نۇرغۇن ئادەم يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى يۇيۇنۇش ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپلا قالماستىن بەلكى يەنە بەدەندىكى مەينەت نەرسىلەرنى تازىلايدۇ. گەرچە يۇيۇنۇش سالامەتلىككە پايدىلىق بولسىمۇ لېكىن مۇۋاپىق ۋاقىتتا يۇيۇنمىغاندا ئەھۋال تازا ياخشى بولمايدۇ.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ:
1. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ.
ئىسپىرت جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى تورمۇزلاپ، گلىكوگېننىڭ چىقىرىلىشىنى توسىدۇ. يۇيۇنغاندا بەدەندىكى گلۇكوزىنىڭ خورىشى ئارتىدۇ. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنغاندا قان قەنتى ۋاقتىدا تولۇقلانماي ، ئوڭايلا باش قېيىش ، كۆز تورلىشىش ،ماغدۇرسىزلىنىش، ئېغىر بولغاندا قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ھوشسىزلىنىش بولىدۇ.
2. توق قۇرساق يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ.
قورساق تويغاندىن كېيىن يۇيۇنغاندا ،بەدەندىكى قىلدام قان تومۇرلار ئىسىسقلىق تەسىردىن كېڭىيىپ ، قان كۆپلەپ بەدەن سىرتىغا ئاقىدۇ. قورساق بوشلۇقىنى قان بىلەن تەمىنلەش ئازىيىپ ، ھەزىمگە تەسىر كۆرسىتىپ ، قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلىكى،
كوللاپس (قانسىراش، سۇسىزلىنىش، زەھەرلىنىش، يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئاغرىش نەتىجىسىدە يۈرەك ۋە قان ئايلىنىشنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەئىپلىشىشى)، ئايلىنىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.
3. قىزتىما بولغاندا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ.
بەدەن تېمپىراتۇرسى℃ 38 قا چىققاندا ، بەدەندىكى ئىسسقلىقنىڭ خورىشى%20 ئىشىپ ،بەدەن بىر قەدەر ئاجىزلىشىدۇ، بۇ چاغدا يۇيۇنغاندا ئوڭايلا خەتەر كېلىپ چىقىدۇ.
4. قان بىسىمى بەك تۆۋەن ئەھۋالدا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ.
يۇيۇنغاندا سۇ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن قان تومۇرلار كېڭىيىپ ، قان بىسىمى بەك تۆۋەن ئادەملەردە ئوڭايلا مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ، كوللاپس (قانسىراش، سۇسىزلىنىش، زەھەرلىنىش، يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئاغرىش نەتىجىسىدە يۈرەك ۋە قان ئايلىنىشنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەئىپلىشىشى)كېلىپ چىقىدۇ.
5. ئەمگەكتىن كېيىن يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ.
مەيلى جىسمانى ئەمگەك بولسۇن ياكى ئەقلى ئەمگەك بولسۇن ، ئازراق ئارام ئالغاندىن كېيىن يۇيۇنۇش كېرەك ، بولمىسا يۈرەك ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ، ھەتتا ئايلىنىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
6. سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشنىڭ زىينى تېخمۇ چوڭ
سوغۇق سۇدا يۇيۇنغاندا سۇ بەك سوغۇق بولغاچقا يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش ، قان بېسىمى يۇقىرىلاش ، مۇسكۇللار تارىيىش ، نېرۋىسى جىددىيلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقدۇ، ھارغىنلىق يوقالمايلا قالماي يەنە ئاسانلا زۇكام بولۇش كۆرۈلىدۇ.
شۇڭا مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇۋاپىق شەكىلدىكى يۇيۇنۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا بەدەن ساغلام بولىدۇ.
تىيەنيۇۋ مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى
مەسلىھەت سوراش لىنىيىسى:18099104033 0991-5611111
ئۈندىدار ساغلاملىق سالونى نومۇرى:xjinjiangtianyou
QQ:577597111
توربەت ئادېرسى: http://wei.xjtygcyy.com
دوختۇرخانا ئادېرسى:ئۈرۈمچى جۇجياڭ يولى 24-قورۇ(بەشىنچى كۆۋرۇك)
دوختۇرخانا بىۋاستەبارىدىغان قاتناش:35\537\915\910\910\923\911\305 يوللىرى سۇلىياۋ زاۋۇتى بېكىتى
|