- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2013-9-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-24
- UID
- 55825
- يازما
- 6
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2013-9-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-24
- توردا
- 0 سائەت
|
نەزىر - چىراق قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن ، ئەمما نەزىر - چىراق چۇقۇم خالىس بولغىنى ياخشى ھىچقانداق داستىخان قوبۇل قىلماي ، داستىخان يىغىپ قىلغان نەزىر نەزىر ئەمەس .
دادام رەھمەتلىك تۈگەپ كەتكەندە نەزىر قىلدۇق ، ھىچقانداق داستىخان قوبۇل قىلمىدۇق ، ئازىسىدا ئىسسىقلىق دەپ ئەكىرگەن تاختىلىق چايلارنى ، پېچىنە - پىرەنىكلەرنى ، رەخلەرنى ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ داستىخىنىغا ئوراپ كۆتەرتىپ قويدۇق ، خەتمە - قۇرئان قىلغانلارغا پۇل بىلەن قوشۇپ قويدۇق ، تاماقلارنى بولسا داستىخانغا قويدۇق ، ئاشقىنىنى ياشىنىپ قالغانلارغا ، قارىغۇچىسى يوق چوڭلارغا ، تۇغۇتلۇقلارغا ، كېسەللەرگە ، كىچىك بالىسى بارلارغا ئۇدۇللۇق ئەچىقىپ بەدۇق ، تۇققانلارغىمۇ كۆتۈرتۈپ قويدۇق تاماق ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنماي ساقلانسىلا بۇزۇلۇپ ئىسراپ بوپ كېتىدىغان بوغانكىن .
7 نەزىرى ، 40 نەزىرى ، يىل نەزىرىگە كېتىدىغان بارلىق چىقىملارنى ھېساپلاپ ، بىر قىسمىغا يېقىن - يىراقتىكى ، تۇققانلار ئارىسىدىكى ئاجىز ، مېيىپ ، يىتىم - يىسىرلارغا ئۇن ، ماي ، گۈرۈچ ، كۆمۈر دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئاپىرىپ بەدۇق ، كۆپ قىسمىنى مەسچىتكە ئاتىدۇق ، 7 - نەزىرىنى چوڭ ئۆيدە ، 40 نەزىرىنى ئاكامنىڭكىدە ، يىل نەزىرىنى ئاچامنىڭكىدە يېقىن ئۇرۇق - تۇققانلارنىلا چاقىرىپ خالىس قىلىپ ، جامائەتنى بامداتتىن يېنىپلا داستىخىنىمىزغا داخىل قىلدۇرۇپلا ئۆتكۈزدۇق ، ئەلۋەتتە ئىسپارا ئوقۇتتۇق ئاساسلىقى . ھازىر مۇشۇ ئاساس بولىۋاتىدۇ مەن با يەردە ، مەيلى ئازىسىدا بولسۇن ، نەزىرىدە بولسۇن بىردەك يىغلىشىمىزنى چەكلىدى ، يامان بولىدۇ ، ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنى شۇكەن ، بەندىنىڭ قارشى چىقىش ھەققى يوق ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلدۇق ، يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز ، بولمىسا مىيىتقا ئازاپ بولىدۇ دەپ . ئازىسىدا ، نەزىرىدە ئاۋازىنى چىقىرىپ كۈلۈش ياتلارغىمۇ مۇناسىپ ئەمەس ، ھېلىغۇ تۈگەپ كەتكۈچىنىڭ تۇققانلىرى ئەمەس ، بۇنداق سورۇندا ھىجىيىشنىمۇ بەك يامان كۆرىدۇ خەق . |
|