كۆرۈش: 2760|ئىنكاس: 11

ئىسلامدا ئوڭ ۋە سولنىڭ كېلىپ چىقىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52314
يازما
68
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 20:11:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



                                         ئىسلامدا ئوڭ ۋە سولنىڭ كېلىپ چىقىشى



جانابى ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلىشى بىلەن ئالەملەر ئۆزگىچە شەكىللەرگە كېلىپ يارىلىش جەريانىدا ، ھەر ئىشنى قىلسا ھېكمەت بىلەن قىلىدىغان ئاللاھ ، ھەر بىر ئالەملەرگە قارىتا بىردىن ئۇنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن باشقۇرۇپ تۇرغۇچى مالائىكىلەرنى تۇرغۇزۇپ تۇراتتى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەننەتتە يەنە ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلغۇچى پەرىشتىلەرنى يارىتىپ ، ئەنە شۇ يېڭىچە يارىتىلغان ئالەملەرنىڭ ھېكمىتىنى چۈشىنىشكە ، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنىڭ سىرىنى بىلىشكە ئىشتكەنىدى . شۇ ۋەجىدىن ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى پەرىشتىلەر ئۆزلىرىگە ئەنە شۇ ئالەملەرنىڭ ھېكمەت - سىرلىرىنى توغرا ۋە تولۇق رەۋىشتە چۈشەندۈرۈپ يېتەكلىگۈچى بىر ئىلىم ئەھلىگە مۇھتاجلىقىنى بىلىشكەنىدى .


شۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى رىۋايەت قىلىنىشىچە ، دوزاخ ۋە جەننەتتە ھەمدە بارلىق سەييارىلەر ئارا تېگىشلىك بولغان ئىلىملەرنى شۇنىڭدىن بىر يۈز يىگىرمە مىڭ يىل ئىلگىرى شۇنچە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن بىر كىشى بار ئىدى . ئۇنىڭ ئىسمى ھازازۇل بولۇپ ، ئۇ كىيىنكى شۇ ۋاقىتلاردا جەننەتتىن بىر ئورۇن تۇتۇپ ئىستىقامەتتە تۇرۇشنى ئۆزىگە تەيىن تاپتۇرغانىدى . پەرىشتىلەر سەيئى قىلىپ كۈزىتىش ئارقىسىدا يېقىنلا بىر جايدا ئۆزىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىن بولمىغان بىر بەندىنىڭ قانداقلا بىر سۇئالنى سورىمىسۇن ، شۇنچە يېقىشلىق ۋە ئەتىراپلىق چۈشەندۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىدىن ، ئۇنى ئۆزلىرىگە مۇدەررىس بولۇشى ئۈچۈن جانابى ئاللاھقا نىدا قىلىشىپ دۇئا قىلىشتى . جانابى ئاللاھ ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىش بىلەن ، يېقىندىن ئىستىقامەتتە ئولتۇرغان ھازازۇلنى ئۇلار ئۈچۈن ئىلىمدە يېتەكلىگۈچى ئۇستاز قىلىپ ئىرادە قىلدى . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىت ئىلىم تەھسىل قىلىشىش ئارقىلىق ئۇستاز ۋە شاگىرتلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈردى .


لېكىن كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ، ھازازۇل ئۆز ئورنىدىكى شەرىپىگە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا ئاستا - ئاستا بەندىچىلىكتىن چېنىپ غاپىللىقنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىۋاتاتتى . لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ خىل غاپىللىقىنى تۇيمايتتى . ئۇ ئۆزىچە نۇرغۇنلىغان شىرىن - خىياللارنى قىلاتتى . جىمى پەرىشتىلەر ئۇنى ئاللاھنىڭ شۇ ئورۇنغا قويغانلىقتىكى ئىرادىسىگە باغلىق ھالدا ھۆرمەتلەپ ئەزىزلىسە ، ئۇ بارا - بارا ئاللاھقا بولغان قۇلچىلىقىنى ئۇنتۇپ ، ئەنە شۇ ئەزىزلەنگەنكى تۇيغۇسىغا چۆمگەن ھالدا ، باشقىلارنى مۇمكىن بولسا جىمى ئىشلاردا ئۆزىگىلا تېۋىنىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلاردىن بولۇپ قالغانىدى . لېكىن بۇ يۇشۇرۇن ئامىللاردىن بولۇپ ، بۇ سىر ئاللاھدىن باشقىلارغا مەخپىي ئىدى . پەرىشتىلەر بولسا ئۇنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش يۈزىسىدىن ھۆرمەتلەيتتى . ئەنە شۇ ھۆرمەتلەنگەنكى تۇيغۇلۇق ھاياجان ، ئاقىۋەتتە ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغۇچى ھازازۇلنى ئۆز ئەسلىدىن چېنىشقا ئېلىپ بېرىۋاتاتتى . لېكىن ئۇ بۇنى تۇيمايتتى .


كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر كۈنى جانابى ئاللاھ يەر يۈزىدە خەلىپە يارىتىدىغانلىق خىتابىنى ئوتتۇرغا قويدى . پەرىشتىلەر بولسا ھامان ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇناتتى . لېكىن يەر يۈزىدىكى ئىلىملەرگىمۇ ئىگە بولغان ھازازۇل ، نۆۋەتتىكى خەلىپىنى خۇددى ھايۋانلار ۋە قۇشلارغا ئوخشاش يىرتقۇچ ، ئاڭسىز ئويلاپ قېلىش بىلەن ، ئۆزىنىڭ بەندىچىلىكىنى ئۇنتىغان ئاساستا پەرىشتىلەرگە ئاللاھنىڭ بۇ ئىشىدىن توسۇشى توغرىسىدا سۆز قىلىشىنى ئىشتتى ۋە شۇنداق ئېيتتى : - ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز يەر يۈزىدە راستىنلا بىر خەلىپە يارىتىدىغان بولسا ، ئۇلار زېمىندا بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىدۇ . قان تۆكۈپ بىر - بىرلىرىنى ئۆلتۈرىشىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر پەرۋەردىگارىمىزنى بۇ ئويىدىن ۋاز كەچتۈرۈڭلار !
لېكىن قانداقلا بىربۇيرۇق بولسا بەجانىدىل ئورۇندايدىغانغا سېستىمىلاشقان پەرىشتىلەر ، ئۇستازى ھازازۇلنىڭ بۇ خىل ھۆكمىسىگە چىن پۈكۈپ جانابى ئاللاھقا شۇنداق خىتاب قىلدى : - ئى پەرۋەردىگارىمىز كەرىملىك ئاللاھ ! ئەگەر ساڭا قىلىنىدىغان ئىبادەت كەم بولۇپ قالغان بولسا ، بىز چوقۇم ساڭا قىلىدىغان ئىبادەتنى سەن رازى بولغۇدەك كۆپەيتكەن بولساق . لېكىن سەن ئاشۇ گۇناھكار ، ساڭا ئاسىيلىق قىلىدىغان بەندىلىرىڭنى ياراتمىغان بولساڭ ....... ! ! !
بۇلارنىڭ گەرچە ھازازۇلنىڭ گۇمانى سۆزى بۇيىچە شۇنداق قارشىلىقتا بولىۋاتقانلىقىنى ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەتەي ئۆزىگە قارشى چىققۇچىلاردىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ ، ئۇلارغا خىتابەن شۇنداق ئېيتتى : - سىلەر ھەقىقىي بىلمىگەن ئىشىڭلار ئۈستىدە ماڭا سۆز ئاچماڭلار ، مەن سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى بىلىمەن . مەن ئەنە شۇ خەلىپىنى ياراتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا چوقۇم سەجدە قىلىشىڭلار كېرەك !
ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ بۇنچە كەسكىن قارارىنى ئاڭلىغان پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا قارشى بىرەر سۆز قىلالماي قالدى . بۇ خىتابتىن ئۇلارنىڭ ئۇستازى ھازازۇلنىڭمۇ شۇنىڭدىن كىيىنكى ئاللاھنىڭ قارارىنى توختۇتۇش توغرىسىدا كۈشكۈرتىدىغان مەۋقەسى توختىدى . تولىمۇ ئەپسۇسكى ، ھازازۇلنىڭ خېلى بولغانكى ھاياتىدىكى ئورنى جانابى ئاللاھقا چىن ئىبادەت قىلىش ئەمەس بەلكى ئىبادەتتە ياسالما ، پەقەت ئۆزىدىكى ئىلىملەرنى باشقىلارغا خالىغان رەۋىشتە چىقىرىپ بېرىش بىلەن كۇپايىلىنىش بىلەن تەيىن تېپىپ توختىغانىدى . گەرچە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى پەرىشتىلەر ھەمىشە تەن بىلەن ئورۇندايدىغان سەجدە قىلىشتىن يىراق ئىلىم تەھسىل قىلىش ئارقىلىق سەجدىدە بولۇشتەك ئىبادىيەت ئۈچۈن يارىتىلغان بولۇپ ، مەلۇم ۋاقىت ئىلىم ئېلىشقىلا تۇرغۇزۇلغانلىقتىن ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا داۋاملىق باشقىچە ئىبادەتتە بولۇش ئۈچۈن يارىتىلغان بەندە ھازازۇل ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىك ماھىيىتىدە ئۆزىنى ئۇنتىغانىدى . ئەنە شۇ ئۇنتۇش ئاخىرى ئاللاھقا بىرەر ئىش بولسا پەرىشتىلەرگە ئېيتقۇزۇش ، ئەمما ئۆزى ھېچ بىر ئىپادە بىلدۈرمەسلىك بىلەن تەيىن تاپقان ھالدا ، ئۆزىنى ھازىر بارلىق بەندىلەر ئارىسىدا ئاللاھدىن قالسىلا ئىككىنچى يۇقىرى مەرتىۋېلىكلەردىن ھېسابلاپ كەتكەنىدى . ئۇ ئۆزلىرىدىكى ئىبادىيەتنىڭ ماھىيىتى دەل ئاللاھقا ھەمىشە ئىبادەتلەرنىڭ جەۋھىرى بولغان دۇئا بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئۇنتىغان بولۇپ ، ئەنە شۇ دۇئالاردا پەرىشتىلەرنى دۇئاغا ئىشتىپ ئۆزىنى ئۇنتۇيدىغان ماھىيەتكە يېتىپ ، ئاخىرى ئىچكى جەھەتتىن ئەنە شۇنىڭدەك ئىبادەتتىن مەھرۇم رەزگىلىككە پېتىپ كەتكەنىدى . تولىمۇ ئەپسۇسكى ، ئەنە شۇ رەزگىلىكى ئاللاھنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىش بىلەن تەڭ ئاشكارلىنىدىغانلىقىنى ئۇ قانداقمۇ بىلسۇن ؟ لېكىن ئۇ ئويلىمىغان ئىش ئاخىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشى بىلەن تەڭ يۈز بەردى .


ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىپ ئۇنىڭ بارلىق پەرىشتىلەرنى سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى . ئۇنىڭ ئىچىدە ھازازۇلمۇ بار ئىدى . بارلىق پەرىشتىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ھازازۇل سەجدە قىلمىدى . ئۇنىڭ سەجدىدىن باش تارتقانلىقىنى كۆرگەن ئاللاھ ئۇنىڭغا خىتابەن ئېيتتى : - ئى ئىبلىس ، مەن ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان ۋاقتىمدا سەن نېمىشقا ئۇنىڭغا سەجدە قىلمايسەن ؟ ياكى سەن يۇقۇرى مەرتىۋېلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىن ئۇنىڭغا سەجدە قىلمامسەن ؟
- شۇنداق ، مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق . مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ ، ئۇنى بولسا لايدىن ياراتتىڭ . سەن لايدىن ياراتقان بەندە مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق ئەمەس .
ئاللاھ ئۇنىڭغا خىتابەن : - سەن ھەقىقەتەن تۇزكورلاردىنسەن . سەن ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىي بولدۇڭ ، جەننەتتىن چۈشۈپ كەت ! سەن جەننەتتە تۇرۇشقا لايىق ئەمەسسەن ! - دەپ ئېيتتى ۋە ئۇنى جەننەتتىن زېمىنغا چۈشىرىۋەتتى . ئۇ شۇ چۈشكەندە شور دەرياغا چۈشكەنىدى . ئىلگىرى ئۇ دەريانىڭ سۈيى تاتلىق ئىدى . لېكىن ئۇنىڭ ئەنە شۇ ۋاقىتتىكى ئىنتايىن قاتتىق زەردىلىكى ئىچىدە چۈشكەن دەريا ئۇنىڭ نالە - پەريادى ، يىغا - زارى بىلەن بىر پۈتۈن دەريا شورلۇققا ئايلىنىپ سۈيى ئاچچىق بولۇپ كەتتى .


