- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2011-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-24
- UID
- 18609
- يازما
- 6
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2011-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-24
- توردا
- 12 سائەت
|
خوتەن ئەتلىسىدە لايىھەلەنگەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوقۇغۇچىلار فورمىسى ۋۇجۇتقا چىقتى
جىمجىت خىلۋەت ماكاننىڭ قوينى دەريا ئوركىشىدەك تاشقىللىدى. مانا بۈگۈنكىدەك دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۇيغىنىش كۈچى يۈقىرى كۈتۈرىلگەن مانا مۇشۇنداق پەيتتە خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسىدا مىللى مەدەنىيەت ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ئوقۇغۇچىلار فورمىسى بارلىققا كەلدى .
مىللى ئالاھىدىككى ئىگە ئوقۇغۇچىلار فورمىسى ئاپتونۇم رايۈنلۇق ئىتتىپاق كومتېتىدىن خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسىغا ئىككى يىللىق ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا كەلگەن شۆھرەت شاۋكەتنىڭ تەكلىپى تەشەببۇسى، ئاپتۇنۇم رايۈنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى تەۋەككۇل يېزىلىق تەشۋىقات-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى تۇرسۇن غۇجىئابدۇللا، ئاپتونۇم رايۈن بۇيىچە ئەڭ گۈزەل شىنجاڭ ياشلىرى بولۇپ تاللانغان، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئون مۇنەۋۋەر ياش ئېزىز ئىمىنتوختى، تەۋەككۇل يېزا يەكشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن نۇنىسە سىدىق، بۇخەلچەم جامال قاتارلىقلارنىڭ پىلاللىشى، يېقىندىن قوللىشى ئارقىسىدا بۇ مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوقۇغۇچىلار فورمىسى ۋۇجۇتقا چىقتى.
بۇ مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوقۇغۇچىلار فورمىسى يېزاتۇرمۇشىغا خاس ھالدا تەۋەككۇل يېزىسىدىكى ئىككى ئورۇندىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سىناق قىلىغان بولۇپ، بۇ ئۇقۇغۇچىلار فورمىسى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يېزا ۋە ناھىيە ۋىلايەتتىكى رەھبەرلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشتى. ھەرقايسى توربەتلەردە تەشۋىق قىلىنغاندا شىنجاڭ ئىچى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ماىتىشىغا سازاۋەر بولدى .
بۇ كىيىمنى كەيگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى يۈقىرى كۈتۈرلۇپ، بۇ يېزىدا ئۈگۈنۈش ئولگىسى كوپلەپ بارلىققا كەلدى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىلىش قىزغىنلىقى يۈقىرى كۈتۈرۇلۈپ بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى كىلىش نىسپىتى 100%گە يەتتى.
بۇ مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە نەكتەپ فورمىسى ئاپتۇنۇم رايۈننىڭ رەھبەرلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى، بۇ كىيىمگە ئاپتۇنۇم رايۈنلۇق ئىتتىپاق كومتىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئاپتونۇم رايۈنلۇق ئىتتىپاق كومتىتىنىڭ شۇجىسى ئاينۇر مەكتسەت شۇجى بۇ كىيىم ئۈچۈن 30مىڭ يۈەن پۇل ئىئانە قىلدى.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-18 10:11):
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللىيالمىدىم.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-18 10:13):
http://www.maaripqilar.com/bbs/f ... thread&tid=1309 |
|