- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 112
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 112
- تىزىملاتقان
- 2012-8-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- UID
- 45398
- يازما
- 112
- تېما
- 14
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 112
- تىزىملاتقان
- 2012-8-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- توردا
- 217 سائەت
|
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى پەيشەنبە ئەتتىگەن سائەت 8:30 مىنۇت ئۆتكەن چاغ.
ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ 5-كۆرۈك، ‹يەنى بەيلېيۈەن›ئولتۇراق رايۇنىدا ئولتۇرۇشلۇق 81 ياشلىق xxx ئۇيغۇر موماينىڭ، 1-قەۋەتتىكى ئۆيىنىڭ ئىشىكى جىددى چىكىلدى.
موماي ئىككىلەنمەيلا بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى. مۇماي ئىشىكنى ئېچىشىغا 40 ياشلاردىن سەل ھالقىغان بىر ئەركىشى، ئۆيگە تەكەللپسىزلا كىرىپ ئىشىكنى يېپىۋەتكەندىن كېيىن سالام -سائەتمۇ قىلماستىن:
-مىنى تۇنىلىمۇ موما-: دەپ سورىدى
موماينىڭ ئادەتتە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، كۆرۈش، ئاڭلاش قۇۋۋىتىمۇ ناھايىتى ياخشى، تىنى ساغلام ئىدى.
ئۇنىڭ ئىككىلا ئوغلى بولۇپ ئۇلار ئۆي ئۇچاقلىپ بولغاچ ئايرىم تۇراتتى. چوڭ ئوغلى خىزمىتىگە قولاي دەپ كازىۋەندە ئولتۇراتتى. كىچىك ئوغلى ئانىسى بىلەن بىرقورۇدا، كىچىك كىلىنى شەمسىيە ھەركۈنى ئەتتىگەن ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن، قېينىئانىسىدىن ئەھۋال سوراشنى ئۇنۇتمايتتى،
ئىشتىن چۇشكەندىن كىيىن موماي بىلەن ھال مۇڭ بولۇپ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، ناھايىتى ئىجىل ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى،
ئەمما بۈگۈن قىرىشقاندەك شەمسىيە بالىلارنى مەكتەپكە يولغا سىلىپ ،ئېرىنى ئىشقا ماڭدۇرۇپ، ئۆزىمۇ خىزمەتكە يېرىم سائەت كىچىككەچكە، مۇماينىڭ يىنىغا كىرمەيلا ئۇدۇل كىتىۋەردى .
موماي بايا ئىشىك چەككۈچىنى كىچىك كىلىنى شەمسىيە دەپ خاتا ئويلاپ، ئىشىكنى ئاچقىنىغا سەل پۇشايمانمۇ قىلدى.
-چوڭ ئانا سىلىدىن گەپ سوراۋاتىمەن مىنى تونىلىمۇ؟-:قايتا تەكرارلانغان سۇئالدىن موماي چۆچۈپ:
-ياق بالام، تونىيالمىدىمغۇ سىز كىم بولىسىز؟
-مەن سىلىنىڭ قەشقەردىكى تۇققانلىرى بولىمەن،
-مىنىڭ قەشقەردە تۇققۇنۇم يوق، مىنى خاتا تۇنۇپ قاپسىز بالام!
-قارىغاندا كۆزلىرى راسىتلا ئاجىز ئىكەن، سىلى يۇرتقا بارغاندا مەن سىلىنى كۆرگەن،
-مەن قەشقەرگە بىرىپ باقمىدىم، ئۇتەرەپتە تۇققۇنۇم يوق،راسىت دەۋاتىمەن، قېرىغاندا سىزنى ئالداپ نېمە قىلارمەن بالام؟
-سىلى ئۇنتۇپ قاپلا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارلىرىمۇ بەك تۆۋەن ئىكەن مانا!
-بالام مىنىڭ تىگىم ئاقسۇ بايدىن ،بۇيەرگە كىچىككىنە قىز ۋاقتىمدا توي قىلىپ چىققان، يولدۇشۇم غۇلجۇلۇق،
-ھە بولدى شۇنداقمۇ دەپ تۇرايلى. مەنمۇ گەپنى سوزىۋەتمەي نەق گەپكە كىلەي، ماڭا جىددى پۇل لازىم بولۇپ قالغان، ھازىرنىڭ ئۆزىدە 5 مىڭ كوي پۇل بەرسىلە،
موماي بۇگەپنى ئاڭلاپ كەينىگە ئۇچۇپ كىتىشتىن ئۆزىنى ئاران تەستە تۇتىۋالدى.
-ۋاي جېنىم بالام، بولغان بولسا سىزدەك كۆرۈشمىگەن تۇققىنىمدىن ئايايتىممۇ ،مەن بىر تۇل خوتۇن،ئۇنچىلىك كۆپ پۇل مەندە نىمىش قىلىدۇ؟
مۇماي سۆزىنى تۈگىتىشىگە ھىلىقى ناتۇنۇش ‹تۇققان›ئادەم ،قاپىقىنى تۈرۈپ مۇشتۇملىرىنى چىڭ تۇككىنىچە مۇماينىڭ ئالدىغا ئىككى قەدەم ئالدى.
ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز، خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى بىلگەن سەزگۈر مۇماي دەرھال چىرايىغا كۈلكە يۇگۇرتۇپ، يانچۇقلىرىنى كولاپ 180 كوي پۇلنى ئېلىپ ھېلىقى ئادەمنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى،
-بالام ھازىرچە يىنىمدا بارى مۇشۇ ئىكەن ،ئاز بولسىمۇ رەنجىمەي ئىشلەتكەچ تۇرۇڭ، ئىككى ئوغلۇمنىڭ كىچىلىك ئىسمىنىدىن ئالمىشىپ كىلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى،
مۇماي گەپنىڭ ئاخىرىنى تۈگەتمەيلا، ھىلىقى يۇچۇن ئادەم پۇلنى موماينىڭ قۇلىدىن چاققانلىق بىلەن ئىلىپ، ئىشىكتىن ئىتتىك چىقىپ كەتتى.
قورقۇپ يۈرىگى ئاغزىغا تىقىلىپ قالغان موماي ئىشىكنى يىپپ ئىچىدىن قولۇپلىغاندىن كىيىن چوڭ ئوغلىغا تېلىفۇن قىلدى.
ھايال ئۆتمەي موماينىڭ چوڭ ئوغلى ماشىنا بىلەن كىلىپ موماينىى ئۆز ئۈيىگە ئېلىپ كەتتى .
ئۇلار بارغاندىن كىيىن ئىنىسى ۋە شەمسىيەنى بۇ ئىشتىن خەۋەرلاندۇرۇپ قويدى.
ئەپسۇسلىنارلىغى ئۇلار بۇ توغۇرلۇق ج خ ئىدارىسىغا ھىچقانداق دىلو مەلۇم قىلمىدى.
شەمسىيە بىلەن قىلىنغان سۆھبەت
مەن شەمسىيە بىلەن خىزمەتداش بولمىساممۇ، لىكىن شۇلاربىلەن ھەر ئايدا يىغىلىشىمىز بار ئىدى.
مەن شەمسىيەدىن سورۇدۇم:
-سىلەرنىڭ ئولتۇراق رايۇندا كۈزتۈش ئاپاراتى يوقمۇ؟
-ۋاي جېنىم سىڭلىم بولمامدىغان ،دوشمۇش-دوقمۇشتا بار دەڭە،
-ئەمىسە دىلو مەلوم قىلىپ كامىرا ئارقىلىق ئۇ كىشىنى تاپساڭلار، كىشلەرنىڭ مۇشۇنداق ساختا تۇققانلارغا ئالدىنىپ كەتمەسلىكى. ھەم ج خ ئۇرۇنلىرىنىڭمۇ ھۇشيارلىقنى ئۆستۇرىشى ئۇچۇن ياردەم تەلەپ قىلساڭلار بولمامدۇ؟
-دىمەككە ئاسان بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتسە قايسى ئۆيگە كىرگىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ،
-شۇ ئەمەسمۇ -: باشقىلارمۇ شەمسىيەنىڭ سۆزىنى تەستىقلىدى.
