
دوستلۇرۇم 
ئەگەرنامرات بوپ قالسام تونارسەنمۇ دوستلۇرۇم،؟ 
بالدۇرقىدەك ئۆيۈمدە قونارسەنمۇ دوستلۇرۇم،؟ 
خەتەريەتسە سەن تۈگۈل ھەتتا قوزا -كالاڭغا ، 
ھەسرەت چەككەن مەن كەبى سۇنارسەنمۇ دوستلۇرۇم. 
بىر نان تاپسام تېڭىنى دوستقا بېرىپ يەپتىمەن ، 
دوستقا بېرىپ ئېتىمنى مەن پىيادە كەپتىمەن ، 
مەن بىلگەندەك مېنىمۇ چوڭ بىلىدۇ دەپتىمەن ، 
تۆگە سويسام بىر چۆجە سويارسەنمۇ دوستلۇرۇم. 
بالام دېدىم بالاڭنى قارچۇغۇمغا دەسسەتتىم ، 
چارە بىلىپ بالامدىن مەرھەمەتلەر كۆرسەتتىم ، 
باللىرىڭغا ئۆيۈمدە ئۆز ئۆيۈڭنى ئەسلەتتىم ، 
سالام دېسەم دەردىمنى سورارسەنمۇ دوستلۇرۇم . 
يامان دىسە كىم دوستنى يەڭلىرىمنى تۈرگەنمەن 
ھازىسىغا ھازىدار كۈلكىسىگە كۈلگەنمەن . 
لازىم بولسا تەۋرەنمەي دوستلار ئۈچۈن ئۆلگەنمەن، 
مەن مىڭ ئۆلسەم ئۆلگەندەك بولارسەنمۇ دوستلۇرۇم . 
ئىچ-باغرىمنى تۆككەندە ھاماقەت دەپ قالماڭلار، 
مىننەت قىپتۇ تېخى دەپ كۆڭلۈڭلارغا ئالماڭلار ، 
كەتكىنىمدە ئارقامدىن ماختاپ ياكى تىللاڭلار ، 
غەيۋەت بىلەن يەرلىكتە قويارسەنمۇ دوستلۇرۇم! 
مەنبە : ئىجادىيەت