جەننەت ئەھلى شۇنىڭدىن كىيىن ئېغىر سۈكۈناتقا چۆمۈپ كەتكەنىدى . پەرىشتىلەر ئەتىراپىغا پەيدا قىلىنغان ئادەمگە گەرچە نەپرەتلىك كۆزى بىلەن قارىمىسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭدىن بەكلا يۇچۇقايتتى . چۈنكى ئۇ سەۋەبلىك بىر ئالىي شەرەپلىك بەندە ، ئۇستازى ھازازۇل ئىبلىس ئاتىلىش بىلەن تەڭ جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈرىۋېتىلگەنىدى . پەرىشتىلەر ئىشنىڭ بۇنچە ئېغىر بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ھېچ ئويلاپمۇ قويمىغانىدى . ئۇلارنىڭ غۇبارسىز قەلبى بۇ ئىشقا قارىتا بەكمۇ ئېغىر تەشۋىشكە كەلگەنىدى . ئۆزلىرى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان ، ھەممە ئىشتا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئالىدىغان ئۇستازى بىر نۆۋىتىدىلا ئۇ سەۋەبلىك جەننەتتىن قوغلاندى بولۇپ چۈشۈرىۋېتىلگەنىدى . پەرىشتىلەرنىڭ ئويى بۇيىچە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىمۇ ئۆزگىچە شەكىلدە بولۇپ ، ئۇلارغا نىسبەتەن بىر شەتلىك بەندە بولۇپ تۇيۇلۇپ قالغانىدى . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ گەرچە يېنىدا بەزى ۋاقىتلاردا يۈرسىمۇ ، ئۆز - ئارا پەقەت سالاملىشىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشقانىدى . لېكىن ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بولسا يېڭىچە نېمەت تەپەككۇر بېرىلگەن بولۇپ ، گەرچە ئۇ راستىنلا ئورنى تۆۋەن زېمىندىن يارىتىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئەنە شۇ تەپەككۇرى جەھەتتىن بەندىلەر ئارا يۈكسەكلىككە ئىگە ئىدى . ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە خىتاب قىلىشى ۋە ئادەم ئاللاھقا ئىقبال قىلىشى بىلەن ئەتىراپىدىكى شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ۋە سىر - ھېكمەتلىرىنى بىلىشكە باشلىغانىدى . جانابى ئاللاھ ئۇنى ئەنە شۇنىڭدەك ئۆزگىچە ئۇسلۇبىدا يارىتىش بىلەن جەننەتتە تۇرغۇزۇپ ، جەننەتتىكى مەلۇم نەرسىلەرنى بىلدۈرۈشكە باشلىغانىدى . لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنچە يېڭىلىققا دۇچ كېلىپ باقمىغان پەرىشتىلەر ئادەمدىكى بۇ خىل خۇسۇسىيەتلەرنى كۆرۈشتىن مەنئىي ئىدى .


ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەرىشتىلەر ئۇزۇن ۋاقىت ئۇستازلىق تۇرمۇشتا ئۆتۈپ كۆنۈپ قالغانلىقتىن ، شۇ تاپتا ئۆزلىرىگە بىر ئۇستازنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ھىس قىلىشتى ۋە ئۆز - ئارا ئارىسىدىكى مەلۇم بىرلىرىنى ئۆزلىرىگە ئۇستاز بولۇشى توغرىسىدا تالاش - تارتىش مۇنازىرە قىلىشىپ قالدى . ئۇلارنىڭ شۇنچە مۇنازىرە قىلىدىغانلىقىنى ھامان بىلىپ تۇرغان ئاللاھ ، شۇ ئارلىقتا پەرىشتىلەرگە شۇنداق سۆز قىلدى : - ئەگەر سىلەر ئادەمگە قارىغاندا خەلىپە بولۇشقا بىز ھەقلىق دەيدىغان بولساڭلار ، ماۋۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار ! - دەپ ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكى ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ، ماھىيىتىنى ئېيتىپ بېرىشكە قىستىدى . لېكىن پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇ خىتابىدىن تولىمۇ ھەيران قالدى . چۈنكى ئۇلار ئاللاھ قانداقلا بىر بەندىنى ياراتمىسۇن ، چوقۇمكى ھەر ئىلىملەرگە يېتىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇستازلاردىن ئىلىم تەلەپ قىلىشى لازىم ئىدى . لېكىن ئاللاھنىڭ خىتابىدىكى < ئەگەر سىلەر ئادەمگە قارىغاندا خەلىپە بولۇشقا بىز لايىق دەيدىغان بولساڭلار ماۋۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار > دېيىشى ، پەرىشتىلەرنى ھەقىقەتەن ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويغانىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ خىل ئوڭايسىزلىقنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن راستىنلا ئادەمدىن ئەنە شۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى سورىغاندا بولسا ، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇلار سورىغان نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ۋە ماھىيىەتلىرىنى بىرمۇ بىر ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا چۈشەندۈرۈپ قويۇۋاتاتتى . بۇ ھەقىقەتەن پەرىشتىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ مۆجىزاتلاردىن ئىدى . پەرىشتىلەر شۇئان ئاللاھقا يىقىلىپ : - ئى پەرۋەردىگارىمىز ! بىزنى كەچۈرگىن ، بىز ھەقىقەتەن سەن بىلدۈرگەن نەرسىدىن باشقىسىنى بىلمەيمەيمىز . سېنىڭ ئادەمنى خەلىپە قىلىشىڭدا مۇنداقمۇ ئۆزگىچە ھېكمىتىڭ بارلىقىنى بىلمەي قاپتۇق . بىز ئۇنىڭ يارىتىلىشىنى توسۇپ ھەقىقەتەن چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتۇق . بىزنى كەچۈرگىن ، بىزنى مەغپىرەت قىلغىن ! - دەپ تەۋبىگە يۈزلىنىشتى . ھەمدە شۇنىڭدىن كىيىن بىلمىگەن نەرسىلىرىنى ئادەمدىن سوراشقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تېخىمۇ ئاللاھقا ئىبادەتتە كۈچلىنىشكە باشلىدى .


