تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2037|ئىنكاس: 12

توكيودىكى « نامرات» لار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
55616
يازما
7
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-9-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-18
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

توكيودىكى «نامرات» لار



نۇرغۇن كىشلەرگە ئايانكى توكيۇ تۇرمۇش ئېستمال سەۋىيىسى ئىنتايىن يۇقىرى، مال باھاسى، يەرباھاسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەر.ئۇنداقتا توكيودا ياشاۋاتقان پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ھەددىدىن زىيادە ئېغىرمۇ؟ توكيودا كۈن ئالماق بەسى مۇشكۈلمۇ؟
توكيودا كىرىمى ئەڭ ئاز بولغان ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلەر: ئاشپوزۇللارنىڭ قاچا-قۇچا يۇيغۇچىلىرى، تاللابازارلىرنىڭ كۆكتات ئادالىغۇچىلىرى، ماشىناتوختىتىش زاللىرىنىڭ تازىلىق ئىشچىلىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇخىل كەسىپتىكىلەر سائىتىگە تەخمىنەن 800دىن 1000 ياپۇنىيە يىنىغىچە (نۆۋەتتىكى ئايرىباشلاش قىممىتى بويىچە 1ياپون يىنى 0.078 يۈەنگە تەڭ، شۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ سائەتلىك كىرىمى 60دىن 78 يۈەنگىچە بولىدۇ) بولىدۇ.
بۇ بىرسائەتلىك ئىش ھەققى نېمىگە يېتىدۇ؟
بۇنچىلىك پۇلغا ئادەتتە توكيودىكى تاللابازارلىدىن 2.5لېتىرلىق تائام يېغىدىن 4 بوتۇلكا ياكى تۇخۇمدىن 70 دانە سېتىۋالغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئايرىم –ئايرىم ھالدا 4كېلوگرام ئۇن، 4كېلوگرام گۈرۈچ ، 4لېتىر كالاسۈتى ياكى 1كېلوگرام چوشقا گۆشى سېتىۋالغىلىمۇ بولىدۇ.
توكيودا بىرقېتىملىق شەھەر ئىچى سۆزلىشش تېلېفۇن ھەققى 10 ياپۇن يىنى، بىرپارچە خەلقئارالىق پوچتا يوللانمىسى ھەققى 80 ياپۇن يىنى، ئاممىۋى قاتناشتا 5بېكەتلىك يول يۈرسىڭىز 180 يىن(14يۈەن) ، نورمال بىر قېتىملىق تاكسى لېنىيىسى 230 يىن(18يۈەن)، ئاپتۇمۇبىل يىقىلغۇسىنىڭ ھەرلېتىرى 145 يىن (11.3 يۈەن) ……..
يۇقىرىقى ھېسابات گەرچە نۆۋەتتكى مال باھاسى بويىچە مىسال قىلىنغان بولسىمۇ، بىر سائەتلىك كىرىم بىلەن تۇرمۇش ئىھتىياجىنى خىلىلا قامدىغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. ئەگەر يۇقىرىقى مال باھاسىنى ئوخشاش تۈردىكى جۇڭگو مال باھاسى بىلەن سلۇستۇرساق توكيونىڭ ھەقىقەتەن يۇقىرى، بىراق ياپۇنىيىلىكلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئايلىق كىرىمى بولمىش 250،000 ياپۇن يىنى(19500يۈەن)ۋە كىشى بىشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم بولمىش 300000 ياپۇن يىنى (234000يۈەن) نى ئويلىشىپ باقساق بۇخىل كىرىم-چىقىم ئەھۋالى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ.
بىر ۋاقىتلىق ئىشلەمچى ھەركۈنى 8سائەت خىزمەت قىلسا، كۈنىگە 6500دىن 8000يىنغىچە(500يۈەندىن 625يۈەنگىچە) كىرىم قىلالايدۇ، ھەرئايلىق كىرىمى بولسا 200،000يىن (15600يۈەن) دىن كەم بولمايدۇ. ناۋادا ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ قوغلاشماي، شەھەر چىتىدىنرەك تۇرالغۇ ئىزدىسە30~40 كۇۋادرات مېترلىق ئاشخانىسى ۋە ئىككى ھوجرا، بىر مېھمانخانىلىق ئىجارە ھەققى 80،000دىن 100،000يىنغىچە (6240يۈەندىن 7800يۈەنگىچە) بولغان ئۆي تاپقىلى بولىدۇ، بۇ بىر كىشىنىڭ بىرئايلىق ئىش ھەققىنىڭ يىرىمىغا يەتمەيدۇ، ئىشىپ قالغان ئىش ھەققى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستمالىنى قامداش مەسىلە ھېسابلانمايدۇ.
ناۋادا بۇ ئىشلەمچى تىجەشلىكرەك بولسا بىر مەزگىلدىن كېيىن ماشىنا سېتىۋىلىشنى ئويلاشسا تامامەن بولىدۇ. ئادەتتىكى ياپونىيە ئۆزىدە ئىشلەنگەن ماشىنىلارنى 1مىليۇن 700مىڭ يىندىن 1مىليۇن 800مىڭ يىنغىچە(140مىڭ يۈەن ئەتىراپىدا) سېتىۋالغىلى بولىدۇ. نېمكەش ماشنىلار تېخىمۇ ئەرزان، ئىككىنچى قول ماشىنا بازىرىدىن نەچچە ئونمىڭ كېلومتېر مۇساپە باسقان ماشىنىلارنى بىرەر مىليۇن يىن ياكى ئۈچ-تۆرتيۈزمىڭ يىنغىچە(30مىڭ يۈەن ئەتىراپىدا) سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ياپونىيە جەمئىيىتىدە كىشلەرنىڭ سەمىمىيلىك قارىشى ناھايىتى يۇقۇرى، ئادەتتە ئىككىنچى قول ماشىنىلاردا ھېچقانداق مەسىلە يوق بولۇپ، تامامەن ھالدا خاتىرىجەم سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
نۇرغۇن ئەللەر بىلەن سېلۇشتۇرغاندىكى بىر روشەن ئالاھىدىلىك شۇكى، توكيودىكى «نامراتلار»نى تاشقى جەھەتتىن جەزىملىگىلى بولمايدۇ. ئۇلار يېمەك-ئىچمەك، كېيىم –كېچەكتە بايلاردىن قىلىشمايدۇ. ئېلېكتىرۇنلۇق ئائىلە بۇيۇملىرى كەم ئەمەس، شەخسى تۇرالغۇسى، شەخسى ماشىنىسىمۇ تەل، بايلار بىلەن ئوخشىمايدىغان پەرقى بار دېسە بەلكىم بانكىدىكى زور سوممىلىق ئامانىتى ياكى چەتئەللەردە ساياھەت قىلىش قېتىم سانى ئاز بولۇش جەھەتلەردە بولۇشى ياكى ئېمپورت قىلىنغان ھەشەمەتلىك ماشىنىىسنىڭ يوقلىقىدا بولۇشى مۇمكىن.
ھەرخىل ئىستىمال توپىدىكى كىشلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن توكيودا يەنە تۈرلۈك دەرىجىدىكى سودا دۇكانلىرى قۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئاپتومۇبىل كۆچمە دۇكانلىرى دائىم دېگۈدەك ئاھالىلەر رايۇنلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ تۆۋەن باھالىق مېۋە-چىۋە، كۆكتات ساتىدۇ. توكيودا تاكشىمايا،سىبولاردەك داڭلىق سودا سارايلىرى بولۇپلا قالماي يەنە تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ئېچىلغان مەملىكەت مىقىياسىدا زەنجىرسىمان سېتىش دۇكانلىرى بولۇپ، جۇڭگونى ئۆزئىچىگە ئالغان نورغۇن دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن ئەلا سۈپەتلىك، باھاسى مۇۋاپىق مەھسۇلاتلارنى تەمىنلەيدۇ.
ناۋادا بىراۋ ئىشسىز قالىدىغان ئىش بولسا ، ئۇنىڭ جورىسىنىڭ خىزمىتى، ئايلىق كىرىمى بولۇشىدىن قەتئىي-نەزەر، رايۇنلۇق كومىتىتقا تېزىملىنىپ، ھەرئايلىقى 200مىڭ ياپۇن يىنى بولغان ئىشسىزلىق تەمىناتىدىن 3 ئاي بەھرىمان بولسا بولىدۇ. بىراۋ بالىلىق بولسا، رايۇنلۇق كومىتىت ھەرئايلىقى 40مىڭ يىنلىق ئۆسمۈرلەر تۇرمۇش تولۇقلمىسى بىجىرىپ، بىۋاستە ھىساباتقا كىرگۈزۈپ بېرىدۇ، بۇ تاكى شۇ بالا قورامىغا يەتكۈچە داۋاملىشىدۇ. ئادەتتە يەسلىلەرنىڭ ئايلىق خىراجىتى 40مىڭ يىندىن ئىشىپ كەتمەيدۇ، بۇنداق بولغاندا تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ياخشى بولغان تەربىيىلىنىش مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالمايدۇ ئەلۋەتتە .
2010-يىلى جۇڭگونىڭ GDP سى ياپۇنىيىدىن ئىشىپ ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندى. بىراق كىشىنىڭ كۆزىنى قانچىلىك ئالا-چەكمەن قىلغۇدەك ئىقتىسادى ئىشش بولسۇن، بىر جەمئىيەتنىڭ ئەڭ غايىۋى ھالىتى شۇكى : ھەرخىل كىشلەرتوپىغا (ئادەتتىكى كىشىلەر،ھەتتا ئەقلى ئىقتىدارى ئاجىزلار توپى) بىخەتەر، شۈبھىسىزبولغان تۇرمۇش ۋە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك.



- خەنچە «ئوقۇرمەنلەر» تورژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 17-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى| داداش تەرجىمىسى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
55622
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-9-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئاشاقلارغا بىر چىققۇم بار، ئاللاھ نىسىپ قىلسا چوقۇم چىقىمەن.

UID
43136
يازما
283
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
283
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-18
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەششەتكەنغۇ  بىزگىمۇ پۇرسەت بولسا چىقىپ بىرەر يىل ئىشلەپ كەلسەك بولغۇدەك جۇمۇ بۇكاساپەتلەر ماللىرىنى ياخشى ئىشلەپ تېخى بىزگە ئەرزان ساتىدىكەن دىسە

UID
52314
يازما
85
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
85
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-19
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى بىرى ، ياپۇنىيەدە ئىش قىلسا پۇلنى بەك كۆپ بېرىدىكەن دېسە ، ياق ! پۇلنى كۆپ بەرمەيدۇ ، لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردىكى پۇلىمىزنى ئۇلارنىڭ يىنىغا ئايلاندۇرسا كۆپ بولۇپ كەتكەنلىك بولىدۇ . لېكىن ئاشۇ پۇلنى يەنە خەلق پۇلىغا ئايلاندۇرسا يەنىلا شۇ پۇل قايتىپ كېلىدۇ دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم . بۇ تېمىنى ئوقۇپ مېنىڭ جاۋابىمنىڭ ھەقىقەتەن خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدىم . ئۇ يەردە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىش ھەققى كۆپ ئىكەن . ئۈستىدىكى تورداش ئېيتقاندەك ، بىرە يىل قاتتىق ئىشلەپ پۇل توپلاپ كېلىدىغان يەركەن ئۇ ؟! كۈنىگە بەش يۈز سومدىن نەق كەلتۈرۈلسە ، بەش - ئالتىسى بىرلىشىپ بىر كىچىكرەك ئۆينى ئىجارىگە ئالسا ........

مانا بۇ ساھىبخانلارنىڭ ئۈمۈدى ھە ...........

UID
52741
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2013-6-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-16
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر سائەت ئىشلىسىە بىزنىڭ بۇ تەرەپتىكى نورمال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر كۈنلۈكىگە توغرا كىلىدىغان مائاشنى ئالىدىكەن ،شۇ بىر سائەت ئىشلىگەن پۇلغا 70 ئەتراپىدا تۇخۇم سىتىۋالالىسا بىز بۇ يەردە 70 تۇخۇمنى ئاساسەن بىر كۈنلۈك ئىش ھەققىمىزگە ئالىدىكەنمىز

UID
31144
يازما
445
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
445
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-18
توردا
103 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكام ،ھەدەملەرمۇ ياپۇنيەدە ئوقۇپ كەلدى ،ئەمدى ئېنىممۇ ياپۇنيەگە ئوقۇشقا ماڭلغىلى ھەش پەش دىگۇچە 1 يىلمۇ بۇلۇپ قاپتۇ ،بۇلاردىن مال باھاسىنىڭ قىممەت ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانتىم !

باھا سۆز

khan  ئەمدى سىز قاپسىز سىڭلىم. قاچان چىقارسىز؟  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

UID
54852
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2013-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-16
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەلگە قارىغۇلارچە ئىشىنىش ئىدىيىسى بارغانچە ئېغىرلاپ بارغان بۇ كۈندە ، قېرىنداشلىرىمىز كىشى يۇرتلىرىدا سەرسان سەرگەردان بولۇۋاتقان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس . ئۆز يۇرتىدا قىلىشقا ئۇيىلىدىغان ئىشلارنى چەت ئەللەردە قىلىۋاتقان ، مۇشۇ يۇرتدا قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان ئاتالمىش ‹‹ نومۇسلۇق ›› قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس . سىتودىنتلىرىمىز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ سان-سۆھرىتى ئۈچۈن دەرىسلەرنى ئالالماي قىينىلىۋاتقان ۋە تۇرمۇشتىن قىينىلىۋاتقان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس . قاچانكى بىزدىكى مەنمەنچىلىك ، بىزدىكى ئابرويپەرەسلىك تۈگەيدىكەن ، شۇ ۋاقىتتا بىزدىكى چەتئەل قارىشى ئۆزگۈرىدۇ !!~( شەخسى قاراش )

UID
54852
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2013-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-16
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەلگە قارىغۇلارچە ئىشىنىش ئىدىيىسى بارغانچە ئېغىرلاپ بارغان بۇ كۈندە ، قېرىنداشلىرىمىز كىشى يۇرتلىرىدا سەرسان سەرگەردان بولۇۋاتقان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس . ئۆز يۇرتىدا قىلىشقا ئۇيىلىدىغان ئىشلارنى چەت ئەللەردە قىلىۋاتقان ، مۇشۇ يۇرتدا قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان ئاتالمىش ‹‹ نومۇسلۇق ›› قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس . سىتودىنتلىرىمىز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ سان-سۆھرىتى ئۈچۈن دەرىسلەرنى ئالالماي قىينىلىۋاتقان ۋە تۇرمۇشتىن قىينىلىۋاتقان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس . قاچانكى بىزدىكى مەنمەنچىلىك ، بىزدىكى ئابرويپەرەسلىك تۈگەيدىكەن ، شۇ ۋاقىتتا بىزدىكى چەتئەل قارىشى ئۆزگۈرىدۇ !!~( شەخسى قاراش )

باھا سۆز

begana  ئوخشاش قاراش  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

UID
31144
يازما
445
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
445
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-18
توردا
103 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مالىك يوللىغان ۋاقتى  2013-9-16 11:58
ئاكام ،ھەدەملەرمۇ ياپۇنيەدە ئوقۇپ كەلدى ،ئەمدى ئېنىمم ...

خۇدايىم بۇيرۇسا ئۇ كۇنلەرمۇ كېلىپ قالا ،پەقەت بولمىغاندا ئوغلۇمنى بولسىمۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتمەن دەپ ئويلايمەن ئۇيغۇران  ئەپەندىم !
قەلەم قوۋىتىڭىزگە تەشەككۇرلەر ئىيتماي تۇرالمايمەن ،بارىكاللاھ !!!

UID
55673
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-9-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇللۇكسزنې پۇتتۇرگەن ماڭا پاسپورت برەمۇ بر تەكلپ بەرسەڭلا،،،،،،،،.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش