تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1340|ئىنكاس: 14

«سەن نەلىك» دەپ سورىما مەندىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ئاھ ئۇرۇش __ ئاجى

UID
2132
يازما
166
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
5489
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 23:38:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سەن نەلىك» دەپ سورىما مەندىن

ئادىل يۈسۈپ

«سەن نەلىك » دەپ سورىما مەندىن ،
شۇنچە بىزارمەن سوراشلىرىڭدىن .
تۇرقۇمغا ئوغرىدەك تىكىلىپ قاراپ ،
يولۇمنى ئازغاندەك توسۇشلىرىڭدىن .

نېمىگە ئېرىشتۇق شۇنچە سورىشىپ ،
نادانلىق دەستىدىن ياقا سىقىشىپ .
ئەدناسى توي-تۆكۈن ،نەزىر –چىراقتا ،
پايپىتەك بولۇشۇپ ،«ئۆز يۇرت » ئىزدىشىپ .

«بىز كىم » دەپ سورىغىن سورىغىڭ كەلسە ،
تاپايلى بىرلىكتە ئورتاق بىر جاۋاب.
ئىستىقبال قۇشىنىڭ قانىتى سۇنۇپ ،
يۇرتۋازلىق ئوتىدا بولمىغىن كاۋاپ .

ھېچيەرلىك ئەمەسمەن ،مۇشۇ يەرلىكمەن ،
يىلتىزىم تۇتاشقان زىمىن تەكتىگە .
دوستانە قولۇمنى خوشامەت چاغلاپ ،
مېنى يات كۆرسە كىم ،ئۇۋال ئۆزىگە .

«سەن نەلىك» دەپ سورىما مەندىن ،
چۈشەنسەڭ تۇققىنىڭ ،قېرىندىشىڭمەن .
بېشىڭغا كۈن چۈشسە چىدامدۇ يۈرەك ،
مىسلى دولقۇن ئارا قېيىقدىشىڭمەن  .

مەنبە: گېزىتتىن .

.
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2884
يازما
42
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
470
تىزىملاتقان
2010-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 23:48:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بىز كىم » دەپ سورىغىن سورىغىڭ كەلسە ،
تاپايلى بىرلىكتە ئورتاق بىر جاۋاب.
ئىستىقبال قۇشىنىڭ قانىتى سۇنۇپ ،
يۇرتۋازلىق ئوتىدا بولمىغىن كاۋاپ

بۇ كۇبلىتى بەك ياقتى.

UID
4425
يازما
19
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
619
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-26
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 23:51:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ ھازىر شۇ يۇرتۋازلىق قىلىدىغان ئىش كۆپىيىپ كەتتى ،بۇنداق ئىللەتلەرنى چۇقۇم تۈزىتىشىمىز كېرەك!

پاكلىقىڭ بىلەن ياشا !

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
529
تېما
66
نادىر
0
جۇغلانما
18115
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 00:08:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرى (جىن)

ئۇزەڭ كىم دەپ سورماڭلا مەندىن
مەندە يۇقتۇر ئۇنىڭغا جاۋاپ

كىملىكىم ،
نىشانەم ،
ئىسمىم
ئۇلار
يۇقاپ كەتكەن قىيامەت كۇنى!
سومكامدىكى كۇندىلىك خاتىرە
قان -يىرىڭنىڭ يغىندىسى ئۇ!
تارىخ ﻫۇميىپ كەتتىغۇ قاراپ
بەك ئاچچىغى بار
رەﻫىمسىز كۇنا خۇتۇندەك
تۇرماقتا ئەنە
يالىڭاچ ئالدىمدا چېچىنى تاراپ!

گۇزەل ئارزۇ ،ئازاپلىق ئوتمۇش
ئۇلار بىرلىشىپ
ئىتتىرمەكتە ئۇلى يۇق ﻫاڭغا
تارىخ بېتى ياساپ چىققۇم بار
بارلىقىم ئۇچۇن
لىكىن
نۇﻫ كىمسى كەلمەس قايتىدىن
يىڭى خۇش-خەۋەر بەرمەس ئالدىدىن
بۇران -چاپقۇن چىققان دىڭىزدا
يەنە بىر كىمە ماڭماس ئۇنىڭدا!
تۇفانلار ئارا
سىمالىرىم ئوچمەكتە تىزدىن
يۇگۇرمەكتىمەن
تارىخ كەينىدىن
ئېزىقىپلا بۇﻫران ئىچىدە
گۇيا قالغاندەك دەﻫشەت قۇيۇندا!

ئۇزەم شۇنداق يۇۋاش بىر ئۇيغۇر
كومپىيۇتىرغا ئۇخشاشلا
ﻫايات گىيا مىۋىسنى
ئىزدەپ
ۋۇجۇدلۇق ئۇچۇن ،
بىر كىسەلگە بولدۇم مۇفتىلا!

سۇپۇندىگە ئايلانغان گۇللەر
خۇش-پۇراقلىق يەنىمۇ شۇنداق
تۇت تەرەپكە قۇپرىلغان تاملار
يىغلاپ كىتەر ئاجىزلىقىدىن
سايراپ قۇيار سۇلايمان قۇشى
خوشلاق تۇتۇپ ﻫامىللىقىدىن!

كۇلكىلەرنى ياساپ باقىمەن
يىغا قىستاپ قىلماقتا بىزار
بەزى ۋاقىت ئاچچىق كۇلكە
ناخشا بىلەن قۇلۇمدا دۇتتار
سۇ ئۇستىدە مىنىڭ قارا سايەم
ئۇينىماقتا سۇ ئۇسۇلىنى
يۇقتۇرۋالدىم قاچاندىن بۇيان
ﻫاياتلىقنىڭ بۇ ئۇدۇمىنى
يەرشارىنىڭ غېمنى يۇدۇپ
دەرد -ئەلەمنى بىرگە كۇتۇرپ
ياشىماقتىمەن
مۇشۇ زىمنىدا
ﻫەي ئۇيغۇرنىڭ كۇنى!

تۇغۇلغاندەك ئۇلىدۇ ئىنسان
ﻫاياتلىقتا بولمىسا نىشان!

ئۇزەڭ كىم دەپ سورماڭلا مەندىن
مەندە يۇقتۇر ئۇنىڭغا جاۋاپ!
سورماڭلار ئۇزەڭ قانچە ياش؟
قايسى ۋەتەندىن؟
ئىسمىڭ نىمە؟
دەپ بىرەلمەيمەن ئۇزەمنى زورلاپ
مەن ئۇزەم بىر ،بىر ئاشىق شۇنداق
ئاسماندىكى ئاپپاق بۇلۇتقا
يامغۇر ئىزدەپ يۇرمەكتىمەن!
ئاسماننى قۇغلاپ
ئاسماننى قۇغلاپ!


2006\\8\\31 سەﻫەر

مەن ئىزدىنىۋاتمەن لىكىن سىلەر بىلەن بىرگە،

UID
4406
يازما
104
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
3384
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 00:15:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيەرلىك دەپ جاكارلايمەن پۈتۈن ئالەم ئارا مەغرۇر .
ئانا يۇرتۇم ئىلى،ئالتاي،خوتەن،تۇرپان قۇمۇل،لوپنور.
تەپەككۇر ئەيلە يارەنلەر خەتەرلىكتۇر يۇرتۋازلىق،
شۇ سەۋەپ نېمە ھەسرەت ،نادامەت چەكمىدى ئۇيغۇر .
-مۇنۇ شئېرنى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىدا بىر ياتاقتا كۆرۈپ يادلىۋالغان ئىدىم .

بىر سوم پىلانىنى بىلەمسىز ؟

تىرىشچان ئەزا

مۇھەببەت كەتكىن

UID
4429
يازما
26
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
807
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 00:18:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي -ۋاي ئەجەپ كۈڭلۈمدىكىنى يىزىپسىز!!!!!!!!!1

سىنى بەك سىغىندىم...

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 01:17:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بىز كىم » دەپ سورىغىن سورىغىڭ كەلسە ،
تاپايلى بىرلىكتە ئورتاق بىر جاۋاب.
ئىستىقبال قۇشىنىڭ قانىتى سۇنۇپ ،
يۇرتۋازلىق ئوتىدا بولمىغىن كاۋاپ .

مەنمۇ بۇ كوپلىتنى بەك ياقتۇردۇم

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
3674
يازما
166
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1820
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2010-8-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 11:38:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى شېئىركەن.يۇرۇتۋازلىق قىلىش پەقەتلا ياخشى ئىش ئەمەس، مەيلى قايسى يۇرۇتتىن بولسۇن ھەممىمىز ئوخشاشلا ئۇيغۇر، مىللىتىمىز بىر دىنىمىز بىر

غەم قىلىپ جان توشامدۇ. ئەركىنلىك ئۈچۈن ئالغا!

UID
3458
يازما
42
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
450
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 13:06:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتۋازلىق قىلىش ياخشى ئادەت ئەمەس ئەسلى......ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر...... ياخشى شېئىركەن.......

كۆيۈمچان ئەزا

دوستۇڭ دوستۇمدۇ

UID
2418
يازما
287
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
9649
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 14:16:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇنوم رايوندا ۋىلايەتۋازلىق ، ۋىلايەتكە كەلسەك ناھىيىۋازلىق ، ناھىيىگە كەلسەك يېزىۋازلىق ، يېزىغا كەلسەك مەھەللىۋازلىق ... .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش