كۆرۈش: 2735|ئىنكاس: 1

تەكلى ماكانغا مەدھىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52274
يازما
3
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-18
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 16:13:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تەكلى ماكانغا مەدھىيە
مەن تۇلۇپ تاشقان ھاياجان بىلەن تەكلىماكانغا مەدھىيە ئۇقۇيمەن ۋە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتېيمەن.بۇنداق دىسەم
بەزىلەر چۈشەنمەي مىنى قۇملىققا قىزقىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قېلېشې مومكىن .مەن قۇملۇققا ھەرقانچە قىزىقساممۇ  يۇرتۇمنىڭ %60پېرسانتىدىن كۆپرەك زىمىنىنىڭ دەشىت-باياۋان ئىچىدە تۇرشىنى خالىماسمەن.
مەن بۇرۇن يۇرتىمىزدا نىمىشقىمۇ قۇملۇق كۆپتۇ قۇملۇقنىڭ ئۇرنىغا بۈك باراخسان ئۇرمانلىق ۋە يايلاقلار بولسا بولماسمىدى دەپ ئۇيلايتىم ھازىر بۇلسا بۇ تەكلىماكان قۇملىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن .مەن ئەمدى سەۋەبىنى دەپ بىرەي.
ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ۋەتەن ساتقۇچى خائىن -مۇناپىق ئاپپاق غۇجا ئۈزىنىڭ مەنپىئەتىنى دەپ  ئەزىزانە يۇرتىمىزنى ۋە مىللىتىمىزنى يات مىللەتنىڭ ئاياغ -ئاستى قىلىشىغا تاشلاپ بەرگەندىن كىيىن .تۇمۇرىدا ئەرىكلىك قېنې ئاقىدىغان  ۋىجدانلىق ئۇيغۇر ئەركەكلىرنىڭ يۇركى ئازاپلانماقتا.ۋىجدان ۋە غۇرۇر دەپسەندە قىلىنغان.كىندىك قېنى تۈكۈلگەن  ئانا ۋەتىننىڭ ۋە ئەركەكلەرنىڭ قۇغدىشىغا تاينىدىغان قىز ئاياللارنىڭ ياتلار تەرپىدىن دەپسەندە قىلنىشى قاتارلىقلار  تەسۋىرلىگۈسىز ئىزا ئاھانەت بۇ يۈرەكنى مۇجۇپ ئازاپلاپ كەلمەكتە.ئەگەر بۇكۈن قانداق قانداق بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كەلسە ئۇلار گىپىمنىڭ تىگىگە يىتىدۇ.ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىغان ئەزمەتلىرمىز  ئىسسىق ھاياتى بەدىلگە بۇ نۇمسنى ئاقلاش ئۇچۇن  كۈرەش قىلدى لىكىن ھازىرقى تارىخى يۈزلىنىش بىزنىڭ رايىمىزغا باقماي قويدى . ئەرگە بىر نۆۋەت ،يەرگە بىر نۆۋەت دەپتىكەن ئىلگىركى شانلىق كۈنىمىز ھامان بىر كۈنى يىتىپ كىلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇزىمىندا نەچچە ئەسىردىن بۇيان نۇرغۇن پاجىئەلەر يۈز بەردى.ئەگەر تەكلىماكاننىڭ ئۇرنىغا مۇنبەت تۇپراقلار بولغان بولسا ھازىرقىدىنمۇ كۆپرەك يۇرۇتلار بولغان بۇلاتتى ئۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگەن پاجىئەلەر تېىخېمۇ كۆپ
بۇلاتتى .مۇشۇ قۇملۇق بولغاچقىلا ئەزىز زىمىنلىرمىز قۇملۇقنى قالقان قىلىپ نامەرىتلەرنىڭ مەينەت ئايغىدا چەيلىنىشتىن ساقلاپ قالدى.
شۇنداق بولغانكەن مەن تەكلى ماكانغا مەدھىيە ئۇقۇماي تۇرالامدىمەن.
پەخرىمسەن تەكلى ماكان.سەن نى-نى ئەزمەتلەر قىلاممىغاننى قىلۋاتسەن.ياۋۇز دۇشمان ئالدىدا مەغرۇرلارچە تۇرۋاتسەن.

UID
42955
يازما
84
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
84
تىزىملاتقان
2012-7-2
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-29
توردا
167 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 19:53:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارداتەدبىرىڭ قانداق بولساتەغدىرىڭ شۇنداق بولىدۇدىيىلسەقۇرئان كەرىمدە ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ نەتىنچىسىنىلا كۆرۈدۇدىيىلگەن.بۇقىسمەتلەرنى ھېچكىمدىن كۆرمەسلىگىمىز،پەقەت ئۆزىمىزدىنلاكۆرۈشىمىزكېرەك.تارىق تەكرارلاندى.سىزگەئوخشاشلارئاپپاق غۇجازامانىسىدازۇلۇمغاقارىتاقانداق قاراپ تۇرغان بولسا،ھازىرمۇشۇنداق قاراپ تۇرۇدۇ.گۈلدۈرمامىسى باريامغۇرى يوق،ئېغىزدابارئەمىليەتتەيوق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش