- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2012-7-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-20
- UID
- 27130
- يازما
- 3
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2012-7-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-20
- توردا
- 6 سائەت
|
رىشات نائىل 1969 - يىلى 9 - ئايدا ئالتاي شەھىرىدە مەرىپەت پەرۋەر ئائىلىسدە تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئۇتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجا شەھىرىدە تاماملىغان، ئۇ 1991 - يىلى شىنجاڭ ساقچى ئوفىتسىرلار مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.
رىشات نائىل 1987 - يىلىدىن باشلاپ خەتتاتلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق ھۆسنىخەت ئەسىرى «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ نېفىت گېزىتى»، «مايبۇلاق»، «ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى»، «ئىلى گېزىتى»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»، «ئامانلىق»، «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» قاتارلىق گېزىت ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.
رىشات نائىلنىڭ خەتتاتلىق ئىجادىي پائالىيىتى 1993 - يىلى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى «شىنجاڭ نېفىت گېزىتى» دە تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەتتاتلىق مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇتۇرلۇپ، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. قاراماي شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان خەتتاتلىق مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچۈنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن، شۇنداقلا «قارا ياقۇت مۇكاپاتى» غىمۇ ئېرىشكەن. ئۇ 1999 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى «ئوقۇتقۇچىلا بايرىمى»نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قاراماي شەھىرىدە شەخسى كۆرگەزمە ئېچىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلارجەمئىيىتى، قاراماي شەھەرلىك خەتتاتلار جەمىئيتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ قېتىم ئۇ شائىر، ئەدىب ئابدۇۋاھىت ئوسمان بىلەن بىرلىكتە خوتەن قاراقاش ناھىيىسى پۇرچاقچى يېزىسىدىكى خوتەن قەغىزى ۋارىسى توختىباقى ئاكىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا نەق مەيداندا بىر نەچچە پارچە ئەسەرنى يېزىپ ھەدىيە قىلدى ھەم خوتەن قەغىزىنىڭ ياسىلىپ چىقىش جەريانىنى كۆرۈپ چىقتى.
ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەتتات رىشات نائىل ئەپەندىم، توختىباقى ئاكىمىزغا سالامەتلىك ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەزمۇنىنى بارلىق تورداشلارغا سۇندى.
رىشات نائىلنىڭ خوتەن قەغىزىگە يازغان بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ:
|
|