىتەلەيدۇ ».
«قوشمىسام ئاتا-ئانامنى ئەنسىرىتىپ قويۇشتىن قورقىمەن»
ئاتا-ئانىسىغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن سوۋغا قىلماقچى بولۇۋاتقان شياۋۋاڭ يەنىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈندىدارىنى قوشماسلىقنى قارار قىلدى . ئۇ بۇھەقتە مۇنداق دېدى :« مەن ئۇلارنى يېڭىلىقلارنى كۆرەلمەيدىغان <قارا تىزىملىك> قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈۋەتسەم بولىدۇ ، بىراق بۇنداقتا يەنىلا بىرخىل غەلىتە تۇرىدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمىتىم ئالدىراش بەزى ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانام ئۈندىدارىمغا گەپ قىلىپ قالسا مەن ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىسام ئۇلار بەكلا ئەنسىرەپ كېتىدۇ . ئۇلارنى قوشسام ھەقىقەتەن بولمىغۇدەك ، بەزى چاغلاردا ياخشى بولغان جۈملە ۋە رەسىملەرنى ئۈندىدارىمغا يوللىغاندىن سىرت يەنە ئانچە مۇنچە ھېسسىياتلىرىمنى ، ئازاپلىنىشلىرىم دىگەندەكلەرنى يوللاپ تۇرىمەن . بىز پەرزەنت بولغۇچىلار نىمىلا دىگەن بىلەن ئاتا-ئانىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز ، مېنىڭ ھېسسىياتىم ئاتا-ئانامنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر كۆرسەتسە بۇ ھەقىقەتەن بولمايدۇ ».
نىگارە بۇ مەسىلىگە قارىتا پۈتۈنلەي باشقىچە قاراشتا بولدى ، ئۇ مۇنداق دېدى :«بۇ مەسىلىنى ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ ئويلاشقان ، ياشانغانلار ئادەتتە <دوستلار چەمبىرىكى>دىگەندەك قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى بىلەن بەك ھەپىلىشىپ كەتمەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇلارغا تەڭشەپ بەرگەن ، ئۇلارنىڭ ئۈندىدارىنىڭ <دوستلار چەمبىرىكى> ، <سىلكىپ بېقىش>دىگەندەك ئىقتىدارلىرىنى يۇيۇۋەتكەن ، ئاتا-ئانام مېنىڭ دوستلار چەمبىرىكىمنى قەتئىي كۆرەلمەيدۇ».

باشقا مەسىلىلەر :بولمىغۇر كىشىلەرنىڭ «ئەتراپتىكىلەر» ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قوشۇۋېلىشى
تۆنۈگۈن مۇخبىر مەلۇم رايوندىكى مىترو ۋوگزالىدا «ئەتراپتىكىلەر» ئىقتىدارىنى ئىشلەپ سىناپ باقتى ، ئۈندىدار ئويلىمىغان يەردىن يېرىم سائەت ئىچىدە 1000مىتىر دائىرە ئىچىدە تۆت دانە «شەھۋانىي مۇلازىمەت» بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۈندىدار نۇمۇرىنى ئىزدەپ تاپتى . بۇ ئابونتلارنىڭ باش سۈرىتى ۋە ئۈندىدار ئىسمى بىر قاتار بولمىغۇر گەپلەر ۋە رەسىملەر بولۇپ ، ئابونت ئالبۇمىنى ئاچقاندىمۇ نۇرغۇن شەھۋانىي سۈرەتلەر چىقىرىۋېتىلگەن . مۇخبىر ئۈندىدارغا يېزىلغان تېلىفۇن نۇمۇرغا ئاساسەن تېلىفۇن قىلغاندا تېلىفۇننى بىر ئايال ئېلىپ پەقەت مېھمانخانىنىڭ ئادرىسى ۋە باھا دائىرىسىنى ئېيتىپ بەرسىلا «ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت» قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان . مۇخبىر تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگەللىمەكچى بولغاندا قارشى تەرەپ ئالدىراپ تېلىفۇننى قويۇۋەتكەن .
يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە بىر ئۈندىدار ئابونتىنىڭ «ئەتراپتىكىلەر» ئىقتىدارىنى بەك كۆپ قېتىم ئىشلىتىۋەتكەچكە ، ئۈندىدارىنىڭ «ئەتراپتىكىلەر» ئىقتىدارىنىڭ تېڭشۈن شىركىتى تەرىپىدىن چەكلىۋېتىلگەنلىكى ئېيتىلغان . بەزى تورداشلار بۇنىڭغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «ئۈندىدارنىڭ بۇ ئىقتىدارىنىڭ قېتىم سان چەكلىمىسى بارمۇ؟» دېيىشكەن .
تېڭشۈن شىركىتى : ئۈندىدارنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشىلاشتۇرىمىز .
تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ تېڭشۈن باش بېتىنىڭ تور قىزىق لىنىيىسىدىن ئىگەللىشىچە ، ئۈندىدار ئابونتلىرىنىڭ ھەر كۈنى «ئەتراپتىكىلەر»ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشىنىڭ مۇقىم سان چەكلىمىسى يوق ئىكەن ، لىكىن ئابونت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئىقتىدارنى بەك كۆپ ئىشلىتىۋەتسە ، سېستىما بۇنى بىخەتەرلىك خېيىم-خەتىرى بار دەپ قاراپ ئابونتنىڭ بۇ ئىقتىدارىنى ۋاقىتلىق چەكلەيدىكەن .
مۇخبىرنىڭ يەنە ئىگەللىشىچە ، بەزى كىشىلەر تېڭشۈن شىركىتىنىڭ بۇ ئىشىغا قوشۇلمىغان ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ ئىقتىدارنى شۇنداق كۆپ ئىشلىتىدىغان ئادىتى بار ئىكەن ، ئۇلار بىخەتەرلىك خېيم-خەتىرىگە چېتىلمىسىمۇ تېڭشۈننىڭ بۇ ئىشى تەرىپىدىن «ئۇۋالچىلىق»قا قالىدىكەن . تور قىزىق لىنىيىسىدىكى خادىم بۇنىڭغا قارىتا ئۈندىدارنىڭ بۇخىل ئىقتىدارىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئابونتلارنى بۇ ئىقتىدارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەك تەكرار ئىشلىتىۋەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان . ئۇ يەنە ئۈندىداردا تارقالغان شەھۋانىي ئۇچۇرلارغا قارىتا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى ، ئىمكانقەدەر ئابونتلارغا ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلارنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئابونتلارنىڭمۇ ئورتاق تىرىشىپ يېشىل تور مۇھىتى بەرپا قىلىشقا چاقىرغان .
تور ئالاقىسى-قوش بىسلىق خەنجەر
ھازىرقىدەك ئۇچۇر جەمئىيىتىدە بىز ھەرخىل ئوي-پىكىر ، خىياللىرىمىزنى ئۈندىدارغا ئوخشاش بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە دىتاللىرى ،مىكرو بلوگ ۋە تور مۇنبەرلىرىدە ئاشكارىلاپ تۇرىمىز . بۇمۇ ھەم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىنىڭ توردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىگە قوشماسلىقىنىڭ سەۋەبى . چۈنكى ياشلارنىڭ ئىدىيىسىدە چوقۇملا ئىككى ئەۋلاد كىشىلەر بىرلىككە كېلەلمەيدىغان ئوي-پىكىر ۋە قاراشلار بولىدۇ .
شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەنئەنىۋى جەمئىيەت تۈزۈلمىسىدە ئېنىق ئايرىلغان قاتلام ۋە تۈزۈلمىلەر بولىدۇ . ئاساسىي قاتلام كىشىلىرىنىڭ ئوي-پىكرى ھەمىشە قاتلاممۇ قاتلام دوكلات قىلىنغاندىن كىيىن ئاندىن تەدبىر بەلگىلىگۈچى قاتلامنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارىدۇ . بۇ خىل تۈزۈلمىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ، تەدبىر بەلگىلىگۈچى ماكرو ئورۇندا تۇرۇپ نەزەر تاشلاپ ، قاتلاممۇ قاتلام تاللانغان ئۇچۇرلار ئىچىدىن ئەڭ مۇھىملىرىنى تاللاپ بىرتەرەپ قىلالايدۇ . ۋەھالەنكى ئۈندىدار توپىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بۇخىل قاتلاممۇ قاتلام جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنى ئاددىيلاشتۇردى ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەسىلىسىمۇ تېز سۈرئەتتە تەدبىر بەلگىلىگۈچىگە يېتىپ بېرىپ تېز ھەل قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى . لىكىن ، تەدبىر بەلگىلىگۈچىنىڭ ماكرو ئورۇندىن نەزەر تاشلاپ مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش فۇنكىسىيىسى تەسىرگە ئۇچرىدى ، ھەتتا خىزمەتچىلەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتتى .
ئەمدى ئەلكۈيى تورى تەۋسىيە قىلماقچى بولغان تور-ئالاقە ۋاستىلىرىنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدىكى مۇلاھىزىمىزگە كەلسەك ، تور-ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئەڭ ياخشى ئىشلىتىش ئۇسۇلى يوق ، پەقەت تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىش ئۇسۇلى بار .بەلكى بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئابونتلارغا،تورداشلارغا ئازراق پايدىسى تىگىپ قېلىشى مۇمكىن .