كۆرۈش: 9055|ئىنكاس: 21

بىر كۆرمىسىڭىز ئۇخلىيالمىغىدەك ھىكمەتلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
135
تېما
60
نادىر
0
جۇغلانما
135
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-19
توردا
87 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 18:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر كۆرمىسىڭىز ئۇخلىيالمىغىدەك ھىكمەتلەر



قويمىچى بىخوت ئادەمگە، ئوغرى بىپەرۋا ئادەمگە، بۇلاڭچى قورقۇنچاق ئادەمگە، ساختىپەز ھاماقەت ئادەمگە ئامراق كېلىدۇ .

شۇنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇكى جەڭ مەيدانىدىكى ئوقيا تېگىپ ئۆلمىگەن قەھرىمان، زىياپەت ئۈستۈلىگە تىزىلغان ھاراقتا ئۆلىدۇ .

ئەخلاق ئانىلىق ئۇرۇق، ئېتىقاد ئاتىلىق ئۇرۇق.بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئىنسانىي كامىللىق تەۋەللۇت بولىدۇ.
بەخىت ئىچىدە ياشاۋېتىپمۇ بەخىت ئىزلەش ھېسقىلمىغان ئەڭ چوڭ ھەقىقى بەخىتسىزلىكتۇر.سەن ئۆزۈڭنىڭ قۇرۇق قول گادايلىقىڭدىن ھەسرەتلەنمە.سېنىڭ ئەقلى ھۇشۇڭ بىلەن بەش ئەزايىڭ ھاياتلىقتىكى ھىچنەرسىگە تەڭ قىلغۇلى بولمايدىغان ئەڭ زور بايلىقىڭ .

خورلۇقتا قالغان ۋاقىتنى ئۇنۇت. لېكىن شۇ خورلۇق قالدۇرغان ساۋاقنى ئەستىن چىقارما !

ئەقىلنى سېتىپ پۇل تېپىش، ھەقىقى زىرەك تەدبىركار ئادەمنىڭ ئىشىدۇر.

دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ چارچىتىدىغان ئىش ئەھمىيەتسىز خىيالغا چۆمۈش ھەم ئۈنۈمسىز ئىش قىلىش.

كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى گەپ قىلماي تۇرۇۋېلىش.

ھەقىقەتكە تەلپۈنگەن يۈرەك ھەقىقى ھالدا ھەقىقەتنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايدۇ .

مۈشكۈلات ئالدىدا ئېگىلمىگەن باش ھاراق ئالدىدا ئېگىلىدۇ. قېلىچ ئالدىدا تۆكۈلمىگەن ياش مۇھەببەت ئالدىدا تۆكۈلىدۇ.

سەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرغىچە قۇربانلىق بېرەلەيدىغىنى پەقەتلا ئانا.

ئادەم ئەڭ بىزار بولغان نەرسىگە بەزىدە ئىنتايىن مۇھتاج بولىدۇ. پەقەت دوستىنلا مەدەت تىلىمەي، دۈشمىنىگە قاراپ ئالغا باسالايدىغان ھەقىقى زېرەك ئادەمدۇر.

رىقابەت مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ : بىلىم ئىقتىدار رىقابىتى، يەنە بىرى خوشامەت سوغا سالام رىقابىتى، بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە بۇ ئىككىسى تەڭلا مەۋجۈت.

قۇلدارلار، بايلار ۋەيران بولۇپ تەس كۈنگە قالغاندا، ئىككى ئىشتىن قاتتىق پۇشايمان يەيدۇ : بىرى يوقسۇللاردىن خەۋەر ئالمىغىنىغا ۋە جەمىيەتكە تۆھپە قۇشالمىغىنىغا، يەنە بىرى تازا قېنىپ ئەيىش – ئىشرەت ۋە راھەتتە ياشىيالمىغىنىغا.

بەزىلەرنىڭ كۆزى توق لېكىن قۇسقى ئاچ.پارىخورنىڭ بولسا قوسقى توق كۆزى ئاچ كېلىدۇ.

سەن چۈشەندۈرەلمىگەنكەنسەن ئاغزىڭنى يۇم، مۆتىھەم مۆتىھەمدىن قورقىدۇ.

ھەرقانداق شەكىلدىكى چېكىدىن ئاشقان يېقىنچىلىق ئادەمنى ناھايىتى ئاسانلا بىزار قىلىدۇ. سەن ئۆزۈڭنى بىلەلمىسەڭ باشقىلار تەرىپىدىن قاتتىق باشقۇرۇلىسەن.

ئارام ئېلىشنى بىلمەي دائىملا ئىشلەيدىغان ئىشۋاز بىر بولسا ئېغىر قىيىنچىلىقى بار نامرات كىشى، بىر بولسا بالدۇر ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى.

ئاياللارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززىتى تىكلەنمىگەن ئائىلىدە ھەققانىيەتچى ۋە ۋىجدانلىق پەرزەنىتلەر يېتىشىپ چىقالمايدۇ. ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى تۇرغۇزۇلمىغان ئائىلىلەردە ئىقتىدارلىق، جۈرئەتلىك، مەسئۇلىيەتچان پەرزەنت چىقمايدۇ.

سېنى ھۆرمەتلەيدىغان، سۆيىدىغانلار نەدە بولسا شۇ يەردە ياشا !

ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرى راۋانلاشتى بىراق سالام خەت يەنىلا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. ئۇنى يەنە خالىغان ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ دوستلۇق رىشتى، ھىسىيات كۆۋرۈكى، ۋە زىمىستان قىشتىكى ھارارەتلىك ئوت، تومۇز ئىسسىقتىكى مۇزدەك سۈزۈك بۇلاق سۈيى.

ئادەتتىن تاشقىرى باغرى يۇمشاق كىشى ھىچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ.!

كىمكى ھاراق سورۇنىدا ياكى ئادەم ئەڭ كۆپ سورۇندا ۋىجدان، غورۇر ھەققىدە قۇرۇق گەپ قىلىدىكەن سەن ئۇنۇڭدىن سەگەكلىك بىلەن ئاگاھ بول !

ئاياللارنى قەدىرلىمىگەن ئەرلەر، پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلەشنى بىلمىگەن ئاياللار مەڭگۈ ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئۆزىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا تۇتىۋېلىش ئادىمىيلىك بىلەن ھايۋاننىڭ ئوتتۇرسىدىكى زور پەرىقتۇر.

كۆپ بىلىم بىلمىسىمۇ لېكىن چوڭقۇر تەپەككۈر قىلالايدىغان ئادەم ھەقىقى ئالىم دىيىشكە مۇناسىپ .
يۈرەك ئوڭشالمىغىچە ئادەم ئوڭشالماس، يۈرەك ساغلام بولمىسا ئادەم خاتىرجەم ياشىيالماس .

دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ئاياللار، بەخىت – سائادىتىنى ئەرلەر يارىتىدۇ.

جەمىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى قانۇننى توغرا ئىجرا قىلمىغانلىقتىن، چېكىنىشى مائارىپنى ھەقىقى قوللىمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

بالىلارغا قاراپ جەمئىيەتنى، ئەۋلاتلارغا قاراپ ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ھايۋانلارنىڭ ئەخمەقلىقى دۆتلىكىدىن كۆرۈلسە، ئادەملەرنىڭ ئەخمەقلىقى دورامچىلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرقۇنۇچلۇق ۋاقىت ئادەم ئۆزىدىن زېرىككەن ۋاقتىدۇر.

جەمىيەتنى تۈزەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ئاڭلىق تۈزەت، كېسەلنى ئۇرۇپ – سوقۇپ تۈزەتكىلى بولمىغاندەك يامان ئىللەتنى تىللاپ تۈزەتكىلى بولمايدۇ. پەقەت ئادەملەر ئاڭلىق ھالدا ئۆز ئۆزىنى تۈزىشى كېرەك.

ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ ئويناپ – كۈلۈپ يايراۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا ئەمەس بەلكى مۈكۈنۈپ يىغلاۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغىمۇ بېرىپ ياشاپ باق.
ئوكيان تورىدا ئېلان قىلىنغان.

مەنبە: مەرىپەت مۇنبىرىدىن ئېلىندى.

UID
48034
يازما
81
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
82
تىزىملاتقان
2013-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-2
توردا
113 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 21:42:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ئىسىل ھىكىمەتلەركەن ، ئەجىرىڭىزگە رەخمەت .

UID
17471
يازما
103
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
133
تىزىملاتقان
2011-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-28
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 06:34:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ھىكمەتلەركەن بۇ ...

UID
47742
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2013-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2014-5-8
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 10:02:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى گەپ قىلماي تۇرۇۋېلىش.
ھەقىقەتەن ئېسىل گەپكەن، نادانلار بىلەن تەڭ بولغانلىقنىڭ ئۆزى نادانلىق، ، ،  ياخشى ھېكمەتلەركەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت بولسۇن. . .

UID
1859
يازما
97
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
363
تىزىملاتقان
2009-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-25
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 13:14:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى ھېكمەتلىك سۆزلەركەن ! ئوقۇپ بوپ ئەقلىمگە يەنە ئەقىل قوشۇلغاندەك ھېس قىپ قالدىم !...

UID
54600
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 19:39:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتىن تاشقىرى باغرى يۇمشاق كىشى ھىچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ.!                            بۇ سۆز    ماڭا بەك تەسىر قىلدى.   تەپەككۇر  قىلشقا ماھىر كەن                              

UID
54686
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2013-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-19
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 20:07:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۆرمىسىەم ئۇخلىيالمايدىغان ،ئىككى كۆرسەم  ئەلكۇينى تاشلاپ  كەتمەيدىغان تېما  ئىكەنغۇ بۇ رەھمەت ئەجىرىڭىزگە  

باھا سۆز

zulnuri  ھەئە شۇ ،تونىۋاپسىز -ھە تاتلىق قىز سىزنى كۆرۇپ شۇنداق خۇش بولدۇم   يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 20:07:16
zulnuri  راست دەيسىز تاتلىق قىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 11:58:25

UID
36635
يازما
101
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
101
تىزىملاتقان
2012-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-23
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 01:32:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم بولغۇدەك بۇ ھىكمەتنى ئۇرۇندىيالىغان كىشىلەر

ئۈمىدلىك ئەزا

لە ئىلەھە ئىللەللاھ

UID
48812
يازما
195
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
196
تىزىملاتقان
2013-4-9
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-31
توردا
120 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 12:00:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى گەپ قىلماي تۇرۇۋېلىش.
بۇ  سۆز  ماڭا بەك  ياقتى  

باھا سۆز

uyghuriye  شۇنى دېسە ، ماڭىمۇ شۇنداق يارىدى بۇ گەپ !  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 20:59:37
زۇلئاي  سىز ئالتۇنمۇ ئالتۇن شۇمۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 15:00:38

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13761
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1812
تىزىملاتقان
2011-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-4
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 13:58:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى گەپ قىلماي تۇرۇۋېلىش،
بۇ  سۆز  ماڭا بەكلا  ياقتى .
  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش