كۆرۈش: 14855|ئىنكاس: 36

خەلق چاقچاقچىسى ھېسام قۇربان ۋاپات بولدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
14103
يازما
54
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
114
تىزىملاتقان
2011-8-18
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-7
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 22:46:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەلكۈيى تورى مىزان 15-كۈنى خەۋىرى:داڭلىق خەلق چاقچاقچىسى،ھايات نەسىردىن ئەپەندىم دەپ نام ئالغان  ھېسام قۇربان بۈگۈن يەنى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى  چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4:30مىنۇت ئەتراپىدا غولجا شەھىرىدە ئۆز ئۆيىدە  بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.



داڭلىق خەلق چاقچاقچىسى،مەرھۇم  ھېسام قۇربان 1930-يىللىرى غولجا شەھەر ئىچىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1940–يىلىدىن 1944–يىلىغىچە شەھەر ئىچى بەيتۇللا مەدرىسىدە ئوقۇغان. كېيىنچە ئائىلە قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، تاكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانغا قەدەر ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1951–يىلىدىن 1961–يىلىغىچە ئىلى ۋىلايەتلىك ۋە غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەكلىرىدە ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ماھارىتى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 1961–يىلى غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۇ تۇرپانيۈزى، گەمە قاتارلىق يېزىلاردا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1966–يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، تاكى 1980–يىلىغىچە ئىشتىن سىرت سەنئەت ئۆمەكلىرىگە قاتنىشىپ، ئۆز ماھارىتىنى داۋاملىق نامايەن قىلغان. 1980–يىلى 9–ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق 3–نۆۋەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، مەركەزدىن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەت ئەھلىگە ماھارەت كۆرسىتىپ، زور ئالقىشقا ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ خىزمىتى ئەمەلىيلىشىپ غۇلجا شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چاقچاقچىلىق ماھارىتىنى كەڭ نامايەن قىلىدىغان ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۈرىدىغان ئىمكانىيەت، زېمىن ھازىرلانغان.



ھېسام قۇربان ۋە ئايالى،ئوغلى ،كېلىنلىرى بىلەن بىرگە



ھېسامنىڭ ئاتىسى قۇربان ۋە چوڭ دادىسى ئىسمايىللار ئۆز دەۋردىكى يۇرت–جامائەت ئىچىدە تەسىرى بار ئاتاقلىق خەلق قىزىقچىلىرى ئىدى. قۇربان ئاكا ئوغلى ھېسامنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەچكە ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە مەشرەپ–ئولتۇرۇشلارغا ئېلىپ باراتتى. بۇ مەشرەپ سورۇنلىرىنىڭ مەنىۋى مۇھىتى ناھايىتى ساپ، سورۇن ئەخلاقى ئۈلگىلىك ئىدى. ئۇ يەردە ئادەملەرنى روھىي ئازادىلىككە ئېرىشتۇرىدىغان ۋە ئىنسان دىلىنى ساپلاشتۇرىدىغان نۇرغۇن قىزىقچىلىقلار، ئويۇنلار ۋە ساغلام، گۈزەل چاقچاقلار بولاتتى، مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ھېسام ئالدى بىلەن دادىسى ۋە چوڭ دادىسىنى ئۇستاز تۇتۇپ، چاقچاق قىلىشنىڭ ۋە يۇمۇرلۇق، ساغلام، كۈچلۈك ھەجىۋىي تۈسكە ئىگە چاقچاقلارنى ئەپلىك قۇراشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگەندى. جەمئىيەتتە بولسا شۇ دەۋردە ئالقىش ۋە ئېتىراپقا ئىگە بولغان، يۇقىرىدا بىز ناملىرىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئاتاقلىق چاقچاق ئۇستىلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن سورۇنلاردا بىللە بولۇپ ھەم ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېتىشتۇرگەن چاقچاقچىلىق ماھارەت، تەجرىبىلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەندى. يىللار ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ چاقچاقچىلىق ماھارىتى بارا–بارا پىشىپ يېتىلىپ، كامالەتكە يېتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ قىزىقىش، دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇشىغا، مۇھاكىمە، تەتقىق قىلىشىغا، نەشر ئەپكارلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى.بۈگۈن يەنى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى  چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4:30مىنۇت ئەتراپىدا غولجا شەھىرىدە ئۆز ئۆيىدە  بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن ھېسام قۇربان ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋىر - تاقەت تىلەش بىلەن بىرگە ھېسام قۇربان ئاكىغا ئولۇغ ئاللاھتىن جەننەتتىن ئورۇن بىرىشىگە تىلەكداشمىز.





UID
18785
يازما
68
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-28
توردا
237 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 23:11:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئىگەم مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن،ئامىن!

UID
52611
يازما
13
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-18
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 23:44:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمىنىڭ  ياتقان يىرى  جەنىنەتتە  بۇلسۇن .  ئۇ  مەڭگۇ  ھايات.خەلىق  ئۇنى  مەڭگۇ  ياد ئېتدۇ،ئامىن .

UID
4302
يازما
398
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8694
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-30
توردا
117 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 00:01:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشى نۇرغۇن غىرىپ كۆڭۈللەرگە كۈلكە ئاتا قىلغان ئىدى .بۇ ئادەمنى داۋاملىق ياد ئېتىپ تۇرىمەن .

UID
15956
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
138
تىزىملاتقان
2011-10-11
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-22
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 00:07:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي،ئامىن!
بىز ھەممىمىز اللەنىڭ ئىلكىدىمىز،ھامان اللەنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز.

كۆيۈمچان ئەزا

ıytılıp boldi nurgun gap so

UID
2725
يازما
260
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
6291
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-22
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 00:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   چاقچاقلىرى بىلەن بىر دەۋىر كىشىلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن تالانت ئىگىسى ئىدى .مەرھۇمغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىز ،ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەبىر تىلەيمىز .

UID
31618
يازما
179
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-30
توردا
88 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 00:22:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ئامىن ...

UID
47578
يازما
105
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
105
تىزىملاتقان
2013-3-18
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-11
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 01:16:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن   كورلا  خەلىقى  نامىدىن   مەرھۇمنىڭ  ئۇيدىكىلەرگە سەبىرە - تاقەت  تىلەيمەن !
مەرھۇم  ھېسام ئاكىنىڭ  ياتقان يېرى جەننەتە  بولغاي!    ئۇلۇغ ئاللاھ  گۇناھلىرنى مەغپىرەت قىلسۇن! ئامىن !!
:

UID
14438
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
312
تىزىملاتقان
2011-8-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 04:19:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ھەممىمىز اللەنىڭ ئىلكىدىمىز،ھامان اللەنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز                  

UID
48517
يازما
192
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
192
تىزىملاتقان
2013-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-6
توردا
95 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 09:13:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتتە بولسۇن .ئۇ ۋاپات بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىزنىڭ دىللىرىمىزغا  ئاتا قىلغان كۈلكىلىرى مەڭڭۈ ئۆلمەيدۇ ،ھىسام قۇربان چاقچاقچىمىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش