تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1502|ئىنكاس: 7

ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغىنى يالغانمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
NASA: ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغىنى يالغانمۇ؟

بىلىمخۇمار

بۈگۈن «پەرۋاز» ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز «http://bbs.izdinix.com» مۇنبىرىگە تۆۋەندىكىدەك بىر ئىنكاسنى يېزىپ قالدۇرۇپتۇ (نەقىل):

ئەركىن سىددىق ئاكىمىزنىڭ NASA نىڭ تەتقىقات تېمىلىرى بىلەن بىزلەرنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت !!
مېنىڭ سىزدىن سورايدىغان بىر قانچە سۇئالىم بارتى ، ۋاقتىڭىز بارمىكىن بىلمىدىم ؟
1.سۇئالىم : ئامېرىكا ئۇچقۇچىلىرى 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئايغا تۇنجى قېتىم قەدەم باسقىنىدىن تارتىپ ئۇنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولدى ، توردا نۇرغۇنلىغان گۇمانىي نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ماقالىلار كۆپ، «ئۆزگۈرۈشچان ماشىنا ئادەم transformers » دېگەن كىنودىمۇ ئىنسانلار ئايغا چىققان مەنزىرىگە ئوپمۇ ئوخشاش ياسالغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. سىزنىڭچە شۇ قېتىمقى ئايغا چىقىش راست بولغانمۇ؟
2. ئەگەر راست بولسا ، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن كېيىن نېمىشقا ئايغا چىقىپ تۇرماي ، پەقەت ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا چىقىپ چۈشۈدۇ؟ ئايغا چىقىپ چۈشۈشنىڭ ھازىر ئەھمىيىتى قالمىدىمۇ قانداق ؟
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئالدىم ، كەچۈرىسىز! بۇلار ھازىرچە سىزدەك ئۇستازلىرىمىزدىن سورىۋالمىسام بولمايدۇ دەپ ئويلىغان سۇئاللىرىم. ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇن سۇئاللىرىم بار ، كېيىنچە قالغانلىرىنى ئالدىرىماي سورارمەن...

(نەقىل تۈگىدى)
مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر دىيارىغا بارغاندا بىر قىسىم ياشلار مەندىن ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغانلىقىنىڭ راست-يالغانلىقىنى سورىدى.  شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش مەن ھەر قېتىم تۈركىيىگە بارغاندىمۇ يۈز بەردى: تۈرك ياشلىرى بەزى ماتېرىيال ياكى فىلملاردا «ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغىنى يالغان» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۇچراتقانلىقىنى ماڭا دەپ، مەندىن ئوخشاشلا ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغانلىقىنىڭ راست-يالغانلىقىنى سورىدى.  مەندىن ئېلخەت ئارقىلىق مۇشۇنداق سوئالنى سورايدىغانلار ھازىرمۇ چىقىۋاتىدۇ.  مەن ھازىرغىچە بۇنداق سوئالغا ئايرىم-ئايرىم جاۋاب بېرىپ كەلدىم.

ناسا بىلەن ئامېرىكىدىكى باشقا بىر قىسىم ئورۇنلار بىرلىشىپ، 1969-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە جەمى 6 قېتىم ئايغا ئادەم چىقاردى.  جەمى 12 نەپەر ئالەم ئۇشقۇچىلىرى ئاينىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، باشقا 6 ئادەم ئۇلار بىلەن بىللە ئۇچۇپ ئاينىڭ قېشىغا بېرىپ، يەر يۈزىگە قايتىپ كەلدى.  بۇنى ناسا «ئاپوللو قۇرۇلۇشى» (Apollo program) دەپ ئاتايدۇ.  ئامېرىكىلىقلار تۇنجى قېتىم 1969-يىلى 20-ئىيۇلدا ئايغا چىققان.  تۇنجى قېتىم ئايغا چىققان ئامېرىكىلىقنىڭ بىرى نېيىل ئارمستروڭ (Neil Amstrong) بۇلۇپ، ئۇ 1930-يىلى تۇغۇلۇپ، 2012-يىلى ۋاپات بولغان.  ئۇ ئۆتكەن يىلى ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ ۋاپاتى ئامېرىكىدا بىر ئىنتايىن چوڭ ئىش قاتارىدا خەۋەر قىلىنىپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامامۇ سۆز قىلدى .  ئاپوللو قۇرۇلىشىدا، 400 مىڭغا يېقىن ئادەم 10 يىلدەك ئىشلىگەن.  بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالەم ئۇشقۇچىلىرى، ئالىملار، ئىنژېنېرلار، تېخنىكلار، ۋە كەسپىي ماھارەت ئەھلىلىرى بار.  ئەينى ۋاقىتتا ئايغا ئادەم چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئالەم ئۇشقۇرى ھازىر ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىكى كېنېدىي ئالەم مەركىزىدىكى مۇزىخانىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، 2006-يىلى 5-ئايدا مەن ئاشۇ مۇزىخانىغا بېرىپ، ھېلىقى ئالەم ئۇشقۇرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ باقتىم.  بۇ ئالەم ئۇشقۇرى ئىككى مىليوندىن كۆپرەك زاپچاستىن ياسالغان بولۇپ، ئۇنى ياساشقا ئامېرىكىدىن جەمى 50 تىن كۆپرەك ئورۇنلار قاتناشقان.  بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىر نەرسىنى ھەسابلاپ كۆرگەن:  ئەگەر ئامېرىكا ئايغا ئادەم چىقىرىشتىكى ئاپوللو قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان ئاشۇ 400 مىڭ ئادەمنىڭ ئاغزىنى توۋاقلاپ، دۇنياغا يالغانچىلىق قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا كېتىدىغان چىقىم 3 ئادەمنى ئايغا 4-5 قېتىم چىقىرىپ قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە كېتىدىغان چىقىمدىنمۇ كۆپراق بولىدىكەن.  شۇنداقتىمۇ ئاشۇ 400 مىڭ ئادەمنىڭ بۇ ئىشنى پاش قىلىپ قويماسلىقى ھېچ قانداق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىكەن.  ئۇنىڭغا قارىغاندا، 3 ئادەمنى ئايغا چىقىرىپ قايتۇرۇپ كېلىش كۆپ ئاسانغا توختايدىكەن.

نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغانلىقىنىڭ يالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئورنىدا، ئامېرىكىلىقلار ئايغا قاداپ قويغان بايراقنىڭ لەپىلدەپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدىغانلىقى، ئايدا ھاۋا بولمىغاچقا، بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالىدىكەن.  بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن، مەن بىزنىڭ ئىدارىدىكى ھازىر ئالەم ئۇشقۇرىلىرىنى ياساش ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قانچە ئادەمدىن سوراپ باقتىم.  ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئەسلىدە ئۇ بايراقنىڭ رەختىنىڭ ئىچىگە تۆمۈر سىم قويۇلغان بولۇپ، بايراقنىڭ رەختىنى ئاشۇ سىم كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن.  شۇڭا ئۇ لەپىلدەپ تۇرغاندەك كۆرىنىدىكەن.

فلورىدادىكى كېنېدىي ئالەم مەركىزىدىكىگە بارغاندا، ساياھەتچىلەرگە بىر 3-ئۆلچەملىك (3-Dimensional, 3-D ) كىنو قويۇپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئۇ كىنوغا كىرسىڭىز، سىز خۇددى ئاينىڭ ئۈستىدە مېڭىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ ئىچىگە كىرىپ كېتىدىكەنسىز.  ئاينىڭ ئۈستى ئىنتايىن زىرىكىشلىك بولۇپ، جىم-جىتلىقتا پۇتنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ھېچ قانداق ئاۋاز ئاڭلانمايدىكەن.  شۇڭا ئادەمنىڭ يۇرىگى سەل جىغىلداپ، ئادەمنى بىر ئاز قورقۇنچلۇق باسىدىكەن.  

ئاينىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 384 مىڭ 400 كىلومېتىر كېلىدۇ.  خەلقئارا ئالەم پونكىتى (International Space Station, ISS) بولسا يەر يۈزىدىن ئوتتۇرىچە 415 كىلومېتىر ئىگىزلىكتىكى بىر ئوربىتىدا ئايلىنىدۇ.  يەنى ئاي ISS كە قارىغاندا يەر شارىدىن 925 ھەسسە ئارىلىق يىراقلىقتا.  شۇڭا ئايغا بىر قېتىم بېرىپ كېلىش ئۈچۈن ISS كە بىر قېتىم بېرىپ كېلىشكە قارىغاندا نەچچە يۈز ھەسسە ئارتۇق پۇل كېتىدۇ.  ئاي يەر شارىنى بىر كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ.  ISS بولسا بىر كۈندە يەر شارىنى 16 قېتىم ئايلىنىدۇ.  شۇڭا ئىلىم-پەن تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئايغا قارىغاندا ISS كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە.  مەسىلەن، ISS نىڭ ئۈستىدە تۇرسىڭىز، ھەر كۈنى 16 قېتىم كۈن چىقىپ، 16 قېتىم كۈن ئولتىرىدۇ.  مەن بۇ يىل ISS نىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلىپ، ئاتموسفرانىڭ ئۆزون گېزى تەركىۋىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۈسكۈنىنىڭ تەتقىقاتىغا قاتناشتىم.  يەر يۈزىدىن 80 كىلومېتىر ئىگىزلىككىچە ھاۋا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھاۋا يوق.  شۇڭا، ئۆزون قەۋىتىنى ئۆلچەش ئۈچۈن، ئىسس ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغاندا، كۈننىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 80 كىلومېتىردىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك.  يەنى بىز ئېلىپ بارماقچى بولغان ئۆلچەشنى پەقەت كۈن چىققاندا ۋە كۈن ئولتۇرغاندىلا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئۈسكۈنە قۇياشتىن چىقىپ، يەر شارى ئاتموسفراسىدىن ئۆتۈپ، ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن نۇرنى ئانالىز قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئاشۇ نۇر بېسىپ ئۆتكەن ھاۋانىڭ تەركىۋىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. ماڭا بېرىلگەن ۋەزىپە ئاشۇ ئۈسكۈنىنى داۋاملىق كۈننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر كىلومېتىر دائىرە ئىچىگە توغۇرلاپ تۇرىدىغان بىر ئالگورىسم (ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل) نى ئىشلەپ چىقىش بولۇپ،  مەن ئۇنىڭ ئۇسۇلىدىن بىرنى كەشىپ قىلدىم.  شۇ ئاساستا يوللىغان 4 دانە ناسا پاتېنتىم قوبۇل قىلىندى. كۈن نۇرى ئاتموسفرادىن ئۆتكەندە، ئاتموسفرا نۇرنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان بولۇپ، ISS تا تۇرۇپ كۈن ئولتۇرۇش ۋە كۈن چىقىش مەزگىلىدىكى كۈننى رەسىمگە ئالسىڭىز، بۇ كۈن يۇمۇلاق ئەمەس، سوقۇچاق بولۇپ قالىدۇ.  ھەمدە كۈننىڭ ئۈستۈنكى يېرىمى بىلەن تۆۋەنكى يېرىمىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان شەكىلگە كىرىپ قالىدۇ.  شۇڭا كۈننىڭ مەركىزىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس.  بۇ تېما ئۈستىدە بىر ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلماقچى بولغان ئىدىم.  ھازىرغىچە ۋاقىت چىقىرالمىدىم.  خۇدايىم بۇيرىسا يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ماقالىنى پۈتتۈرىمەن.  دېمەكچى، ISS تا تۇرۇپ، ئايدا مۇمكىن بولمايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.

