- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 13
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 77
- تىزىملاتقان
- 2010-9-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-21
- UID
- 5775
- يازما
- 13
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 77
- تىزىملاتقان
- 2010-9-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-21
- توردا
- 9 سائەت
|
قومۇلدا ئۆز - ئارا بىر - بىرىگە ئالدىنىش ئادەت بولۇپ كەتكەن بولسا كېرەك ، مەسىلەن : مىھرىبانۇ چىڭۋاڭ شاھ مەخسۇد خوجىغا ئالدىنىپ ، تەخىتتىن چۈشتى ، 1875 –يىلىدىن تارتىپ تىركەشكەن تورپاقلارمۇ 1907 - يىلى شاھ مەخسۇد خوجا ۋە قومۇل دوتىيىغا ئالدىنىپ كاللىسى كىسىلدى ، تۆمۈر خەلپىمۇ قومۇلدا خۇيزۇ لى شۇفۇغا ئالدىنىپ ، ئۆرۈمچىدە خەلقنىڭ ئامانلىقىنى بۇزغان ئۇنسۇر دىگەن قالپاقنى كىيىپ ، ياڭ زىڭشىن تەرپىدىن 1913 - يىلى 9 ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۆلتۈرۈلدى . شۇنىڭ بىلەن ئىزىلگەن قۇمۇل خەلقىنىڭ بىر مەھەل خاتىرجەملىكىگىمۇ خاتىمە بىرىلدى ، 1931 - يىلى 19 يىل يۇرتسىزلىق ، ۋەتەنسىزلىك دەردىدە سەرسان بولۇپ، خورلانغان خوجىنىياز ھاجىم تۆمۈر خەلپىنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، خەلققە باش بولۇپ شاھ مەخسۇد خوجىنىڭ چىكىدىن ئاشقان زۇلۇمىغا قارشى يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈردى ، قوشۇننىڭ سانى ، دائىرسى كۈنسايىن زورىيىشقا باشلىدى ، جۈملىدىن شىمالى شىنجاڭدىن باشقا بارلىق رايۇنلاردا مىللى ئازادلىقنىڭ مەنىۋى بايرىقى لەپىلدىدى ، ھالبۇكى بۇ ئۇلۇغ سەركەردە شىڭ شىسەي ھەم سوۋىت غالچىللىرى بىلەن تۈزۈشكەن تىنىچلىق بىتىمىگە ئالدىنىپ شىڭ شىسەينىڭ ئابدۇقادىر داموللا ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، شۇنداقلا ئۇلاردىن باشقا نورغۇنلىغان مەشھۇر كىشىللىرىمىزنى ئەجەل ئالدىغا سۆرەپ ئېچىنىشلىق ئۇسۇللاردا ئۆز قۇلىمىز ئارقىلىق ئۆلتۈرگۈزگەن قىلمىشىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ جەنۇبى شىنجاڭدىكى پىدائىيلار ئۆز - ئارا قىرغىن قىلىشىپ ، ئۆز - ئارا بوغۇشۇپ ، ئاقىۋەت ماخۇسەندەك يىتىم ئوغلاقلار شاپتۇل دامۇللىدەك مۇناپىقلارنىڭ ياردىمىدە نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ خوتەن ، قەشقەر ئاتۇش خەلقىنى قانغا پاتۇردى ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى ، قانلار دەريا بولۇپ ئاقتى ، ئەپسۇسكى ئۆمۈرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىس - تۈتەك ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ ، خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن دەريا - دەريا قانلارنى ئاققۇزغان بۇ باھادىر پالۋان ، خەلقنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مۇقەددەس تۇپراقنىڭ يولباشچىسى ، ئانا يۇرتىنىڭ سەركىسى قورقۇمسىز غازى 1934 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىگەن قۇرۇق ئەمەلگە يەنە بىر قېتىم ئالدىنىپ تۆمۈر خەلپىگە ئوخشاشلا ئۆرۈمچىگە ماڭدۇرۇلۇپ ، ئۈچ يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا ياپۇن تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ قۇيرۇقى دىگەن قارا بەتنامغا قېلىپ ، يۇرت خەلقىنى يىتىم قىلىپ ، قومۇلدا خەدىچىخاننى ، كۇچادا كۇچا خېنىمىنى تۇل قالدۇرۇپ ، 1937 - يىلى قولغا ئېلىندى ، . يەنە شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ، مەمتىلى تەۋپىقتەك 300 گە يېقىن مائارىپچى ، ئىسلاھاتچى ، ئوت يۈرەك ، شىر سۈپەت ئەزمەتلەرمۇ قەشقەر ياۋاغدا دەھشەتلىك كۆيدۈرۈلدى .
شىڭ شىسەي بۇنىڭلىق بىلەنمۇ قانائەت قىلماي ئاپەتنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تۈگۈتۈش ئۈچۈن 1941 - يىلى 8 – ئايدا خوجىنىياز ھاجىنى ئېچىنىشلىق ھالدا مەخپى بۇغۇپ ئۆلتۈردى ، كىيىنكى يىلى كومىنىستىك پارتىيەنىڭ ۋەتەنپەرۋەر زاتلىرىدىن لىن جىلۇ ، ماۋزىمىن ، چىن تەنچىيۇ قاتارلىقلارمۇ شىڭ شىسەينىڭ ئۆزگىچە ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن بىر - بىرلەپ ئۆلتۈرۈلدى ، << لىيۇ زىشاۋ – ئۇيغۇرلار تارىخى >> .
..................... خەلق تېخىمۇ ئېغىر ئەندىشىگە پاتتى . كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى ئەينى ۋاقىتتىكى جەنۇبى شىنجاڭ پىدائىيلار ئارمىيسى ئەنە شۇنداق تىزلا بوراندا قالغان توزغاقتەك تىزلا توزۇپ كەتتى . تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى شۇ ۋاقىتتىكى شۇرالار ھۆكۈمىتى ( سوۋىت ھۆكۈمىتى ) دەك جاھانگىرگە ئىشىنىپ كەتكىنى تېخىمۇ يامان بولدى . شۇ تۆپەيلى ئۇلار تەپ تارتماي تۇرۇپ زىمىنىمىزغا قىزىل ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتىپ ۋەتىنىمىزنى قانغا بويىدى . جىياڭ جېشى دىگەن لومۇدا بۇنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ ، لىكىن بۇ تاز قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئۆز ۋەتىننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىشغا يول قويدى . مانا بۇنىڭ ئۈزى ئۆز ۋەتىنىگە قىلىنغان توزۇكۇرلۇق ، لىكىن قىلغۇلۇقنى قىلغان ياڭ زېڭشىنغۇ 17 يىل شىنجاڭدا زورلۇق زومبۇلۇق قىلىپ ، ئاخىرى فەننىڭ قۇلىدا ئۈلۈپ قۇتۇلدى ، جىياڭ جېشى بولسا كومپارتىيەنىڭ 8 - ئارمىيىسىدىن دەككىسىنى يەپ ئەلەمگە چىدىماي تەيۋەنگە قاچتى ، شىڭ شىسەي بولسا جېنى تۇمشىقىغا كىلىپ قالغاندىمۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن زىمىنىمىزنىڭ تاغدەك ئالتۇن - كۆمۈچلىرىنى يەپ تويمىغاننىڭ ئۈستىگە خەلقىمىزنىڭ كۆزىگە كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ يەنە ساناقسىز بايلىقلارنى بۇلاپ جىياڭ جېشىنىڭ قوينىغا ئۈزىنى ئاتتى ، ئۇلارنىڭ جاۋاپكارلىقى شۇنىڭ بىلەن تۆگىدى ، ئىسمايىل تورپاق ، ياقۇپ تورپاق ، راجى بالا ، تۆمۈر خەلپە ، ئامانقۇل ، شاكىر ، تورپاق ئۆز ئەمەت ، مەڭلىك بالا ، قاسىم قىزىق ، مەخسۇد مۇھتى ، سالى دورغا ، ئەنسارى ، جېرجىس ھاجى ، خوجىنىياز ھاجى پالۋان شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ تالاي ۋەتەنپەرۋەر پالۋانلار ناھەق ئۆلدى ۋە ئۆلتۈرۈلدى ، شۇنداق قىلىپ بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر خەلق قەلبىدە مەڭگۈلۈك بوران - چاپقۇننىڭ تامغىسى سۈپپىتىدە قانلىق تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى ، ھەتتا بالا دولاننىڭ قوزغىلاڭ رەھبەلىرىدىن سورىغان سۇئالىمۇ جاۋابسىز ھالدا تۇپراققا كىرىپ كەتتى ، بولار دىشىۋارچىلىق ئوخشاشلا يەنە ھايات قالغان خەلققە بولدى . دېمەك خۇداسى بىر دىنى بىر ، تىلى بىر ، مىللىتى بىر بولسىمۇ يەنىلا دىلى بىر بولمىغان قەۋىمنىڭ ئاقىۋىتى ئېچىنىشلىق ئۈلۈم – شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭ خاتىرلىرىدىن .
.......................... .شوڭا قوشۇننىڭ سانى قانچە كۆپ بولسىمۇ يەنىلا يۇقىرى تۆۋەندە بىرلىك بولمىسا نىمىگە پايدىسى . شۇنداق ئەمەسمۇ .........................................................................
..ئەگەر بۇ ئىنكاسىمدا خاتالىق بولسا تۈزۈتۈشۈمگە ياردەم بەرسەڭلار ،
كۆر ئىتقا بولۇۋەرسە باش ئارىسلان ،
بولۇر ئىشتلار ھەممە ئارىسلانسىمان .
ئەگەر ئىشتلار بولسا ئارىسلانغا باش ،
بولۇر ئارىسلانلار شۇئان ئىشتسىمان .
( - قۇتادىغۇبىلىك )
|
|