مۇئەللىمنى قاقشاتما
ئەل – ۋەتەنگە ، مىللەتكە بېغىشلىغىن بارىڭنى،
مۇئەللىمدىن پۇل تۇتۇپ، تولدۇرمىغىن كارىڭنى.
چاقچاق قىلما خانىمغا، ساقلا نۇمۇس ئارىڭنى،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بىز بىچارە مالىمنى.
ھاراق ئىچىپ مەسىت بولۇپ، رىستۇراندا ئوينايسەن،
ئىشەك كەبى ھاڭىراپ، بەللىرىڭنى تولغايسەن.
ئويناپ كىلىپ، ھۆرپىيىپ تېخى بىزگە توۋلايسەن،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بىز بىچارە مالىمنى.
دەرس ئۆتۈپ كۈندۈزى، كەچتە خاتىر ياز دەيسەن،
پىكىر قىلساق گاھىدا گەپنى قىلغىن ئاز دەيسەن.
چاچ يوق تۇرۇپ بېشىڭدا تېخى بىزنى تاز دەيسەن .
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بىز بىچارە مالىمنى.
ئۈچ كۈندە بىر مەكتەپتە جىبەرلىكتە يات دەيسەن،
كىلىپ قالسا تەكشۈرۈش راستقا، يالغان قات دەيسەن.
چىۋىننىمۇ بەزىدە زەمبىرەكتە ئات دەيسەن،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بىز بىچارە مالىمنى.
ئەتتىگەندە ئالدىراپ ئىچەلمەيمىز چاينىمۇ،
يىغالمايمىز بەزىدە ياتقان ئۇرۇن – جاينىمۇ.
بىلىپ تۇرۇپ ئامالسىز ‹‹شۇڭقار›› دىدۇق ‹‹سارنىمۇ››،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بىز بىچارە مالىمنى.
ئەتتىگەندە تىللايسەن كەلمەپتىغۇ بالاڭ دەپ،
چۈشمىسىمۇ كاۋىسى كۆركەم بولسۇن باراڭ دەپ.
ھەق گەپ قىلساق تىللايسەن ئۆز – ئۆزۈڭچە ساراڭ دەپ،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بىز بىچارە مالىمنى.
بىر يىل ئىشلەپ چارچىدۇق، تەتىلدىمۇ ئارام يوق،
ئاھانەت بار ، كۆڭۈلگە ياققۇدەك بىر پاراڭ يوق.
ساراڭ دىمە بىزلەرنى ، ئارىمىزدا ساراڭ يوق،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بىز بىچارە مالىمنى.
بولدى ھەممە مۇز چىراي، يا ئېچىلىپ كۈلەلمەي،
تولدى قۇرساق كۈپۈككە گەپنى ئىنىق دىيەلمەي.
قالدۇق ھەتتا رۇخسەتسىز خالاغىمۇ سىيەلمەي،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بىز بىچارە مالىمنى.
زار قاقشىدۇق ئاچلىقتىن، قاچىمىزدا ئاش تۇرۇپ،
قالدۇق ئەجەپ قەدىرسىز،شۇنچە ئىسىل‹‹تاش›› تۇرۇپ.
ئىززەتلەندى بەزىسى كالۋا، قاپاقباش تۇرۇپ،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بىز بىچارە مالىمنى.
يادەك بولدى، پۈكلەندى رارۋرۇس ئىدى قەددىمىز،
ئۈتۈپ كەتتى بىھۇدە، گۈلدەك باھار پەسلىمىز.
تۈگىمەيدۇ سۆزلىسەك كۆپتۇر بىزنىڭ دەردىمىز،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بىز بىچارە مالىمنى.
ياخشىلاندى شارائىت، مەكتىۋىمىز تۆتلەشتى،
پۇل كەلگەچكە يۇقۇردىن تاقىرباشلار بۆكلەشتى.
كۆڭۈل بۈلۈپ پۇلغىلا، باللىرىمىز دۆتلەشتى،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بىز بىچارە مالىمنى.
تۇشۇغىنىڭ يالغانمۇ مال – مۈلۈكنى غارىڭغا،
مۇئاشىڭمۇ چاغلىقتى پۇل تۇلۇپتۇ كارىڭغا.
پۇلنى سۇدەك خەجلەيسەن، يۇشۇرۇن تۇتقان يارىڭغا،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بىز بىچارە مالىمنى.
ئۇستاز شېئىرلىرىدىن: شەھرى خوتەن