بىر قورادا،بىر بۆشۈكتە چوڭ بولدۇق ،
چوڭ بولغۇچە كۆپ ئىشلارنى تەڭ كۆردۇق .
تايچاق مىنىپ ئوينۇدۇق ھەم بىر چاغلار ،
دادام تايچاق بولۇپ بەرسە بىز مىندۇق .
كونا ئىدى ئولتۇرغان ئۆي بەك سوغۇق ،
بىر يوتقاندا ياتقان ئىدۇق ئامال يوق .
ئۇماچقىمۇ زار بولغانتۇق بىر چاغلار ،
باشاقنىمۇ تېرىگەنتۇق ئاش-نان يوق.
ئېسىڭگە ئال شۇ كۈنلەرنى بىر تۇغقان،
يەتكەن ئىدى شۇ كۈنلەردە بىر يوتقان.
تىزساڭمۇ گەر بۈگۈن ئۆيگە ئون يوتقان ،
قونالمايدۇ نىچۈن كېلىپ بىر تۇغقان ؟
پۇل كۆرگەندە سۇسلاشتىمۇ مۇھەببەت ،
ئانام ئىكەن قېرىنداشنى قىلغان جەم .
سەن يوق دەيسەن ،مەن توقلۇقتا ئوينايمەن ،
پۇل سورىساڭ يوق دەپتىمەن مەنمۇ ھەم.
مەن كۆز يۇمسام سەن تاڭىسەن ئېڭەكنى ،
سەندىن ئاياپ نېمە قىلاي ئېشىمنى .
سەن ئۆيۈڭدە زاغرا يېسەڭ پۇل يوق دەپ ،
مەن كولايمەن گۆش يەپ بولۇپ چىشىمنى .
بەخىت كەلسە ئىككىمىزگە تەڭ كەلسۇن ،
تىڭشاپ باققىن يۈرەكتىكى كۈيۈمنى .
نىمە كۆرسەك تەڭ كۆرەيلى ھاياتتا ،
قالما ئۇنتۇپ بىر تۇغقۇنۇم ئۆيۈمنى .
تور توختىغاندىن بۇيان قەلەمنىمۇ تاشلىغان، بۈگۈن بالىلاردىن ئاڭلاپ ئەلكۈيىگە تىزىملىتىپ كىرىشىم ،ھە-ھۇ دەپ ئۆتىشەرمىز تۇغقانلار ،سورۇنغا قۇرۇق كەلمەي دەپ ئاكام يازغان مۇنۇ شئېرنى يوللاپ قويدۇم ،يارىسا خو دەرسىلەر ،يارىمىسا نو دەپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي باشقا تېمىلارنى كۆرەرسىلەر.
شەھرى بورتالا داۋاپادارىم خانىسىدە يوللاندى .