خەيرى - خوش، 8- ئوتتۇرا مەكتەپ
مەھەممەتجان ساۋۇت(غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ)
غۇلجا شەھەرلىك 8–ئوتتۇرا مەكتەپ غۇلجا شەھەر سىتالىن كوچا 2–خاڭ1–نومۇرلۇق قوراغا جايلاشقان بولۇپ،ئومۇمىي كۆلىمى 50 مو كېلىدۇ.بۇ مەكتەپ 1934ـ يىلى ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپى دېگەن نام بىلەن قۇرۇلغان.1948-يىلى 4-ئايدا ئىلى بىلىم يۇرتى،1949-يىلى10-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.1953-يىلى4-ئايدا ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپ ۋە ئەرلەر ئوتتۇرا مەكتىپىگە بۆلۈنۈپ،ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپ يېڭى مەكتەپ رايۇنى(ھازىرقى ئىلى پىداگۇگىكا ئىنىستۇتى قوراسى)غا كۆچۈپ كەتكەن.1959–يىلى7–ئايدا ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپ ئىلى 1-دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپكە ئۆزگەرتىلىپ،ئەرلەر ئوتتۇرا مەكتىپى ئاساسىدا ئىلى 2-دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى قۇرۇلغان.كېيىن ئىلى 2-دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ئىلى 1-دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپكە قوشۇۋېتىلىپ،يەنە ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپ دەپ ئاتالغان.ئەسلىدىكى مەكتەپ ئورنى بولسا 1966–يىلىدىن باشلاپ غۇلجا شەھەرلىك 8–ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتالغان.2010–يىل3–ئايغا كەلگەندە غۇلجا شەھىرىدىكى ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك نوقتىلىق ئۇيغۇر مەكتەپ بولغان شەھەرلىك7–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا قىسمى بىلەن قوشىۋېتىلىپ،غۇلجا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر – خەنزۇ بىرلەشمە مەكتىپىگە ئايلانغان.
2010-يىلى 10-ئايدا جىياڭسۇ ئۈلكىسى نەنجىڭ شەھىرى غۇلجا شەھىرىگە بولغان ياردىمىدە مائارىپ بايلىقىنى ئېچىشنى مۇھىم نوقتا قىلىش چاقىرىقىغا ئاساسەن غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىي ئايلانما يولى 21-خاڭنىڭ 500مىتىر شىمالى(توڭجىئەنفاڭ 2-نومۇرلۇق بىنا) تەرەپكە يېڭى مەكتەپ رايۇنى سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ،يېڭى مەكتەپ رايۇنىدا 2011 -يىلى ئىش باشلىنىپ،بۇ يىل ئاساسىي قىسمى پۈتتى.يېڭى مەكتەپ رايۇنىغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 106 مىليۇن (1.06亿元) يۈئەن بولۇپ،كۆلىمى 254مو 7پۇڭ،قۇرۇلۇش كۆلىمى 58182.3كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ،كۆلەم جەھەتتىن غۇلجا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.ئەسلىدىكى پىلانغا ئاساسەن غۇلجا شەھەرلىك 8 – ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ يىل 7-ئاينىڭ 11-كۈنى يېڭى مەكتەپ رايۇنىغا كۆچۈپ كىردى.يېڭى مەكتەپ رايۇنىنىڭ نامى جىڭلىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى (金陵中学) قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.بۇ نام نەنجىڭ جىڭلىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى (نەنجىڭ ئۇنۋىرسىتىتى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى)دېگەن نامدىن كەلگەن بولۇپ،نەنجىڭ جىڭلىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى 1888- يىلى قۇرۇلغان،ئامېرىكا،ئەنگىلىيە،روسىيە،ياپۇنىيە،ئاۋاستىرالىيە قاتارلىق 10دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان نوقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتۇر.
ئەسلىدىكى غۇلجا شەھەرلىك 8 –ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورنى غۇلجا شەھەرلىك 7–ئوتتۇرا مەكتەپ(1949-يىلى سىتالىن مەكتەپ دېگەن نام بىلەن قۇرۇلغان،1977-يىلى غۇلجا شەھەرلىك 7–ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆزگەرتىلگەن.2010–يىلى 3–ئايدا غۇلجا شەھەرلىك 8–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز قىسمى قوشۇۋېتىلگەن ئۇيغۇر-خەنزۇ تولۇقسىز مەكتەپ)كە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ،غۇلجا شەھەرلىك 8 –ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نامى بولسا،غۇلجا شەھەر باغۋەن كوچىدىن شىمالغا سوزۇلغان،باھار كوچىدىن شەرىققە سوزۇلغان،شىنخۇا شەرقىي يول 15-كوچىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان يەنە بىر مەكتەپ رايۇنىغا بېرىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش:تېمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر تېما تەستىقلانغاندىن كېيىن بېرىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-25 00:35
|