ئامېرىكا 1969-يىلى ئايغا ئادەم چىقارغاندا، ئاينىڭ يەر شارىغا قاراپ تۇرىدىغان يۈزىگە بىر لاسېر نۇرىنى قايتۇرىدىغان ئەينەكنى ئورنۇتۇپ قويغان (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ).  بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر يەر يۈزىدىن ئاشۇ ئەينەككە لاسېر نۇرى ماڭدۇرۇپ، ئاشۇ ئەينەك قايتۇرغان نۇرنى ئۆلچەش ئارقىلىق، ئاينىڭ پۈتۈن ھەرىكىتىنى كۈزىتىپ تۇرىدۇ.  ئامېرىكا 2020-يىللىرى مارستىن مارس ماتېرىياللىرىنى يەر يۈزىگە قايتۇرۇپ كەلمەكچى.  2030-يىلى مارسقا ئادەم چىقارماقچى.  ناسا ئۈچۈن ئايغا ئادەم چىقىرىش بىر ئادەتتىكىلا ئىش بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ھېچ قانداق زۆرۈرىيىتى بولمىغاچقا، بۇ ئىشنى قىلمايۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئامېرىكا پۇخرالىرى تاپشۇرغان باج پۇلى بىلەن باقىدۇ.  بىزنى ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئالدى بىلەن بىزگە مائاشنى تولۇق بېرىدۇ.  بىز ئاندىن دۆلەت بىلەن شتاتقا ھەر يىلىنىڭ ئاخىرى تاپقان كىرىمىمىزدىن باج تۆلەيمىز.  ئوتتۇرھال كىرىم سەۋىيىسىدىكىلەر ھەر يىلى كىرىمىدىن 20 پىرسەنت ۋە ئۇنىڭدىن كۆپرەك باج تۆلەيدۇ.  بايلار تۆلەيدىغان باج 40 پىرسەنتتىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.  پۇخرالارنىڭ ھۆكۈمەت ئۈستىدىكى نازارىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا مانا مۇشۇنداق بىر تۈزۈمنى يولغا قويغان.  ئەگەر ھۆكۈمەت پۇلنى قالايمىقان خەجلەپ كېتىدىكەن، پۈتۈن خەلق قوزغۇلۇپ كېتىدۇ.  بىزنىڭ ئىدارىمۇ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن جان باقىدىغان بولغاچقا، پۇلنى ئىنتايىن قاتتىق تۇتىدۇ.  مەن بىر بىنانىڭ 3-قەۋىتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ قەۋەتتىكى قەقۋە ھازىرلاش ئۈسكۈنى، چاي قاينىتىش ئۈسكۈنى ۋە توڭلاتقۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز پۇل يىغىش قىلىپ ئالغان.  ئۇنىڭغا ئىدارىدىن بىر دوللارمۇ بەرگەن ئەمەس.  يەنى، مەن تۇرىدىغان قەۋەتتە قەقۋە گۇرۇپپىسى، چاي گۇرۇپپىسى، ۋە توڭلاتقۇ گۇرۇپپىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزلىگىدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپىلار بار.  بىز قەقۋەگە ۋە چايغا ھەر ھەپتىدە پۇل تۆلەيمىز.  توڭلاتقۇنى بولسا پۇل يىغىش قىلىپ ئالىمىز.  مۇشۇنداق بىر دۆلەتتە ئايغا ئادەم چىقىرىشتەك بىر چوڭ ئىشتا ھۆكۈمەتنىڭ يالغانچىلىق قىلالايدىغانلىقىنى بىز ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.  ئەگەر سىزگە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 400 مىڭ ئادەمنىڭ ئاغزىنى توۋاقلاپ،  مۇشۇنداق بىر ئىشنى يۇشۇرۇش ۋەزىپىسى بېرىلگەن بولسا، سىز قانداق قىلاتتىڭىز؟

قىسقىسى، «ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغانلىقى يالغان» دەيدىغان گەپلەرگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەڭ.  بۇنداق سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغانلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ باشقىچە غەرىزى بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-28 13:33  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
53996
يازما
27
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكى تۈگۈندىن بىرنى يەشتىڭىز، رەھمەت سىزگە!

UID
12811
يازما
234
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3534
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تور بىكەتلەرنىڭ  جېنى قالمىغاندىن بېرى  ئىككىنجى  قېتىم  يوللانغان   ياخشى تىما . بىلىم خۇمار ئۇستازنىڭ    ئالدىراشلق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ، ئىلىم -پەندىكى موجىزىلەردىن  بىزلەرنى خەۋەردار   قىلغىنىغا كوپ رەھمەت .
     ئادەتتە  بىزلەرگە  ئامرىكىنىڭ سەلبى خەۋەرلىرى  يەتكۇزىلىدىغان بولغاچقا  .  بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىمىز  بەك ئاز .  ئامرىكىنىڭ ئالياسكىدا ئىككى ماشىنا سوقۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئىت مۇشۇكلىرى يارلانسا شۇئان خەۋەر تاپىمىز . ئەمما قوشنىمىزنى  بىرسى ئولتۇرۋەتسە  ئۇقماي ئولتۇرمىز  .  شۇڭا بىزلەر جاھاننىڭ  ۋاڭ-چۇڭلىرىدىن ،ئەراپىمىزدىكى  ئىشلاردىن بىخەۋەر ھالدا شۇنداق بەخىتلىك  ياشايمىز  .   دۇنيادنىڭ رەڭدارلىقىمۇ شۇ بولسا كىرەك .
     بۇ تىمىدىن  نۇرغۇن  نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم  .بىلىم خۇمار ئۇستازغا كوپ رەھمەت  .  

UID
54852
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2013-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ، بۇ توغرۇلۇق بىلىمىمىزنىڭ نەقەدەر كەمچىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن . يەنىمۇ كۆپرەك ئىزدىنىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويدىڭىز .

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
435
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
8456
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
101 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيدۇ. يالغانچىلىق بولسا شۇنداق مېڭىۋىرەمىدى؟ مانا ئاخىرى گۇماندا تۇرغانلارنىڭ گۇمانى يېشىلىدىغان بولدى.

UID
49045
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم «ئەلكۈيى تورى» دىكى بارلىق قىرىنداشلار....ھەممىڭلار ئىگىلىپ تۇرۇپ سالام!مەن بۇ تور بېكەتكە خىلى تېمىلارنى يوللىغانتىم،پەقەت تەستىقلىمىدى؟بۇ نىمە سەۋەپتۇ؟؟؟ئۆز-ئارا قوللاشساق ياخشى بولاتتى...مىنىڭ تېمامنىمۇ تەستىقلاپ قويساڭلا ياخشى بولاتتى قىرىنداشلار!!!!!!!!!

UID
50382
يازما
77
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
77
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-28
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغىنى پۈتۈنلەي راس!لىكىن ئۇلار ئىزدىگەندەك تاشپى پىلانىت ئادىمى ئىزلىرى بولمىغاچقا ئانچە بەك داۋراڭ قىلماي،پوققا تون يىپىپ سىرلىق قىلماقچى

UID
53090
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2013-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ تارۇتقۇلىرىمىز كۆزئالدىمىزدا بولۇۋاتقان دۇنيانى زىلزلىگە سالىدىغان خەۋەۋەرلەرنى تاشلاپ قويۇپ ئەتىگەندىن كەچكىچە ئامېركا بىلەنلا قالىدۇ چۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ بىمەنە شۇئاردىن بىرسىنى بىز ئۇيغۇرلارغا ياد قىلىۋەتكەن ئۇ بولسىمۇ ‹غەرپ دۇنياسى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىز
ئاخىرىدا شۇنى دەپ قويىمىزكى بىز ئىنتايىن سەگەك

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش