ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن روزا ھېيىت ھارپىسىدا يېقىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان چوڭ تىپتىكى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشا كېچىلىكى ۋە ئۇنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنىدىغان پىلاستىنكىسى ھەققىدە ئەلكۈيىدە سۆھبەت
 ئەسسالامۇئەلەيكوم،ھۆرمەتلىك تورداشلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ قۇتلۇق روزا ھېيىت بايرىمىنى چىن دىلىمىزدىن مۇبارەكلەيمىز ۋە بارلىق تورداشلارنىڭ ئوزۇن يىللاردىن بويان ئەلكۈيى تورىنى قوللاپ ، قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز،ئايەمنىڭ بەرىكىتى ھەممە ئائىلىلەردىن ئۈزۈلمىسۇن!قەلبتىن قەلبكە ئىزچىل ئۆز-ئارا خوشاللىق ھەم ھۆرمەت ئەبەدى داۋاملاشسۇن!
بۈگۈنكىدەك ئايەم كۈنلىرىدە بىز خەلقىمىزنىڭ ئايەم كۈنلىرىگە خوشاللىق بېغىشلاش ۋە ھەممەيلەننى خوشال قىلىدىغان ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تورداشلارنىڭ ئايەم خوشاللىقىغا جۆر بولۇش مەقسىتىدە ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى،ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ سەركەدىسى ،ئۇستاز ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئەلكۈيى تورىدا يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ،ئابدۇللا ئابدۇررېھىمنىڭ ئايەملىك سالاملىرىنى كەڭ دوستلارغا يەتكۈزۈش،بۇ يىلنىڭ بېشىدا خەلقىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىلىرى بىلەن تەبرىكلەپ ئۆتكۈزگەن «ئالتۇن توغراق »ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 2013يېڭى يىللىق ناخشا كېچىلىكىدە ئورۇنلانغان ناخشىلىرىدىن تەركىب تاپقان DVD-CD پىلاستىنكىلىرىنىڭ تارقىتىلىش ۋاقتى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار ۋە ھەممەيلەنگە يەنە بىر قېتىم چوڭ داستىخان سېلىش،ئەل قەلبىگە ياققۇدەك بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ خەلقىمىزنىڭ سەنئەت تەشنالىقىنى قاندۇرۇش شۇنداقلا بۇ كېچىلىكتە باشقىلار ئويلاپ باقمىغان يەنە بىر كاتتا ئىشنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بىلەن يوغۇرۇلغان ‹‹ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئەلكۈيىدە روزا ھېيتلىق سۆھبەت ››تېمىسىدىكى زىيارەت فىلىمىمىزنى تورىمىزنىڭ يەنە بىر سوۋغاتى سۈپىتىدە ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
ئەلكۈيى تورى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن بۇ فىلىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 标清 دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق رەسىمدىكى 超清نى تاللاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسە بۇلىدۇ،تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا 标清ھالەتتە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ زىيارەت جەريانىدىكىكى رەسىملەر يوللىنىۋاتىدۇ... ئېھتىمال تورداشلار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم خەلقىمىزگە قانداق يېڭى سوۋغىلىرى بىلەن داستىخان سالماقچى ۋە جاۋاب قايتۇرماقچى بولغانلىقى ھەققىدە ئويلارغا چۆمگەن بولىشى مۇقەررەر،ئۈستىدىكى زىيارەت فىلىمدىن بۇ ھەقتىكى زىيارەتلەرنى كۆرگەن تورداشلارغا مەلۇمكى، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم يېقىندا شىنجاڭ قاشتېشى شاھى مەبلەغ سېلىش شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىي مىۋىلىرى بىلەن يوغۇرۇلغان ناخشىلىرىدىن تەركىب تاپقان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشا كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ ، بۇ قېتىمقى كېچىلىكى يىللاردىن بويانقى كېچىلىكتىن سۈپەت ۋە سان جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن سىرت كېچىلىك نەق مەيدانىدا سوممىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىلىپ، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە يوقىرى بولغان ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا خەير -ساخاۋەت شەكلىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى سۈپىتىدە تارقىتىدىغان بولۇپ،بۇ خەير-ساخاۋەت پائالىيتى كېچىلىك نەق مەيدانىدا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ يېڭى ناخشىلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.بىز تورداشلارغا بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي بايانلارنى ۋە كېچىلىك ھەققىدىكى سۆھبەتلەرنى سونۇش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدۇق.
ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ روزا ھېيت كۈنلىرىنى خۇشال خوراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزىشىگە ، دەم ئېلىش ۋە ھېيت - بايرام كۈنلىرىدىمۇ خەلقىمىز مەنىۋىيىتى ئۈچۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ كىلىۋاتقان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم يېڭى ناخشا كېچىلىكى تەييارلىقىنىڭ تېخىمۇ پۇختا ۋە كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.ئەل ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتقان ھەر بىر مېھنەت ئېگىسىنىڭ ئەجرىدىن گۈللەر ئۈنۈش نىسىپ بولغاي!
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2013-يىلى تومۇز ئېيىنىڭ 7-كۈنى (روزا ھېيىت ھارپىسى)
|