تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1450|ئىنكاس: 16

مەندىن سۆيگۈ سورىماڭ دەيسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4105
يازما
31
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
390
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 13:25:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەندىن سۆيگۈ سورىماڭ دەيسىز،
ئاتەش يانغان كۆزۈمگە بېقىپ.
نازلىق كۈلكە دەستىدىن بىھوش،
كېتەر قاچان يۈرىكىم ئېقىپ؟

مەندىن سۆيگۈ سورىماڭ دەيسىز،
قىلىپ تۇرۇپ ئايدىڭدا سەيلە.
چىرماپ تۇتماس ئىدىڭىز قولنى،
تەشنا دىلنىڭ بولمىسا مەيلى.

مەندىن سۆيگۈ سورىماڭ دەيسىز،
كەتمەي تۇرۇپ يېنىمدىن يىراق.
ئويناپ تۇرار ھاياجان لەۋدە،
ۋىل-ۋىل قىلىپ يانغاندەك چىراغ.

مەندىن سۆيگۈ سورىماڭ دەيسىز،
خىجىل بولۇپ قاراپلا يەرگە.
كۆڭۈل دېگەن بولامدۇ ساراڭ،
بىللە يۈرۈپ چۈشمىسە ئەرگە؟!

مەندىن سۆيگۈ سورىماڭ دەيسىز،
تۈمەن سەۋدا ياغدۇرۇپ باشقا.
قانداق مېۋە بېرىدۇ سۆيگۈ؟
تاڭغان بىلەن ياغاچنى تاشقا.


مەنبە:ئىجادىيىتىم


كۆڭۈل كۆكۈلدىن سۇ ئىچەر.
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2095
يازما
193
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
6769
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-23
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 17:21:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچى كۇبلىتنىڭ ئىككىنچى مىسراسى '' سەيلى '' دەپ يېزىلاتتى ھە ؟

'' بىللە يۈرۈپ چۈشمىسە ئەرگە؟! ''  دىگەن بىر مىسرانى مەن چۈشىنەلمىدىممۇ ياكى ماڭا باشقىچە بىلىنىۋاتامدۇ ؟ ............................!

پىراق ئوتىدا كۆيدى تەن ، چىقار ئىس ئۇستىخانىمدىن .

UID
3193
يازما
178
تېما
22
نادىر
0
جۇغلانما
1890
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 17:53:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 1قەۋەتتىكىmuhterbay يوللىغان 2010-08-12 17:21 غا قارتىلغان  :
ئىككىنچى كۇبلىتنىڭ ئىككىنچى مىسراسى '' سەيلى '' دەپ يېزىلاتتى ھە ؟

'' بىللە يۈرۈپ چۈشمىسە ئەرگە؟! ''  دىگەن بىر مىسرانى مەن چۈشىنەلمىدىممۇ ياكى ماڭا باشقىچە بىلىنىۋاتامدۇ ؟ ............................!
<< سەيلى >> دەپ يېزىلىشى خاتا ، بۇ يەنە ئېغىز كۆنۈك تەلەپپۇز شەكلى ، ئەسلى سۆزنىڭ تومۇرى << سەيلە >> ، << تاغ سەيلىسى >> بولغاندا ، << سەيلە >> سۆزىگە << سى >> قوشۇمچىسى قوشۇلغاندىن كېيىن ، سۆز تومۇرىدىكى << ئە >> تاۋۇشى << ئى >> تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدۇ . ئەسلى سۆز << سەيلە >> دەپ ئېلىنسا توغرا بولىدۇ .

تەپەككۇر يولى چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

سەمىمىيلىك - گۆھ

UID
3799
يازما
215
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
7366
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 18:07:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىشانەمگە پۈتۈلگەنمۇ ۋەسلىڭىز،
قانداق چىداش مۈمكىن ئىشقى- پىراققا.
يېلىنجىغان پېتى كۈلۈپ كەلسىڭىز،
چاچقۇ بولۇپ تۆكۈلەيمۇ تۇپراققا.

لىغىرلايدۇ بەرگىلەردە ياپراقتەك.
لەختە-لەختە قانغا تولدى بۇ يۈرەك.
سىز پارلايسىز دىل كۆكىدەبايراقتەك.
سىزدىن باشقا نازىنىنلار نە كېرەك؟.

نېچۈن سەۋەب سورىماققا مۇھەببەت،
يۈرىكىمدە كۆكلىمەكتە ۋەسلىڭىز .
   ئېرىشمەككە چىن بەختكە بار قۇدرەت،
شۇنچە تاتلىق كۈلسە سۆيگۈ پەسلىمىز.....

(ئېھتىرام)

UID
3422
يازما
237
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
7697
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 18:18:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4-كوپلېتنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسىدا ئىپادىلەش جەھەتتىن ھەقىقەتەن مەسىلە باركەن.
ئېھتىرامنىڭ يازغىنىنى ئوقۇپ، مېنىڭمۇ يازغۇم كېلىپ كېتىۋاتىدۇ دېسە! قانداق قىلاي، يازسام بولارمۇ؟

ياز مېنىڭ چۈشلىرىمدە ياز مېنىڭدىن يىراق بىر يەردە...

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
861
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34818
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
71 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 18:31:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 4قەۋەتتىكىyaz~quxi يوللىغان 2010-08-12 18:18 غا قارتىلغان  :
4-كوپلېتنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسىدا ئىپادىلەش جەھەتتىن ھەقىقەتەن مەسىلە باركەن.
ئېھتىرامنىڭ يازغىنىنى ئوقۇپ، مېنىڭمۇ يازغۇم كېلىپ كېتىۋاتىدۇ دېسە! قانداق قىلاي، يازسام بولارمۇ؟
دادىل بولۇڭ يىگىت!!
ئۇنىمۇ سوراپ يازىدىغان ئىشما؟؟

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
861
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34818
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
71 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 18:33:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈل دېگەن بولامدۇ ساراڭ،
بىللە يۈرۈپ چۈشمىسە ئەرگە؟

شېئىرىڭىزنىڭ جەلىپكارلىقىنى مۇنۇ ئىككى مىسرايىڭىز يوقىتىۋىتىپتۇ. شېئىر گۈزەل ،يېنىك تىل تەلەپ قىلىدۇ.قاپىيە ئۈچۈن يالىڭاچلانغان شېئىرلار  باشقىچە تەسىر بېرىپ قويۇدۇ.

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
3674
يازما
166
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1820
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2010-8-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 18:33:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىڭ يېزىڭ، نىمىگە تارتىنىش ئەمدى
مەنغۇ يازاي دىسەممۇ يازالمايمەن، قەلىمىم بەك ئاجىز...

غەم قىلىپ جان توشامدۇ. ئەركىنلىك ئۈچۈن ئالغا!

UID
2095
يازما
193
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
6769
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-23
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 18:41:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دەيمە ، سوراپ يازماي ئىچىڭىزدىكىنى كولاپ يېزىڭە . ھە مانا ، ئالامەت چىقىدۇ .

پىراق ئوتىدا كۆيدى تەن ، چىقار ئىس ئۇستىخانىمدىن .

UID
2091
يازما
1546
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50500
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 18:53:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشقان ئۈزەر دەيدۇ ، يېزىپلا تۇرسا چوقۇم ياخشى چىقىدۇ ..

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش