
ئەلكۈيى تورى تومۇز 20-كۈنى خەۋىرى: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ،ئەجىر - مېھنىتىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دىيارىمىز پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلغان ، پۇتبولسۈيەر ئوغلانىمىز يۈسۈپ ئىمىن ھاجى ئەپەندىمنىڭ زور تىرىشچانلىقى ۋە مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 2013-يىللىق «كاتتا يايلاق» لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئايلانما مۇسابىقىسى تومۇز ئېيىنىڭ 19-كۈنى(ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقە) ئۈرۈمچى قىزىل تاغ تەنتەربىيە زالىدا ئېلىپ بېرىلدى. نەچچە كۈندىن بۇيان جىددىي مۇسابىقە ئويناش ئارقىلىق ئاخىرقى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە بۆۋەتلىك كاتتا يايلاق چىمپىيونى نىكىتىلىدىغان بولغاچقا، بۇ ئايلانما مۇسابىقە نۇرغۇن پۇتبول سۆيەر مەستانىلىرىمىزنى جەلپ قىلدى. بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ھەرەمباغ كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن قاراماي كوماندىسى يەڭدى، ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە 2013-يىللىق چىمپىيوننىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ھالقىلىق مۇسابىقە بولۇپ قالدى.چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە ئاتۇش كوماندىسى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى كوماندىسى مەيدانغا چۈشتى.

ئاتۇش كوماندىسى چىمپىيون بولىشى ئۈچۈن چوقۇم زور نومۇر پەرقى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرېسىتېتى كوماندىسىنى ئۇتقاندا ئاندىن چىمپىيون بولالايدىغان بولغاچقا، مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا جىددىي ھۇجۇم قوزغىدى. ئەمما شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ بوش كەلمىدى ۋە 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ قارشى تەرەپكە يېتىشىۋىلىش ئۈچۈن تىرىشتى. ئاخىرىدا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى 5 كە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئاتۇش ياشلار كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

بۈگۈنكى كاتتا يايلاق لوڭقىسىدا ئاتۇش كوماندىسى شىنجاڭ ئونۋېرېسىتېتىنى 5:3 نەتىجە بىلەن يەڭدى. ھەرەمباغ كوماندىسى قارماي كوماندىسىنى 3:0 يەڭدى. ھەر ئىككى كوماندا 15نۇمۇر بىلەن تەڭلەشتى. بىراق ئۆز ئارا ئوينىغان مۇسابىقىدە ئاتۇش كوماندىسى ھەرەمباغ كوماندىسىنى 5:2 نەتىجە بىلەن يەڭگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يىللىق چىمپىيۇن ئاتۇش ياشلار كوماندىسى بولدى. ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئۈرۈمچى مەشرەپ كوماندىسى 3 كە قارشى 5 نەتىجە بىلەن كورلا كوماندىسىنى ئۇتتى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئەڭ ئادىل رىپىر، مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى قاتارلىقلار باھالاپ چىقىلدى، نىزامىدىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىسى بولۇپ سايلاندى.