سۆزلىمەكتە تۈن بىر ھېكايە
يېشىل چۈشلەر سۇندى قاراسلاپ ،
جىمجىت ھەسرەت سىڭدى كۆزلەرگە.
مۇڭغا تولدى قاشاسىز باغلار ،
ئۆز قەلبىدىن قاچماقتا كېچە.
قاراسلىغان تىنىقلار ئارا
ھالسىرايدۇ ئاخىرقى ئىمكان.
توڭلاتماقتا تۇيغۇلىرىمنى
يۈرىكىمدە قاتقان زىمىستان.
ئاستا - ئاستا ئۆچمەكتە مانا،
ئەڭ ئاخىرقى ئاجىز يورۇقلۇق.
مەن كۆرگەن بۇ دۇنيانىڭ ئىچى
ھاياتىمدەك تۇرار قۇپقۇرۇق.
تۇيۇقسىزلا كەچتى ئېسىمدىن
ۋە يوقالدى بىردىنلا ھەممە.
ئىككى غېرىب ئادەم ھەققىدە
سۆزلىمەكتە تۈن بىر ھېكايە...
مەنبە: << تۇرپان >> ژورنىلىنىڭ 2010 - يىللىق 1 - سانى.