تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 457|ئىنكاس: 0

[تەرجىمە فىلىم] ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ 1 (7 & 8) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
54694
يازما
4
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 17:54:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە نامى : ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ
باشقا ئۇيغۇرچە نامى: تىلىڭىزنى بېيىتىڭ
ئىنگلىزچە نامى : Mind Your Language
ئىشلەنگەن ۋاقتى : 1977 - يىلى
تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى 2013 - يىلى 5 - ئاي
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2013 - يىلى 8 - ئاي
دۆلىتى : ئەنگلىيە
ژانىرى : كومېدىيە\تىل ئۆگىنىش\قىزىقارلىق\مەكتەپ
تىلى : ئىنگلىزچە
يېزىقى : ئۇيغۇرچە\ئىنگىلىزچە
تەرجىمە قىلغۇچى: ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى
ئۇزۇنلۇقى : ھەربىر قىسمى 24 مىنۇت
بۆلۈم سانى: 4 بۆلۈم(ھازىرغىچە تېپىلغىنى 3 بۆلۈم)
1-بۆلۈم: 11 قىسىم
رازمېرى : 368*480
ئۇلىنىش : http://www.imdb.com/title/tt0075537
نەتىجىسى : 7.8/10
رېژىسسور: Vince Powell
ئاساسلىق روللاردا :

(Barry Evans         ...        Jeremy Brown (42 episodes, 1977-1986
(George Ca[miller         ...        Giovanni Capello / ... (42 episodes, 1977-1986
(Jacki Harding         ...        Anna Schmidt (42 episodes, 1977-1986
(Zara Nutley         ...        Miss Courtney (42 episodes, 1977-1986
(Ricardo Montez         ...        Juan Cervantes (42 episodes, 1977-1986
(Albert Moses         ...        Ranjeet Singh (42 episodes, 1977-1986

7-، 8-قىسىملىرى يېڭىلاندى

ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ      Mind your language   

بۇ 1977-يىلى ئەنگلىيىدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، بىر توپ ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ، كەچلىك كۇرستا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان قىزىقارلىق ھېكايىلىرى سۆزلىنىدۇ.

بۇ سىنىپ بىر ئىتالىيىلىك، بىر گرېتسىيىلىك، بىر ئىسپانىيىلىك، بىر ياپونىيىلىك، بىر جۇڭگولۇق قىزچاق، بىر ھىندىستانلىق ئايال، بىر پاكىستانلىق، بىر ھىندىستانلىق شىك دىنى مۇرىتى، يەنە بىر فرانسىيىلىك گۈزەل قاتارلىقلار يىغىلغان «خەلقئارالىق» ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش سىنىپى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئىنگلىزچىسى ياخشى ئەمەس. ئۇلار يا گىرامماتىكىدا، يا تەلەپپۇزدا ۋە ياكى سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدە خاتالىق سادىر قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ جەرياندا تەبىئىيلا نۇرغۇن كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى جەمئىي 4 بۆلۈم ئىشلەنگەن بولۇپ، دىنىي تالاش-تارتىش، سىياسىي ئايرىمچىلىق، مۇھەببەت-كۈنلەش قاتارلىقلار فىلىم مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ھەرخىل مىللەت ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىقلىرى ۋە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن.

فىلىمدىكى پېرسوناژلار كۆپىنچە ھالدا بىلىپ-بىلمەي تەلەپپۇز ۋە سۆز ئىشلىتىش خاتالىقى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، فىلىم مەزمۇنىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بىراۋنىڭ تىلىنى بۇزۇپ سۆزلىسە قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خاتالىقلار ئۇيغۇرچە ماس كېلىدىغان تەلەپپۇز ۋە سۆز خاتالىقلىرى بىلەن ئىپادىلەندى. تورداشلارنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

فىلىم گەرچە 1977-يىلى ئىشلەنگەن كونا فىلىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى چىنلىق، كۈلكە، تىل ئۆگىنىشكە بېغىشلانغان قىزغىنچلىق ۋە بوشاشماي ئۆگىنىش، ئەڭ مۇھىمى سۆزلەشتىن قىلچە تارتىنماسلىق روھى بىزنىڭ بۈ كۈنلەردە بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشلىرىمىزغا سەۋەب بولدى. تورداشلارنىڭ بۇ فىلىمدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە بوشاشماي ئۆگىنىش، تىل ئۆگەنگەندە تارتىنماي سۆزلەش، ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلىمىز ياكى باشقا تىللارنى ئۆلچەملىك، راۋان، توغرا سۆزلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەسكەرتىش: ئەگەر سىزنىڭ ئازراق ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ باققان تارىخىڭىز بولمىسا ياكى تىل ئۆگىنىشكە قىزىقمىسىڭىز بەلكىم بۇ فىلىمدىن ھۇزۇر ئالالماسلىقىڭىزمۇمكىن. فىلىمدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرگە تەنقىدىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

كەسمىلىرى
















1-بۆلۈم 7-قىسىم        كۆچۈرمىكەشلىك ئويۇنى    The Cheating Game
بۇ قىسىمدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقلىدىي ئىمتىھاننىڭ جاۋابىنى ئوغرىلاش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار تەسۋىرلىنىدۇ.
1-بۆلۈم 7-قىسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ

1-بۆلۈم 8-قىسىم        سۆيۈش ۋە ئايرىلىش     Better To Have Loved and Lost
بۇ قىسىمدا پاكىستانلىق ئەلىنىڭ جۇڭگولۇق سۇ لىنى ئىككىنچى خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولۇشى جەريانىدىكى قىزىقارلىق ۋەقەلىك، شۇنداقلا دەرس جەريانىدىكى كومېدىيىلەر تەسۋىرلىنىدۇ.
1-بۆلۈم 8-قىسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ

نۆۋەتتە بىرىنچى بۆلۈم تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، ئاخىرى داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قوللاپ بېرىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز ھېسابلىنىدۇ. رەھمەت.

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش