- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 97
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 363
- تىزىملاتقان
- 2009-6-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-25
- UID
- 1859
- يازما
- 97
- تېما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 363
- تىزىملاتقان
- 2009-6-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-25
- توردا
- 31 سائەت
|
ئامېرىكىدىكى مېيئو دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى دوكتۇر بوۋار دوختۇرخانا قۇرۇلغاندىن بۇيان بۇ يەردە داۋالانغان ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئارخىپىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ، مۇنداق دېدى : ‹‹ ئۇخلاۋاتقاندا قول -پۇتلىرىنى قالايمىقان ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ياكى باشقىلارغا ئارتىلىۋالىدىغان كىشلەرنىڭ كەلگۈسىدە ياشانغانلاردىكى گومۇشلۇق ياكى پاركانسون كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولىدۇ›› .
ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ، مۇنداق دېدى : ‹‹ ئۇخلاۋېتىپ پەشۋا ئېتىش ، يوتقاننى پۈركەپ ئاستىغا بېسىۋېلىش ياكى پۇت-قوللىرىنى قالايمىقان ھەرىكەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئۇيقۇغا توسالغۇ بولىدىغان ھەرىكەتلەر چوڭ مېڭە كېسەللىك ئالامىتىدىن بەرگەن سىگنال بولسا كېرەك . بۇنداق كىشلەر چۈشىدە كۆرگەنلەرنى قوپ-پۇتىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئىپادىلەيدۇ ، بىراق بۇ چاغدا قول ياكى پۇتىنى يارىلاندۇرۇپمۇ ئالىدۇ . بۇنداق قالايمىقان ئۇيقۇ ھالىتى كۆرۈلگەن ھامان ، ياشانغاندا كۆرۈلىدىغان گومۇشلۇق كېسىلى قوزغىلىش باسقۇچىغا كىرىدۇ ، كېسەلنىڭ تېشىغا تېپىشىگە ئاز دېگەندە 25 يىل ، كۆپ بولغاندا 50 يىل كېتىدۇ›› .
ئامېرىكا ياشانغاندىكى گومۇشلۇق كېسىلى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى روسى مۇنداق دېدى : ‹‹ ئۇخلاش ھالىتىدىكى قالايمىقانچىلىق بىلەن كەلگۈسىدە كۆرۈلۈش مۇمكىن بولغان ياشانغاندىكى گومۇشلۇق كېسىلى ئارىسىدا مەۋجۇت مۇناسىۋەتنىڭ كونكېرت مېخانىزمى تا ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى . بىراق ، بۇ مەسلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئەرزىيدۇ . بىز ئۇخلاۋاتقاندا قول-پۇتنى باشقۇرالمايدىغان ، ھەتتا يوتقىنىنى تېپىپ ئېچىۋېتىدىغان كىشلەرگە مۇنداق تەكلىپ بېرىمىز : ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ ، چوڭ مېڭە ساغلاملىقىنى كۈچەيتىدىغان چېنىقىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ، كېلىپ چىقىش مۇمكىن بولغان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تولىمۇ زۆرۈر ›› .
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
|
|