- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 294
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 294
- تىزىملاتقان
- 2013-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- UID
- 47513
- يازما
- 294
- تېما
- 40
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 294
- تىزىملاتقان
- 2013-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- توردا
- 267 سائەت
|
ۋەھشى ئالدامچىلىقلار ئەتراپىمىزدىلا
مەن ماتىريالدىن ۋە ئەتراپىمدىكىلەردىن بەزى ئالدامچىلىقلارنى كۆرگەن، ئاڭلىغان ئىدىم .مەنمۇ نەچچە قېتىم ئاڭلاپ باققاچقا كۆز ئالدىمدا قىلىنغان بەزى ئالدامچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قالدىم شۇڭا قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئالدامچىلاردىن ھوشيار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىىپ ،بۇ ئۆزەم تەرجىمە قىلغان ۋە يولۇققان ئالدامچىلىقلارنى قىسقىغىنە سىلەرگە سۇندۇم
1.ئالدامچىلىق :مەلۇم بىر شەھەردە يېڭى ئىشقا چۈشكەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ،ئۇ بىر كۈنى خىزمەتتىن چۈشكەن ئىكەن ،شۇنىڭ بىلەن كوچىدا بىر كىچىك قىزنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ-دە ،ئىچ ئاغىرتىپ بېرىپ ،
ــ قىزىم ،نىمە بولدىڭىز ؟ــ دەپ سوراپتۇ.
ــ دادام مۇشۇ قەغەزنى بەرگەن لىكىن دادامنى تاپالمىدىم ،قورقىۋاتىمەن ،ئۆينى تاپالمايۋاتىمەن .ــ دەپتۇ.
ئۇ مۇئەللىم كىچىك بالىنىڭ ئوماقلىقىنى،بىچارىلىكىنى كۆرۈپ ئۇ ئادرىس بويىچە ئىزدەپ ئۆينى تېپىپتۇ ،قوڭغىراقنى بېسىپتۇـ دە،نىمە بولغىنىنى بىلمەپتۇ. ئەتىسى بىر ئەسكى ئۆيدە ئانىسىدىن تۇغما پېتى ئۆزىنى كۆرۈپتۇ .ئەسلىدە قارا نىيەت ئونسۇرلار قوڭغىراققا توكلۇق ئەسۋاب ئورنىتىپ ،ئۇنى توكتا ھوشىدىن كەتكۈزۈپ ،كىچىچە نۇمۇسىغا تىگىپ تاشلىۋەتكەن ئىكەن ،ھېلىقى كىچىك قىزمۇ باشقىلاردىن ئىجارىگە سېتىۋالغان قىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
2.ئالدامچىلىق: مەلۇم بىر ئايال ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ،بىر قېرى ئادەمگە ئورۇن بەرگەن ۋە ئاپتۇبۇسنىڭ ئېسىلىش كالتىكىگە ئېسىلىپ ئۆرە تۇرغان ،شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئوتتۇرا ياش كىشى ئاستا قېشىغا كەلگەن ۋە ئۇنىڭغا بوش ئاۋازدا:«سىز راستىنلا ياخشى ئادەم ئىكەنسىز» دىگەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۈرسىگە بىرنى قېقىپ قويغان. ئپتۇبۇستا ئادەم بەك جىق ئەمەس ئىكەن .ئۇ ئايالنىڭ بىردەمدىلا بېشى قېيىپ ،ئۇيقۇسى كىلىپ ئۆزىنى تۇتالمىغان ،ئۇ ئايال دەرھال يۈگرەپ بېرىپ ئىككى ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ :«ئۇ ئادەم ماڭا خېمىيەلىك دورا بەردى ،مەن بولالمىدىم مەن ئۇنى تونۇمايمەن ،مىنى دەرھال ساقچى ئىدارىسىغا ئاپرىڭلار» دەپلا ئايلىنىپ كەتكەن،ئۇ ئايال دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان .كىيىن بۇ شايكا تۇتۇلغان ،ئەسلىدە ئۇلار ئادەمنىڭ ئەزالىرىنى ساتىدىغان شايكا بولۇپ ،بىركىشىگە يېقىنلىشىپ ،بىر خىل خېمىيلىك دورا ئارقىلىق شۇ كىشىنى ئايلاندۇرۇپ ،ئۇنى باشقىلارغا« تۇغقىنىم »دەپ قويۇپ ،ئالداپ ئاپىرىپ ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ساتىدىكەن .بۇنداق خېميىلىك دورا دى ئىن ئف دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ،پۇرسىلا قىسقا مۇددەت ئادەم ھوشىدىن كىتىدىكەن .بەزى ئونسۇرلار تېخى كىتابنىڭ ئارىسىغا بۇنى سۈركەپ ،باشقىلارغا سوقۇلغان بولۇپ ،باشقىلار كىتابلىرىنى تېرىشىپ بەرگەندە كىتابنى ئېچىپلا پۇرتىۋىتىدىكەن -دە رەزىل مەقسىدىگە يىتىدىكەن .
3. ئالدامچىلىق: بىر كۈنى بىر ئادەم بىر ئاپتۇبۇس بىكەتكە كەلگەندە ئارقا ئىشكىنى توراپ ۋارقىراپ تۇرۇپ ،«چۈشمەي تۇرۇڭلار،مىنىڭ تىلفۇنۇمنى ئوغرى ئالدى ،كىم ئالغىنىنى بىلمىدىم ،ماڭا بىرسىىڭلار تىلفۇننى بېرىپ تۇرساڭلار مەن تېلفۇن قىلىپ ئوغرىنى تېپىۋالسام »دىگەندە بىر نەچچە ئاقكۆڭۈل كىشى يان تېلفۇننى تەڭلىگەن،ئۇ تاللاپ ئەڭ قىمىمىتىنى ئالغان ۋە تېلفۇن قىلغان بولۇپ ،دەرھال تىلىفۇننى ئېلىپ قاچقان .ئۇلار نىمە ئىش بولغاننى بىلىپ بولغۇچە ئوغرى كۆزدىن غايىپ بولغان.مۇنداق ئالدامچىلىقلار داۋاملىق يۈز بەرمەكتە .
4.ئالدامچىلىق :مەن بىر كۈنى بېيجىڭدىن قايتىپ كىلىپ تيەنجىندە بىكەتتىن چىقاي دەپ تۇرغان ئىدىم ،تۇيۇقسىز بىر ئادەمنىڭ قېشىمغا كىلىپ مەن بىلەن بىللە ماڭغىنىنى كۆردۈم ،مەن شۇنداق ھەيران قالدىم ،بۇ ئادەم ئاستا ماڭا يېقىنلاشتى-دە ، ماڭا بىر ئالما تېلفۇننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ « بۇنى ئوغۇرلاپ كەلدىم بۇنى ئالامسە ؟»دېدى .مەن قارىسام راس ئالما تېلفۇنكەن .نەچچى دەپ سورىسام ،«1200يۈەن»،دېدى،«مەن 150كە بېرەمسە ؟» دىدىم .ئۇ ماڭا يېقىن كىلىپ ،«بوپتۇ،تىز بول ئەمىسە »دېدى .مەن پۇلنى ئالاي دەپ تۇرسام ،ئۇنىڭ قولىغا دىققىتىم چۈشۈپ قالدى .ئۇ تىزلىكتە يەنە بىر تىلفۇنغا ئالماشتۇرىۋالدى-دە ،ماڭا تەڭلىدى . مەن قارىسام ئۇ بىر ئېچىلمايدىغان ،شەكلى ئالما تىلفۇنىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر تىلفۇننى بەردى.مەن بۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باققاچقا ،ئۇنىڭغا «مىنىڭ بۇ پۇلۇم جا پۇل،جا غا جانى تىگشەمدۇق؟» دىسەم ئۇ گەپ-سۆز يوق كىتىپ قالدى.
ئاللاھ سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
رەتلىگەن . |
|