-ھەر قەۋەتكە ئەمەس ئۆيگىمۇ كۈزتۇش ئاپاراتى ئورناتقىدەك ھالەتكە يەتتى ئادەم.
-سىزمۇ نېمىشقا قېينى ئاپىڭىزغا تېلىفۇن قىلىۋەتمىگەنسىز؟
-ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن،
-شۇنداق قىلىپ بولدى قىلىۋەتتىڭلار؟
-ھەئە ئامال قانچە؟
-سىز ئۇنداق دىسىڭىز بولمايدۇ ،بۇ ئۇلارغا قايتا پۇرسەت يارتىپ بىرىدۇ، ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش ئىڭىمىز چۇقۇم كۈچلۈك بولىشى،بۇنى ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز، خەتەرلىك ئەھۋالغا يۇلۇققاندا ھىچ بولمىسا خوشنىلاردىن بولسىمۇ ياردەم تەلەپ قىلساق بولىدۇ ،ئۆي يەنە كىلىپ بىرىنجى قەۋەتتە ئىكەن، ئۇنداقتا كىرىپ-چىقىۋاتقانلار بولسىمۇ ئۇ ئادەمنى كۆرىدۇ،
شەمسىيە ئارتوق گەپ قىلمىدى.
ھەي ... مەنمۇ راستىنى دىسەم بىنا ئۆيدىن تويدۇم، چىڭراق گەپ قىلسا ئۈستىدىكىلەر قاخشىغان بەكەرەك دەسسىسە ئاستىدىكىلەر، ئۆيگە بىر كىرىپ كەتسە نىمىش بولغىنىنى بىلگىلى بولمىغان ،نەچچە ئادەمنىڭ ئۆيگە كىرىپ نەچچە كۈن چىقمىغاندىن كىيىن ئىشىكنى بۇزۇپ كىرسە ئۆلىگى سېسىپ كەتكىنىنىمۇ كۆرگەن مەن ،يا مىيىتنى يۇغىلى بولمىغان ،بەزىدە ئۈستىدىكىلەرگە سۇ يوق ، يەنە شۇ كەپە ئۆيىمىز ياخشىكەنتۇق .ئىگىزدە بولسا دەرىزە ئىيتىمەن دەپ نەچچىسى چۈشۈپ كىتىپ بەزىرى پالەچ بولغان بەزىسى ئۆلۈپ كەتكەن يا بىرەسىگە ئەرىز قىلغىلى بولمىغان ،بىرنىمە دىسە ‹بىرسى سىنى ئىتتىرۋەتتىمۇ ئۇزۇڭ چۇشۇپ كىتىپسەن بۇنى ئۆزۇڭنىڭ ھاڭۋاقتىلىغىدىن كۆر› دەيدىكەن،ئەمدى بۇنىڭغا كىم ئەيىپلىك،
شۇنىڭ ئۈچۈن دوسىتلارغا سەمىمى تەۋسىيەم شۇ بولسۇنكى: تۇنىمىغان كىشىلەرگە ئالدىراپ ئىشىك ئاچماڭ، ئۇزىڭىزنىڭ مال -مۇلكىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇڭ،
قانۇن ئىڭىمىزنى ئۈستۈرۈپ، ئۆزىمىزنى قوغداشنى بىلىشىمىز كىرەك، بولمىسا باشقىلارنىڭ ئاسانلا دامىغا چۈشۈپ كىتىمىز،
شۇنداق يۇزى قىلىن ئادەمدىنمۇ خۇدايىم پانا بەرسۇن ئادەم تېپىلمىغاندەك قىرى مۇماينى ئانىي تاپقىنى قىزىق
مەنبە ئۆز قەلەم:2013-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى
|
|