كۆرۈش: 23218|ئىنكاس: 27

سابا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىق سىنىپى ھەققىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
157
تېما
112
نادىر
11
جۇغلانما
5381
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-5
توردا
1597 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 23:08:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سابا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىق سىنىپى ھەققىدە ئەلكۈيى تورى مەخسۇس خەۋىرى


ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ئالدى بىلەن بۈگۈنكى ئىنسان روھىنىڭ ئېنژېنىرى بولغان ئۇستازلارنىڭ قۇتلۇق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسىڭلار بىلەن يەنە يۈز كۆرۈشكۈنىمىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ بايرىمىنى چىن دىلىمىزدىن مۇبارەكلەيمىز.ئەل ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن!
ئەلنىڭ قەلبىنى مەرىپەت مەشئىلى بىلەن يورۇتۇش ئارقىلىق تەۋپىق مارشىنى ياڭرىتىش،تىل ۋە مەدەنىيەت ئۈچۈن پەرۋانە بولغانلارغا مەھمۇدىيە روھى بىلەن كۆۋرۈك بولۇش،ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلار ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ مۇسابايوفلار خىسلىتىنى جۇلالاندۇرۇشتىنمۇ پەخىرلىك ۋە شەرەپلىك خىزمەت بولمىسا كېرەك.
خەلقنىڭ قەلبىگە مۇڭلۇق ناۋاسى بىلەن دىلئارامى بېغىشلىغان،ئۇيغۇر سەنئىتىنى ئەل ئىچىگە جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا راۋاجلاندۇرۇشقا زور ھەسسە قوشقان سۆيۈملۈك ئوغلانىمىز،مەرىپەتپەرۋەر ياش،تالانتلىق ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم چەتئەللەردىكى ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ ئارمانلىرىنى غايىۋى نىشان سۈپىتىدىلا ئەمەس بەلكى ئەل ئۈچۈن ئۆزىگە يۈكلەنگەن يۈكسەك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت دەپ تونۇپ بارلىق ئۈمىدىنى ۋە زېھنىي قۇۋۋىتىنى سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىگە تەقدىم قىلغان،مانا شۇنداق تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن «سابا مەرىپەت مائارىپ تىل تەربىيىلەش مەركىزى» قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە دىيارىمىزدا كۆزگە كۆرۈنگەن بىر نۇرلۇق مەرىپەت بېغىغا ئايلاندى ھەمدە ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نىشانلار بىلەن ئالغا ئىلگىرلىدى.
ئەلكۈيى تورى بۈگۈنكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقنىڭ سۆيىشى ۋە ياقتۇرىشىغا نائىل بولغان ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە ئۇنىڭ ئەمگەك تەرىنىڭ مېۋىلىرىدىن بولغان«سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى»نىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى خەلقنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش مەقسىتىدە تومۇز ئېيىنىڭ 26-كۈنى سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى يېڭىدىن يولغان قويغان سابادا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قايتا تەييارلىق قىلىش سىنىپى ھەققىدە مەزكۇر تەربىيىلەش مەركىزىدە زىيارەتتە بولدى.


زىيارەت جەريانىدا سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە «سابا مەرىپەت مائارىپ تىل تەربىيىلەش مەركىزى»نىڭ رەھبەرلىرى،مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. زىيارەت ئەھلى سابانىڭ يېڭى ئۇتۇقلىرى ۋە نەتىجىلىرى توغرىسىدا بىزگە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.ئەل سۆيگەن ۋە ئەلنى سۆيگەن ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم مەكتەپ قۇرۇلۇش جەريانى،مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى قىيىنچىلىق،ۋە كېيىنكى خىزمەت ئۇتۇقلىرىنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ بەردى ھەمدە تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئۈزلۈكسىز دەرىجىدە مۇكەممەللىشىپ تىل ساھەسىدىلا ئەمەس بالىلار مائارىپى،ئۆسمۈرلەر تەربىيىلەش كۇرسى شۇنداقلا يېڭىدىن ئېچىلغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەكرار سىنىپ توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.




«سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى»نىڭ مۇدىرى،40يىللىق پىشقەدەم ئۇستاز،تۆھپىكار مائارىپچى،20يىللىق مول مەكتەپ باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بىلىملىك زات مەكتەپ مۇدىرى غەيرەت مۇئەللىم يېڭىدىن ئېچىلغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەكرار سىنىپى توغرىسىدا توختالدى ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەكرار سىنىپىغا ئۈرۈمچى ۋە باشقا ۋىلايەت ئوبلاستلاردىن ئىلغار ۋە تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىپ كېلىنگەنلىكىنى،ئوقۇغۇچىلارغا پەقەت نۇقتىلىق تەكرار ئېلىپ بېرىلىپلا قالماي بەلكى يەنە ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئۇنۋىرسال تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.







تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچى
، سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جۈرئەت مۇئەللىم مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرى ۋە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى مىسال قىلىپ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر تەربىيىلەش سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان پايدىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى ۋە ماتېماتىكىغا ئوخشاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانلىرى ۋە مەشقلەندۈرۈش قۇرۇلمىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.ئۇستاز ئوسمانجان مۇئەللىم يەنە تەكرار ئېلىپ بېرىش قەدەم باسقۇچلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قاراتمىلىق تەربىيە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ساپا ۋە پىسخىكىلىق روھىي ھالەتنى قانداق يېتىلدۈرۈپ چىقىش توغرىسىدىمۇ ئالاھىدە كۈچەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.


داڭلىق ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى،بىرقانچە ئون يىللىق تەربىيىلەش تەجرىبىسى ۋە پىداگوكىكا ساپاسى ھازىرلىغان ئابدۇرېھىم مۇئەللىم تەربىيىلەش سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تەركىب قۇرۇلمىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.ئابدۇرېھىم مۇئەللىم تەكرار سىنىپلىرىنىڭ ئۆز ئارزۇسىغا يېتەلمەي قالغان ھەمدە قايتا ئوقۇش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا تۈرلۈك تېخنىكۇم مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئىستىكىدە بولغانلار ھەمدە تولۇق 2-يىللىقنى پۈتتۈرۈپ تولۇق 3-يىللىققا ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولغانلار ئۈچۈن ئالاھىدە شەرت شارائىت ھازىرلىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى تونۇشتۇردى.






يېڭىدىن ئېچىلغان «سابا مەرىپەت مائارىپ تىل تەربىيىلەش مەركىزى»نىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىق سىنىپىغا تېزىملاتماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ناۋادا ئۈرۈمچىگە كىلىي مەكتەپنى تاپالمىسا مەكتەپتە تېلىفۇن قىلسا ئالدىغا كۈتىۋېلىشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى تۆۋەندىكىچە:



ئەلكۈيى تورى «سابا مەرىپەت تىل تەربىيىلەش مەركىزى»نىڭ مەرىپەت مائارىپ يولىدىكى تىنىمسىز ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا ۋە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى قازىنىشىغا شۇنداقلا دىيارىمىزدا مائارىپ ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بارلىق ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلار ھاردىم -تالدىم دىمەستىن تېخىمۇ ئۆچمەس ئىزنالارنى قالدۇرىشغا چىن دىلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

كامالىي ئېھتىرام بىلەن :


ئەلكۈيى تور بېكىتى


ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى




تىرىشچان ئەزا

ھەخگەپ ئاچچق

UID
14546
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
442
تىزىملاتقان
2011-8-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-12
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 22:41:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆمىنجان  ئىشلىرڭىز ئۇتۇغلۇق بولسۇن

UID
5782
يازما
149
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2520
تىزىملاتقان
2010-9-18
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 02:19:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۈمۈتۋار ئەپەندىم سىزگە ئاللانىڭ چەكسىز سالىمى بولسۇن !
ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى تەكرار سىنىپى  ئېچىلىپ ، مىللى ئۇقۇغىچىلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك كاتتا بىر ئىش بوپتۇ ، قىسقىسى ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز مۆمىنجاننىڭ قىلغان ئەجىرلىرىدىن سۈيۈندۈم بەكلا ھاياجانلاندىم .
ئەل كۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگىمۇ  ئالەمچە تەشەككۈرلەر بولسۇن ، ماڭغان يوللىرى ھەر دائىم ئۇچۇق بولسۇن .

UID
32854
يازما
88
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
88
تىزىملاتقان
2012-6-22
ئاخىرقى قېتىم
2014-5-25
توردا
89 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 02:48:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆمىنجان  ئاكامنىڭ بۇندىن كىينكى ئشلىرىغا ئوتۇق تىلەش بىلەن بىرگە تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن   ھازىر مىلىتىمىز ئۈچۈن قىلغان ئىشىلرىمۇ ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس بۇنىڭغا بىز قايىل بۇنىڭدىن كىين خەلقىمىز ئۈچۈن قۇلىدىن كىلىشچە  تېخىمۇ   كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىپ بىرشىنى ئۈمۈد قىلىمەن...ۋە يەنە دىيارىمىز ياشلىرنىڭ ئۈلگىسى بۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن......!     ئۆرلەڭ مۆمىنجان ئاكا  تېخىمۇ گۈللەنسۇن سابا

UID
11145
يازما
171
تېما
39
نادىر
2
جۇغلانما
1171
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-4
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 05:59:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابانىڭ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە دىيارىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن مەكتەپ بولىشىنى ئەلۋەتتە پەخىرلىك سەنئەتكارىمىزنىڭ تۆھپىسىنى ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئويلايمەن سابادىن ئىبارەت جۇشقۇن روھقا تولغان  بىر كۇرۇس شەكلىنى ئالغان مەكتەپنىڭ قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدىلا مۇنتىزىم مائارىپ تۈسىنى ئالغان تەربىيلەش مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلىشى ھەمە شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىل تەربىيلەش مەكتىپى بولۇشى ئۇنچە  ئاسان ئىش ئەمەس، ھەر قېتىم سابانىڭ مۇۋەپپقىيىتىنى كۆرىۋاتىمىز،ئەمما پەردە ئارقىسىدا مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ كىچە كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ، مائارىپ ئۈچۈن سوققان يۈرىكىنىڭ قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى ھېچكىم كۆرەلمدۇ بەلكىم بۇنى ئۇ ئۆزىمۇ ھېچكىمگە دىمەسلىكى مۇمكىن،بەل قۇيىۋەتمەڭ،باسقان ئىزىڭىز ئەلنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر چوڭ ئىشقا مۇكەممەل تۇتۇش قىلىپسىز مۆمىنجان سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن، بەلكىم مۇشۇلارنى روياپقا چىقىرىشتىكى جاپالار، ئىزدىنىشلەر، قان- تەر ....لەرنى بىز بەلكىم ئويلاپ يېتەلمىگەندىمىز...لېكىن ساباغا بارىكاللا، ئۇنىڭ ئۈچۈن پاك مېھرىنى بېرىپ ئەجىر قىلىۋاتقانلارغا تەشەككۇر، ساۋابلارنى تاپقايسىلەر ھەم بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. ئەزەلدىن تارىخىمىزدا مائارىپ ئىشلىرىمىزنى قوللىغان، بۇنىڭغا قان- تەر تۆككەنلەر كۆڭۈل خاتىرىلىرىمىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىنى سىڭىللىرىمغا بۇ فىلىم ئادرېسىنى ئەۋەتىپ بەردىم،مەكتەپتىمۇ تەشۋىق قىلىشنى ئويلاشتىم.

UID
15025
يازما
67
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
307
تىزىملاتقان
2011-9-11
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-23
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 10:07:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلتۇر ئېچىلغان بولسا مەن كىرىپ ئۇقۇيمەنكەن !~ ئەپسۇس  بۇيىل بىر يىل ئويناپ ئىشلەپ يۈرۈپ ئۆتۆپ كەتتى ! شۇنداقتىمۇ تولۇق كۇرۇسقا ئۆتتۈم ، ئەگەر  بۇ يەردە ئۇقۇغان بولسا ئىش چۇقۇم باشقىچە بولغان بولار ئىدى ! ھەممىگە شۈكرى !

UID
53739
يازما
167
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
167
تىزىملاتقان
2013-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-28
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 11:14:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،مۇشۇنداق كىشىلىرىمىز كۆپلەپ چىققۇسى!

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
50842
يازما
151
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
151
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-6
توردا
109 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 12:38:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1يىللىق ئوقۇش پۇلى نەچچە پۇلدۇ؟ بولسا  ۋاختىدا جاۋابىنى بەرگەن بولساڭلار ، مۇۋاپىق بولسا بالامنى ئوقۇتاي دىگەنتىم.

UID
55552
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-9-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-4
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 20:43:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا قوينى قاسساپ سويغىنى ياخشى .

UID
34348
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-7
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 21:24:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆرلەڭ ئاكا يەنىمۇ ئۆرلەڭ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش