تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 886|ئىنكاس: 7

پالىۋەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

قېنى مۇھەببەت؟

UID
3406
يازما
102
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
2901
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-13
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 10:35:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پالىۋەت مېنى

 

ئەخمەتجان ئوسمان ‹ كۆلچى›

 

كۈلكىلىرىڭ نەشتەر مەن ئۈچۈن،

زەھەر تامار ھەر بىر سۆزۈڭدىن.

يالغانچىلىق ئەۋجىدە ئالقىش،

ئايرىۋەتتى مېنى سېنىڭدىن.

ئەي ئادەم

بىلەمسەن چالغىنىڭ، ئېيتقىنىڭ نىمە؟

كىملىكىڭنى بىلەمسەن ئەي يار؟

بولدۇڭمۇ يا قېرىننىڭ قۇلى؟

كۈيلىرىڭگە بەردى قانچە پۇل؟؟

قانچىلىك تاپتىڭ

دۇتتارىڭغا سەپلەپ ساختا تار؟.

سەنئەت نىمە مۇزىكا نىمە؟

چۈشىنەمسەن چىنلىق دىگەننى

چۈشىنەمسەن ئۇيغۇر مۇڭىنى؟

كۆزلىرىگە قاراپ باق ئۇيغۇر

نىمىلەرگە ئوخشاتتى سېنى؟.

ئەي ئادەم

ئەي سازەندە، ناخشىچى دوستۇم،

بىلەمسەن كۈيۈڭدىن تۆكۈلدى نىمە؟

ھېسسيات نىمە بىلمەمسەن ئەي...

نىمىشقا ئالدايسەن

قۇرۇق ئەمچەك سېلىپ ئاۋام قەلبىنى؟

كىمگە ئاتاپ ئۇرىسەن زەخمەك

كىمگە ئاتاپ ئېيتتىڭ ناخشىنى؟.

چاۋاك.....

ئالقىش.....

تەشۋىش ئارا ئولتۇرغان ئەرۋاھ

مەن ۋە سەن

چالىمىز چاۋاك

تېلېۋۇزور ئېكرانىدا

ئۇرۇۋاتسا ئۇيغۇر-ئۇيغۇرنى.

بىز

ئەنە شۇنداق سەنئەتخۇمار خەق

ماتەم تۇتۇۋاتقانلارنى كۆرسەكمۇ

 غىڭشىپ ياريارغا، چالىمىز چاۋاك....

ئەي ئادەم

ئەي سازەندە دوستۇم

مەن نەدە سەن تۆككەن كۈيلىرىڭ نەدە؟

بوشلۇق

ھاڭ

چوڭقۇرلۇق

چەكسىزلىكنىڭ ئىككى بېشىدا تۇرۇپ

سەن چالدىڭ، ئېيتتىڭ ناخشىسىنى كىملەرنىڭ

يىتىم بالىدەك بوينۇمنى قىسىپ

يىغلىدىم كۈيۈڭنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ.

سەسكەندىم

يىرگەندىم

سەندىن

سەن تۇرماق ھەتتا ئۆزۈمدىن

ئەپسۇسلىنىپ

سېنىڭدەك خامىليۇننى

بۈيۈك ئاتاپ چوقۇنغىنىمدىن.

...

ئەي سازەندە، ناخشىچى ئاداش،

كۈيلىرىڭدىن چىقىرۋەت مېنى

پالىۋەت مېنى كۈي دۇنيارىڭدىن

پالىۋەت مېنى سازەندە دوستۇم

مەۋجۇتلۇقۇڭ ئۈچۈن

پالىۋەت مېنى.....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
nafisa + 50 ئىجادىي يازم ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 50   باھا خاتىرىسى

بولدى قىل كۆڭلۈم!!!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2091
يازما
1546
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50500
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 12:20:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاچما شېئىر دەمدۇق بۇنى ، مەزمونىغۇ ياخشىكەن .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

كۆيۈمچان ئەزا

قېنى مۇھەببەت؟

UID
3406
يازما
102
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
2901
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-13
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 13:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىمنى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىغا رەھمەت. مۇمكىن بولسا ئازراق پاراڭلاشساق بوپتىكەن.

بولدى قىل كۆڭلۈم!!!

UID
2155
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
280
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 16:22:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەسكىنىش...... چوڭقۇرلۇق......بوشلۇق.....جەلىق ......پالىنىش ...... ھەقىقىي سەنئەتكارنى خەلىق ئۆزى تاللايدۇ دېگەن راست گەپتە . ئىچكى ھېسسىيات تولۇق ئىپادىلەنگەن بۇنداق شىېرلارنى ئوقۇغىنىمدا ئاجايىپ خۇشال بولىمەن جۇمۇ ؟ ئۇيغۇر مۇڭلىرىمىز< ئامان> بولغاي !!! ھارماڭ ئەپەندىم .

ھەسەتنىڭ ئۈلپىتى-تۆھمەت!

UID
2094
يازما
98
تېما
48
نادىر
0
جۇغلانما
1220
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2010-9-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 16:38:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەنەت

ئۆزىنى كۆرمەي،ئۆزگىگە چوقۇنۇپ،
ئۇنىڭدىن سۈيۈنگەن دىللارغا لەنەت.
ئۆزىنىڭ تۇرسا مەرغۇل،ئابى چەشمىسى،
ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن تىللارغا لەنەت.
تۇزكورلۇق جىسمىغا سىڭىشىپ كەتكەن،
ۋىجدانسىز، بىۋاپا  ئىتلارغا لەنەت.....

غېرىبى

UID
4372
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2010-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2010-8-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 16:44:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىردا بەدىئىيلىكتىن ئەسەر يوق ئىكەن ، بۇ پەقەت قاقشاشقا تولغان سۆز ئويۇنى بوپتۇ ، راستىنى دېسەم بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ ناچار شېئىر بولدى .

كۆيۈمچان ئەزا

قېنى مۇھەببەت؟

UID
3406
يازما
102
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
2901
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-13
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 21:18:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<بۇ شېئىردا بەدىئىيلىكتىن ئەسەر يوق ئىكەن ، بۇ پەقەت قاقشاشقا تولغان سۆز ئويۇنى بوپتۇ ، راستىنى دېسەم بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ ناچار شېئىر بولدى . >>

پىكرىڭىز ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ، بەدىئىيلىك دىگەن نىمە چۈشەندۈرۈپ قويامسىز؟

بولدى قىل كۆڭلۈم!!!

UID
2024
يازما
107
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1070
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 22:49:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدىكى ناخشا-ئۇسسۇل بىزگە نېمە خوۋلۇقلارنى كۆرسەتتى، يەنە نېمە خوۋلۇق كۆرسىتىدۇ؟ ئاللانىڭ ئۆزىگە ئامانەت.
  يېقىندا بىر توردىشىمىزنىڭ ئىمزايىدىكى «كەشىمنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا قارىماي، ئۇسسۇل ئوينايمەن»دېگەن جۈملىلەرنى ئوقۇپ، كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بوپقالغان، كۆلچىنىڭ بۇ چاچما شېئىرىنى ئوقۇپ، يەنە بىر قېتىم ئويغانغاندەك بوپقالدىم، قەلەملىرىڭىزگە دەرد يەتمىسۇن، ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنى ئايىماي يوللاپ تۇرغايسىز.

باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلايلى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش