- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 166
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 166
- تىزىملاتقان
- 2013-7-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-9
- UID
- 53829
- يازما
- 166
- تېما
- 18
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 166
- تىزىملاتقان
- 2013-7-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-9
- توردا
- 138 سائەت
|
تۇرمۇشتا...
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
تۇرمۇشتا بەكمۇ كۆپ كۈلكىلىك ئىشلار،
كېملەردۇر ئۆتىدۇ كېملەرنى تىللاپ.
بىراۋلار يىغلىسا ئاچچىق ياش تۆكۈپ،
بىراۋلار كۈتىدۇ كېمنىدۇر چىللاپ.
كېملەردۇر ياراتماي باشقىلارنى ھېچ،
يېلىنار كېمگىدۇر يۈزىنى سىيلاپ.
توقلۇقتىن كېكىرىپ تۇرسا بۇ جاھان،
ئاچلىقتىن ياتىدۇ بىر بايقۇش يىغلاپ.
بەدىنى كۈن كۆرمەي ئۆتكەن كېملەركىن،
دېھقانچۇ؟! يۈرۈيدۇ ئېتىزنى قىغلاپ.
بەزىلەر ھاياتقا قانماي كېتىدۇ،
بەزىلەر يۈرمەكتە كوچىنى چىڭداپ.
بىر ئەركەك ئۆيىدە بالا باقىدۇ،
مەھبۇبى سورۇندا يۈرەر شىپىلداپ.
مەستلىكتە قەي قىلىپ ياتماقتا بىرسى،
تولغىنار بىر ئايال تەرلەپ چىپلداپ.
كېمدۇر ئۇ پايپىتەك قازان بېشىدا،
كېمدۇر ئۇ جۆيلۈگەن تاتلىق پىچىرلاپ.
كېمدۇر ئۇ قار ياغقان قاپاق ئالدىدا،
گۇناھكار سانىلىپ تۇرغان مىشىلداپ.
يۈگۈرۈپ-يۈگۈرۈپ يۈرسە ھەر ئادەم،
ماڭماقتا دەلتىدەك بىرسى مىسلداپ.
تەر تۆكۈپ بىراۋلار تاپسا بەش يارماق،
بىر يېگىت كەلمەكتە يانچۇق تىمسىقلاپ.
سىر ئەمەس ھەر كىمگە ئىپارخان، نۇزگۇم،
يىل، دىللار ئۆتىمىز سۆيۈپ ئىششىقلاپ.
ۋەلېكىن خېلۋەتتە تالاي جانانلار،
ھەر قېلىن لەۋلەرنى شۈمەر غىلجىڭلاپ.
تاتلىققا ئۆچمىكىن؟ تۇرار بىر مەزلۇم -
زەھەرنى كاللەكلەپ نەگىدۇر چىڭداپ.
بىر ئاتا ئوغلىنى ئۇزاتتى بالدۇر،
ئۆلمىگەچ بەزىلەر كەتتى يىرىڭداپ.
تەبىئەت نېمىشقا مەينەت يۈردىكىن؟
ياغدۇردى ھېلىلا تۇپا چىپلداپ.
كېملەردۇر كاكىراپ قىلماقتا نەغمە،
بوۋامنىڭ ئۈنلىرى چىقار كىسىلداپ...
(«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 2013-يىل 20-مايدىكى «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىي بېتىدە ئېلان قىلىنغان) |
|