كۆرۈش: 3142|ئىنكاس: 13

دوقمۇش(مىكرو ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
53996
يازما
114
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
114
تىزىملاتقان
2013-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-13
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 16:35:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                دوقمۇش(مىكرو ھېكايە)

                                                          ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

         دوقمۇش __ خۇش چىراي ئوقەتچىلەرنىڭ رىزقى چۈشىدىغان، بىكار پاراڭچىلارنىڭ قىزغىن، كۆڭۈللۈك سۆھبەتلىشىۋالىدىغان ياخشى بىر جاي. بۇنداق جايدا كىچىك ھادىسىلەر پات-پات بولۇپ تۇرىدۇ.
         ئەنە، كۆك ‹‹خوندا›› ماركىلىق موتسىكىلىتقا مىنگەن ئاۋۇ سېمىز، پەۋاز قاپاق كىشى، يۈك توشۇيدىغان، ئۇرۇق، ئېگىز، سۆڭەكلىك، لېكىن ، شۇنداق بەستىگە قارىماي ياۋاش، ساددا، مۇلايىم ماشىنا شوپۇرىغا بىگىز بارمىقىنى پولاتلاتقىنىچە، يولۋاستەك ھۈرپىيىپ سۆزلىمەكتە، ماشىنا شوپۇرى بۇنداق كىچىك ھادىسىلەرنىڭ دائىم بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، يولنىڭ قىستاڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكتە، ماشىنىنىڭ يان ئارقا كۆرسەتكۈچ ئەينىكى مۆرىسىگە تىگىپ كەتكەنلىكىگە بۇنچە ھۈرپىيىۋاتقان پەۋاز قاپاق كىشى، شوپۇرنىڭ ياۋاش ئەلپازىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشماقتا...
         ئەنە، ئاۋۇ يەردە كىيىملىرى جۇل-جۇل، ھاسا تۇتقان، ئاتمىش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بايىلا ئاۋۇ گېرى باققالدىن ئۈزۈم سېتىۋالغان ئاق ساقال مويسىپىت، دۇكاندىن ئون مېتىر يىراقلاشمايلا يىقىلدى. بىچارە، يۈرەك كىسىلى بىلەن يىقىلغاندۇ، ياكى، دېمى سىقىلىپ، نەپىسى قىيىنلىشىپ زىققا بىلەن يىقىلغاندۇ...
         ئۇنىڭ چۆرىسىگە بىر توپ كىشىلەر خۇددى شىرنىگە يىغىلغان ھەرىلەردەك يىغىلىشتى. ئۇلار سۆزلىمەكتە:
         __ بالىلىرى يوقمىدۇ، بۇنداق كىشىنى يالغۇز سىرتقا چىقارغان ئايالىمۇ كالۋا.
        __ بالىلىرى ھەيدىۋەتكەن يىتىم بۇۋاي ئوخشايدۇ.
        __ چوقۇم بىر نېمە تەمە قىلىپ ياتقان گەپ!
        __ ئۇنداقمۇ دېمە، بەلكى، كېسەلجاندۇ؟
        __ ياق، چوقۇم تىلەمچى!
        __ تىلەمچى بولسا بۇنداق ھوشسىز ياتاتتىمۇ؟
        __ توغرا، ئۇ بىر كېسەلجان. ئىسمى سادىر قۇندۇز.
        __ ھە، چوڭ ئوغلى تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن، شۇنداقمۇ؟
        __ راست، ئېسىمگە كەلدى، ھېلىقى مەھەللىگە دۈيجاڭ بولغان.
        __ ئۇ ياخشى ئادەم!
        __ ۋوي، كېلىڭلار، بۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى!
        __ توغرا، شۇنداق قىلايلى.
        __ قايسى دۈيجاڭ ئۇ؟ مەن ئاڭلىماپتىكەنمەن.
        __ ھەي، تۇرسۇن، جۈرە كېتىمىز.
        __ مەنمۇ ئاستا كېتىۋالاي.
        __ نېمە قىلىدۇ، خەقنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپ...
        ئۇلار ھەر نېمە دېيىشمەكتە.
        مانا بۇ دوقمۇش.
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
50778
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2013-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-25
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 22:08:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى  ئىنكاس  يازغۇچىكەنلىكىمدىن  تولىمۇ خوشالمەن...ئەسىرىڭىز   ياخشى  چىقىپتۇ...مەنمۇ  يىزىقچىلىققا بەك ھەۋەس قىلىمەن...بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە  ئۇتۇق تىلەيمەن.....

UID
55710
يازما
465
تېما
54
نادىر
0
جۇغلانما
465
تىزىملاتقان
2013-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-12
توردا
148 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 03:06:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستىلىق بىلەن ئۇشبۇ مىكرو ھىكايە ئارقىلىق سۇسلىشىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىي مۇھەببەتنىڭ رىئاللىقتىكى كۈرۈنىشىنى ئىپادىلەپ، بىزنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. مىكرو ھىكايە يازغۇچىدىن زور بەدىئىي ماھارەت ، تىلنى تاللاپ ئىشلىتىش ۋە كۈزىتىش، شەكىلدىن ماھىيەتكە ئۆتۈشكە ماھىر بۇلۇش، ئاز سۆزلەپ كۆپنى ئۇقتۇرۇشقا ئوخشاش قابىلەتلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. يۇقارقى مىكرو ھىكايىدە دوقمۇشتا شۇ يېقىلغان بوۋانى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان دىئالوگنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك، ئاپتۇر ئاخىردا مانا بۇ دوقمۇش دەپ ئاياقلاشتۇرۇش بىلەن دىمەكچى بولغان ئوي پىكىرنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئوتتۇرغان قويغان. داۋاملىق تېرىشىڭ، مىكرو ھىكايلىرىڭىز بىلەن تۇرمۇشىمزدىكى بىز كەتكۈزۈپ قويىۋاتقان تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ بېرىڭ.

UID
53996
يازما
114
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
114
تىزىملاتقان
2013-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-13
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 10:01:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا كۆپلىگەن تەنقىدىي پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

UID
50039
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2013-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-20
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 17:54:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە كۆپ قىتىم كۈرۈلۈپتۇ-يۇ ، كۆرگەنلەرنىڭ سۆزى بەك ئاز .

ھەقىقەتەن نۆۋەتتىكى رىئاللىقىمىزدا كۆرىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. مەزمۇنى نىمىدىگەن چوڭقۇر-ھە!

قەلەم ئىگىسىنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

UID
53996
يازما
114
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
114
تىزىملاتقان
2013-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-13
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 11:30:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرگۈن يوللىغان ۋاقتى  2013-9-28 17:54
شۇنچە كۆپ قىتىم كۈرۈلۈپتۇ-يۇ ، كۆرگەنلەرنىڭ سۆزى بەك ئ ...

مېنىڭچە بۇ ھىكايىنى ئوقۇغانلار ئوقۇپ بولۇپ ، كۆڭلىدە نىمە دېسە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلمايۋاتقان گەپ .

UID
55934
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2013-9-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 00:37:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ!

UID
53996
يازما
114
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
114
تىزىملاتقان
2013-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-13
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 12:08:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىنى يەنە قايتا ئوقۇپ قۇيۇڭلار...

UID
47298
يازما
102
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
102
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-10
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 21:20:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكرو ھىكايىڭىزنىڭ ھەجىمى سەل چوڭ بولۇپ كىتىپتۇ.

UID
53996
يازما
114
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
114
تىزىملاتقان
2013-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-13
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 17:54:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىسە ھېكايە دېسەك بولغۇدەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش