ئارىلىق قانچىلىك يىراق بولسۇن پەقەت ۋە پەقەت ساڭىلا يىقىن!
كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا سۆيگۈڭ قالسۇن!
تۈگىمىگەن چۈشلىرىمدە دائىم سەن بار سەن...
«خاتىرەمدىن»
ئۇنتۇلغان ئاۋاز
مېھرىبان
قاچانلاردىندۇر بىلىپ- بىلمەي يانفونىمنىڭ سايرىشىنى، سەندىنلا تېلېفون، ئۇچۇر كېلىشىنى كۈتىدىغان بولۇپ قالغىنىمنى بىلمەيتتىم.
يانفونىمغا كەلگەن ھەر بىر ئۇچۇر ۋە نومۇرلار ئارىسىدىن شۇقەدەر ئىنتىزارلىق بىلەن سېنىڭ ئىسمىڭنى ئىزدەپ قاراپ چىقىدىغانلىقىمنى بولسا سەن بىلمەيتتىڭ.
مەندىكى بۇ خىل ھالەتنىڭ قاچاندىن باشلاپ پەيدا بولغانلىقى ساڭا نامەلۇم بولسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ بىلىپ-بىلمەي ساڭا ئىچەكىشىپ قېلىۋاتقىنىمنى، ئىنتايىن نازۇك، يوشۇرۇن بىر تەلپۈنۈشنىڭ سېنى ئىزدەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلالمايمەن.
ناۋادا، كەلگەن ئۇچۇر سەندىن بولماي ھاۋارايى ياكى ئېلان ئۇچۇرلىرى ۋە ياكى باشقىلاردىن كەلگەن تىلفون بولۇپ قالسا، قانچىلىك ئۈمۈدسىزلىنىپ، كېتىدىغانلىقىمنى بەلكىم سەن بىلمەيسەن ھەم تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايسەن!
ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسىدىن سېنىڭ مېھىر ۋە كۆيۈمگە تولغان ئەركەكلەرگە خاس جاراڭلىق ئاۋازىڭ كېلىۋاتقاندەك قۇلاقلىرىمنى دىڭ تۇتۇپ قاتتىقراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئەتراپقا قۇلاق سالىمەن، بەزى كېچىلەردە تۇيۇقسىز بوران چىقىپ دېرىزەم تاراقلاپ كەتسىمۇ دەككە–دۈككىدە، چەكسىز غېرىبلىق، قورقۇنچ ئىچىدە ئىسمىڭنى چاقىرىپ سالىمەن ھەم سېنىڭ ھەر قېتىم تېلېفون قىلغان چاغدا دەيدىغان « زۇمرەت سىز ھەرگىز يالغۇز ئەمەس، ئاللاھ سىز بىللەن بىللە» دىگەن سۆزلىرىڭنى يادىمغا ئېلىپ ئەڭ چوڭ تەسەللگە ئېرىشكەندەك تەسكىن تاپاتتىم.
بەزىدە تۇيۇقسىزلا يوپۇرماقلارنىڭ شىلدىرلىشىدىنمۇ سېنىڭ ئاۋازىڭ كېلىپ قالىدىغاندەك، ھەركۈنى تاڭنىڭ يورۇشى بىلەن تەڭ بالكۇنغا چىقىپ بىنا بىلەن بوي تالاشقان ئېگىز دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىغا ئۇزۇندىن –ئۇزۇن تەلمۈرۈپ، گويا سېنىڭ تېۋىشلىرىڭ كېلىپ قالىدىغاندەك قاراپ تۇرۇپ كېتەتتىم!
باھار كېلىشى بىلەن بۇلبۇلنىڭ چاڭىلداپ سايراشلىرى مېنى تىخىمۇ پەرىشان قىلىۋەتتى. شۇ تاپتا سەن تامان پەرۋاز قىلىۋاتقان يۈگەنسىز تۇيغۇرلۇرۇم، سەن بىلەن پىچىرلىشىۋاتقان ياپ-يېشىل نىدالىرىم، مېنى راسلا ئازاپلىدى... ئۆزۈمدىن سوراپ ھارمايدىغان چۈشىنىكسىز سوئال سېنى قاچان قەيەردە ئۇچرۇتۇپ قالدىم؟ دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.
بىز تونۇشامدۇق؟ بۇنى بىلمەيمەن، بىلىدىغىنىم مەۋھۇم دۇنيادا ياكى سەن ياكى مەن بىر-بىرىمىزنى ئۇچرىتىپ قالغىنىمىز!
بەزىدە سېنى ئەسلىگىنىمدە ئىككىمىزنى يىقىنلاشتۇرغۇنى ،بىزدىكى ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ، ئوخشاش تىپتىكى مەھسۇلات بولغانلىقىمىزدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالىمەن.
بىز «ئىجادىيەت» كوچىسىدا شۇنداق تاسادىپى تونۇشۇپ قالدۇق، پىكىر ئورتاقلىقىمىز، كۆزلىگەن نىشانىمىزنىڭ بىردەكلىكى بىزنى پىكىرداش، سىرداش، قەلەمداش كىشىلەردىن قېلىپ قويدى. قىيىن مەسىلىگە يولۇقساق بىر-بىرىمىزگە يول كۆرسەتتۇق، ئىجادىيەت ئۈستىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك مۇنازىرىلىشىپ تۇردۇق، سېنىڭ دانىشمەنلەرچە تارىخ-پەلسەپە، يىزىقچىلىق ھەققىدە سۆزلەپ بېرىدىغان ھەر بىر ئېغىز سۆزۈڭ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولۇپ، ساڭا بولغان قايىلىققىم كۈنسېرى ئاشماقتا ئېدى، يېڭى تونۇشقان كۈنلەردە ھەر كۈنى دىگۈدەك مېنىڭدىن ھال- ئەھۋال سوراپ تىلفون قىلىشىڭ باشتا سەندىن بىزارلىق ھىس قىلدۇرغان بولسا ،كېيىنكى كۈنلەردە مىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشۇمغا سىڭىپ كىرىپ، ماڭا بىر خىل كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق ئاتا قىلىپ، مېنى باشقىچە بىر ئىنسانغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا ئېدى.
قاچانلاردىندۇر قەلبىمدە توڭلاپ قېتىپ كەتكەن مۇز پارچىلىرى ئاستا-ئاستا ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك ئۆزۈمنى بىر خىل يېنىك، ئازادە، خاتىرجەملىك تۇيغۇسىدا سەزگەندەك ھەممە نەرسىگە كۈلۈپ قارايدىغان ئەينەك ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ روھىي ھالىتىگە زەڭ سالىدىغان بولۇپ قالغان ئېدىم.
تۇرۇپلا ئۆزۈمدىن؛ مېنىڭ ھاياتىمنى بۇ قەدەر ئۆزگەرتىۋاتقان نەرسە زادى نېمە ؟ دەپ سوراپ قوياتتىم، ئاخىرى شۇنداق يەكۈن چىقاردىم ، ئۇ بولسىمۇ سەندىكى سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، ھېچقانداق بەدەل تەلەپ قىلمايدىغان غۇبارسىز ئىنسانىي مېھرى-مۇھەببەت ئىكەن، ساڭا تەشككۈرلەر بولسۇن!
سېنىڭدىكى بۇ ئالىيجانابلىق، ئىنساپ ۋە ساپ دىللىق ئىمان-ھىدايەت جۈملىسدىن بولۇپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغىنىمۇ دەل ۋۇجۇدىمىزدا جۇلالىنىپ تۇرغان نۇر زىياسى ۋە ياراتقۇچىمىزغا باغلانغان رىشتە، ئەڭ بۈيۈك ھەقىقەت توغرا يولنى تاللىغانلىقىمىز، ھەقنى تونۇغانلىقىمىز، بىر مەنزىلگە قاراپ تەڭ ئىنتىلىۋاتقانلىقىمىز ئىدى. سېنى ھاياتىمنىڭ، كۈندىلىك تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمى دېيەلمىسەممۇ ئەمما جىمجىت قەلبىمنىڭ ئەڭ نازۇك پىنھانلىرىدا بىخ سۈرىۋاتقان يېڭى بىر ئازابنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلماقتا ئېدىم، بۇ ئازاب شۇنچىلىك شېرىن، شۇنچىلىك ئاچچىق، شۇنچىلىك ھەسرەت بىلەن ئەۋىج ئالماقتا ئىدى.
مەن چۆچۈدۈم، تەسادىپىي ئازاب غۇنچىلىرى مۇھەببەت رەڭگىدە چېچەكلەپ شىكەستە قەلبىمنى ماكان ئەتسە بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىشىمدىن قورۇقتۇم، ئۆزۈمگە قاتتىق ئاگاھ بولۇشۇم كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ رېئاللىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئۆزۈمگە قايتىشنى قارار قىلدىم، لېكىن- تېلېفوننى بىر مەزگىل ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلالمىغان پەيتتە سېنىڭ توختىماي ئۇچۇر ۋە،تىلىفۇن قىلىشىڭ بىلەن قارارىمنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالماقتا ئېدىم...
داۋامى بار... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bargiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-30 23:54
|