شۇ كۈنلەردە ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۆزىدە بىر نەرسىنىڭ كەمتۈكلىكىنى بايقىدى ، لېكىن ئۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى . ئۇ ئۆزىچە زېرىكىشلىك ، ئىچى سىقىلىشتا ئۆتىۋاتقان بىر كۈنلەردە جانابى ئاللاھ ئۇ ئۇيقۇلىقتىكى بىر پەيتتە يېقىن دوستى ۋە ئىشەنچىلىك ئەلچىسى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ سول قۇۋۇرغىسىدىن بىرنى تۇيدۇرتماي ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى . جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بۇيىچە ھەم قۇۋۇرغىنىڭ قايسىسىنى ئېلىشتا ئاللاھقا ئىقبال قىلغان ئاساستا قايسىسى كۆڭلىگە بەكرەك ياققان بولسا شۇنى ئېلىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا قويدى . جانابى ئاللاھ ئۇ سول قۇۋۇرغىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدىن ئېلىنغان بىر تال قۇۋۇرغا سۆڭىكىدىن ئۇنىڭغا لايىق رەۋىشتە ھەۋۋا ئىسىملىك ئايال زاتىدىن بىرنى يارىتىپ ، ئاستاغىنە ئۇ ھۇشىغا كەلگۈچە جىبرىئىلغا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتتى . ئىش تامام بولغاندىن كىيىن ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاستاغىنە ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ قارىغۇدەك بولسا يېنىدا ئۆزىگە ئوخشاش بىر يات جىنىسلىق ئايال تۇراتتى . ئۇ بىر ئۇنىڭغا قارايتتى ۋە بىز ئۆزىگە قارايتتى . بىر ئاز پىكىر قىلىۋالغاندىن كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ جۈپتى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا : - بېرى كەلگىنە ! - دېدى . گەرچە ئادەمگە مايىللىقى بار بولغان ھەۋۋا بۇ چاقىرىقنى ئاڭلىغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن : - ئەگەر مەيلىڭ بولسا ئۆزەڭ كەلگىن ! - دېدى . ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان بىر پەيتتە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ ئاۋۋال جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىسىنى نىكاھ قىلغاندىن كىيىن ئاندىن يېقىنلاشسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇ ئىككىسىنى نىكاھ قىلدى . ئۇلار شۇنڭدىن كىيىن ئىنتايىن بەخىتلىك ھالدا جەننەتتە تۇرىۋەردى . شۇ تاپتا پۈتۈن دۇنيادا بۇلاردىنمۇ بەكرەك بەخىتلىك بەندە يوق ئىدى .


ئىبلىس ئۆزىنىڭ جەننەتتىن خار ھالەتتە چۈشۈرۈلۈپ كېتىشىنىڭ بىردىن بىر سەۋەبچىسى دەپ ئادەم ئەلەيھىسسالام دەپ قارايتتى . شۇڭا ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ بولسىمۇ ئۇنى ئۆزى بىلەن تەڭ جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈرىۋېتىش ئارقىلىق ئۆچىنى ئالماقچى بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسمانغا ئۆرلەپ جەننەتكە قايتا كىرىپ باقماقلىقنى ئىشتىپ باقماقچى بولدى . ئۇ ئاسمانغا ئۆرلەپ ئاسمان دەرۋازىسىغا كەلگەندە بۇ يەردىكى باقاۋۇل دەرۋازىۋەن پەرىشتە مالائىكىگە ئۆزىنى جەننەتكە ئەكىرىپ قويۇشىنى ئېيتتى . لېكىن ئۇ پەرىشتە ئۆزىنىڭ ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىنى ، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالسا ئۆزىگە سەت بولىدىغانلىقىنى ئۆزرە قىلىپ ئۇنىڭ كىرىشىگە ئۆزىنىڭ ئامال قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى . بۇ يەردە پەرىشتە ئۇنىڭغا ھېچ قانداق ئۆزرە قالدۇرماستىن بىرلا سۆز بىلەنلا كەسكىن ھالدا ئۇنىڭ كىرىشىنى توسقان بولسا ياكى قەتئىي قۇشۇلالمايدىغانلىقىنى ئېيتسا بولاتتى . لېكىن ئۇ ھازازۇل ئىدى . ئۇ بارلىق پەرىشتىلەر ئالدىدا ئالاھىدە ئىمتىيازى بار بولغان ئۇستاز بولغانلىقى ئۈچۈنلا دەرۋازىۋەن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن بۇ تەرەپلىك ئاجىز كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇم ئامالسىزلىقتىكى ئىلاجىسىزلىقىنى ئېيتقانىدى . چۈنكى بۈگۈن تېخى ھازازۇل توغرىسىدا جەننەتتىن چۈشۈرۈلگەنلىك توغرىسىدا ئاشكارا ھۆكۈم ئىجرا قىلىنمىغاى ئىدى . شۇڭا ئۇ تادان ئىبلىس جەننەتتىكى ئورنىنىڭ يەنىلا بارلىقىنى پەملەپ دەرۋازىۋەننىڭ ئۆزرىسىگە قارىتا تەدبىر قوللانماقلىقنى ئىشتتى دە ، ئۇنىڭغا ئاۋۋال ئىشىكنى قىيا ئاچسا ئۆزىنىڭ كىرىۋالىدىغانلىقى ، ئاندىن مەلۇم بىر يەرگە بارغۇچە ئۆزى پەرىشتىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ ، باشقىلار بولمىغان جايغا بارغاندا ئاندىن پەرىشتىنىڭ ئىچىدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇنىڭ بىلەن ئالدىدا بۇنىڭدەك تىلدا تۇتۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلمەي مەلۇم ئۆزرىسىنى ئېيتقان دەرۋازىۋەن پەرىشتە ئۇنىڭ بۇ خىل تەدبىرىگە قارىتا باشقىچە ئامالنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ ، ھەمدە ۋەدىسىدە تۇرۇش بىلەن ئۇنى ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى بۇيىچە ئاۋۋال ئاسمانغا ئاندىن جەننەت ئىچىگە ئېلىپ كىرىشتەك خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشكە قىستىلىنىپ قالدى ، شۇنىڭغا رازى بولدى . ئىبلىس دەرۋازىۋەنگە ھەشقاللا رەھمىتىنى ئېيتقاندىن كىيىن جەننەت ئەھلى ئارىسىغا قارىغۇدەك بولسا ئادەم يېنىدا بىر نازىنىن بىلەن بىرگە ئىنتايىن خۇشاللىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچى ھەقىقەتەن ئاچچىقتىن ئۆرتىنىپ كەتتى ۋە بىر ئاز ئىچىدىكى ئاچچىق پەسەيگەندىن كىيىن ، ئۇلارنى قانداق قىلىپ جەننەتتىن چۈشۈرۈش توغرىسىدا تەدبىر تۈزەشكە باشلىدى .
ئۇ ئاۋۋال ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ياخشىچاق بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋېلىشنى ، ئاندىن پەيتى كەلگەندە ھېلىقى چەكلەنگەن مېۋىنى يىگۈزۈشنى ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنى ئاللاھقا ئاسىي قىلىپ جەننەتتىن چۈشۈرۈشتەك ئەھۋالغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى . چەكلەنگەن مېۋىنى يىيىشتىن توسۇلۇش دەل ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىش بىلەن تەڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ۋە تېنىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ جەننەتكە قارىتا توغرا كەلمەيدىغان ئامىللارنىڭ ئېلىنىپ جەننەتتىكى بىر ئورۇنغا كۆمۈلگەنكى ۋاقىت ئىبلىسنىڭ بار ۋاقتى ئىدى . ئاخىرى ئۇ ئۇلارنى ئەنە شۇ خىل مېۋىنى يىگۈزۈش ئارقىلىق جەننەتتە تۇرغۇسىز قىلماقچى بولدى دە ، ئۇ بارا - بارا ئۇ ئىككەيلەنگە يېقىنلاشتى ۋە جەننەتتىكى باشقا پەرىشتىلەرنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىشىدىكى ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ بەزى ئىشلاردا ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ئۇ ئىككەيلەنگە پايدىلىق نەرسىلەرلا بولسا ، ئۇلارنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئورتاقلىشىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ھەر ۋاقىت جان كۆيدۈرەتتى . ئۇنىڭ ئەنە شۇ كۆيۈشلىرى ئاقىۋەتتە ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرشكە تۈرتكە بولدى .


بىر كۈنى ئۇلار جەننەتنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاللاھ تائالانىڭ ئادەمگە بىۋاستە قەلبىگە خىتاب قىلىپ تۇرۇپ << ماۋۇ دەرەخقە يېقىنلاشما ، بولمىسا مەڭگۈلۈك نادامەتكە قالىسەن >> دەپ ئاگاھلاندۇرغان ھېلىقى دەرەخنىڭ يېنىغا كەلگەندە ، پۇرسەتنىڭ ئەمدى يېتىلىپ كەلگەنلىكىنى پەملىگەن ئىبلىس ھېلىقى مېۋە توغرىسىدا توقۇغان بىر تالاي سۆزلىرىنى باشلىدى . ئۇ شۇنداق دېدى : - پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يىمەسلىككە بۇيرىشى دەل سىلەرنىڭ پەرىشتىلەردەك بولۇپ ، جەننەتتە مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر . ئەگەر بۇ مېۋىنى يىسەڭلەر چوقۇم جەننەتتە مەڭگۈ تۇرۇپ قالىسىلەر ۋە پەرىشتىلەردەك جىنىسسىز بولۇپ قالمايسىلەر ، مەن سىلەرگە بۇ ھەقتە ئاللاھنى تىلىمغا ئېلىپ تۇرۇپ قەسەم قىلىپ بېرىمەن ......
ئۇنىڭ بۇنچە ياغلىما گەپلىرىگە ئاۋۋال ھەۋۋا ئىشەندى . چۈنكى ئۇ ھىسىيات بىلەن ئىش قىلغۇچى ئىدى . شۇڭا ھەر بەندىسىنىڭ تاقىتىگە يارىشا ئىشلارنى تەئەللۇق قىلىدىغان ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىگە ئاگاھلاندۇرۇش سالمىغان ئىدى . چۈنكى ھىسىيات بىلەن ئىش قىلىدىغان بەندىگە ئۇنچە تەقۋادارلىق ئاستىدا بولىدىغان ھىسسىي جەھەتتىكى خىتابلارنى سېلىش ئاللاھنىڭ زاتىغا خاس ئەمەس ئىدى . چۈنكى ھىسىيات بىلەن ئىش قىلغۇچىدا ئاللاھنىڭ ھىسسىي جەھەتتىكى خىتابىنى قۇبۇللاش ، ھەمدە قۇبۇللىسىمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىش بولمايتتى . ھەۋۋا شۇ تۇرقىدا شۇ تاپتا ئۇ مېۋىنى يىمىسىلا جەننەتتىن دەررۇ چۈشۈرۈلۈپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇدا قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتكەنىدى . ئايالىغا قاراپ ئادەمدە ھەم بىر خىل تەشۋىش پەيدا بولدى . ئادەمدىكى تەشۋىشنى پەملىگەن ھەۋۋا دەرھاللا مېۋىدىن بىرنى ئاغزىغا سېلىپ يىدى . ئاگاھلاندۇرۇش ھەۋۋاغا بېرىلمىگەنلىكتىن ئۇنىڭ يىگەنلىكى بىلەن ئۇنىڭدا باشقىچە ئۆزگىرىش بولمىدى . شۇ ئارلىقتا ھەۋۋا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھەر تەرەپلىك ۋەسۋەسە سالغىلى تەگدى . ئۇنىڭ ۋەسۋەسىسىنى ئىبلىس تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ئۇرىناتتى . ئاخىرى قەلبىدە ئاللاھنىڭ خىتابىدىن ئايالى بىلەن ئىبلىسنىڭ ۋەسۋەسىسىنى يۇقىرى ئورۇنغا كەلتۈرگەن ئادەم ئەلەيھىسسالام مېۋىدىن بىرنى ئۈزۈپ ئاغزىغا سالدى ۋە يۈتىۋەتتى . ئەنە شۇ ۋاقىتتىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ بىردەك ئاللاھقا ئاسىي بولغانلىقىنى ئاشكارا بولدى دە ، ئۇچىسىدىكى كىيىملىرى سېلىنىپ كەتتى . ئۇلار بۇ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلاردىن تولىمۇ ھەيران قېلىپ كىيمىنى قايتا ئۈستىگە ئارتتى . لېكىن كىيىم يەنىلا خۇددى ھېچقانداق تىكىلىشى ، كىيىم شەكلى بولمىغاندەكلا ئۈستىدىن سىيرىلىپ تۇرماي چۈشۈپ كېتەتتى . ئۇلار كىيمىنى ئۈستىگە كەلتۈرۈپ چىگىپ باقتى ، يەنىلا كىيىمنىڭ تۇرقى شۇ ئىدى . ئۇلار كىيىمگە ھېچ ئامال قىلالماي ھېچ بولمىسا يالىڭاچ بەدىنىنى پەرىشتىلەردىن يۇشۇرۇش ئۈچۈن دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى بىلەن ئەتمەك بولۇپ دەرەخلەرگە ئىلتىجا قىلدى . لېكىن ئۇلار ئاللاھقا ئاسىي بولغان بەندىگە ئاشكارا ياردەمدە بولۇپ شاپائەت قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتىشتى .  ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچچىقلىنىشى ۋە ئىنتايىن خىجىل بولۇشى  ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يىغا زارە قىلىشلىرى ، لەنىتى ئىبلىسنىڭ ئۇلارنىڭ ھالىغا قاراپ توختىماي كۈلۈشلىرىگە چىدىمىغان ئەنجۈر دەرىخى ئارىدىن ئادەمگە سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىپ ئۆز يۇپۇرماقلىرىدىن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككەيلەن ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يۇپۇرمىقى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى ئېتىۋالدى .


- ئى ئادەم ، مەن ساڭا ئاشۇ دەرەخكە يېقىنلاشماسلىققا ، جەننەتنىڭ باشقا ھەر قانداق جايىدا خالىغانچە تۇرۇشقا تەۋسىيە قىلمىدىممۇ ؟ لېكىن سەن تەۋسىيەرىمگە پەرۋا قىلمىدىڭ . ئەسلى شۇ دەرەخ سېنىڭ تېنىڭدىن ئېلىپ چىقىرىلغان نەرسە بولۇپ ، جەننەتتە قانچە نەرسىلەرنى يېسەك - ئىچسەك سەندىن تەرەت كەلمەيتتى . ئەمدى سېنىڭ قورسۇقۇڭ ئاغرىدى . سەندىن شۇ نەرسە بىلەن بىرگە ئاچچىق ئاداۋەتنى ، كىبىر - ھەسەتنى ئېلىپ تاشلىغانىدۇق . ئەمدى سەن جەننەتكە خاس ئەسلىڭدىن ئۆزگىرىپ كەتتىڭ . ئىلگىرى سەن ئايالىڭ بىلەن قانچە بىرگە بولساڭمۇ بالىلىق بولمايتىڭلار ، ئەمدى بىرگە بولساڭلار ئايالىڭنىڭ بۇيىدا قالىدۇ . جەننەتتە تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈش بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن ۋە يېيىش - چىقىرىش بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمدى سەن جەننەتتىن چۈشۈپ كەتمىسەڭ بولمايدىغان يەرگە يەتتى - دېدى .
ئادەم ئەلەيھىسسالام بۇ رەسۋاچىلىقتىن ئاللاھقا ھېچ بىر ئۆزرە ئېيتىشتەك ئۆزرە تاپالمىدى ۋە پەقەت سۈكۈنات ئىچىدە تۇرماقتىن باشقا ئىلاجى بولمىدى . ئىلگىرى بىر قانچە ۋاقىت شۇنچە ئەزىزلەنگەن ، شانۇ - شۆھرەتلەنگەن ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئەنە شۇ بىر قېتىملىق ۋەسۋەسىلەرگە يولۇقۇش بىلەن شۇنچە چوڭ ئېزىپ جەننەتتىن چۈشۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى .
نۆۋەتتە ئاللاھ تائالا ئىبلىسكە مۇنازىرىلەشكەن ھالدا شۇنداق ئېيتتى : - سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟  
ئىبلىس : - مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ - دېدى .
اﷲ ئېيتتى : - سەن بۇيەردىن چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن - دەپ ئېيتتى .
ئىبلىس شۇ ئارلىقتا جانابى ئاللاھدىن ھاياتىدا تېگىشلىك ئىمتىياز بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە : - ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان مەھشەر كۈنگىچە ھاياتلىقتىن بەھىرلىنىشكە مۆھلەت بەرگىن - دېدى .
اﷲ شۇ ھامان : - ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ - دېدى .
ئىبلىس ئېيتتى : - سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئۇلار ئادەم ۋە ئۇنىڭ نەسلى ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن . ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن .
اﷲ ئېيتتى : - جەننەتتىن ئەيىبلەنگەن ۋە رەھمىتىمدىن مەھرۇم قىلىنغان ھالدا چىق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قوشۇپ، ھەممىڭلار بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى تولدۇرىمەن - دەپ ئېيتتى(1) .
اﷲ ئىبلىسقا قارىتا يەنە شۇنداق ئېيتتى؛ «بارغىن ، ساڭا مەلۇم ۋاقىت شۇ ئىمتىيازىڭ ئىچىدە ھاياتلىقتىن مەلۇم ۋاقىت مۆھلەت بەردىم ، ئۇلاردىن كىمكى ساڭا ئەگىشىدىكەن، جەھەننەم ساڭا ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن تولۇق جازادۇر . ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتالايدىغانلىكى ئادىمىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن قوزغاتقىن، ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ۋە بالىلىرىغا شېرىك بولغىن، ئۇلارغا يالغان ۋەدىلەرنى بەرگىن ، سەن لەنەتكەردى بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ، سەن نېمىلەرنى قىلمىغىن پەقەت باتىللىق بىلەن ئاياقلىشىدۇ . لېكىن شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىم ئۈستىدىن سەن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسەن. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر(2) - دېدى .


شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى بىلەن بىرگە جەننەتتە تۇرغان ۋاقتى ئاياغلاشقان بولدى ھەمدە ئىبلىس لەنىتى مۇمكىنلا بولسا بارلىق بەندىلەرنى ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن ئازدۇرۇشقا ئەنە شۇنىڭدەك قەسەمياد قىلدى . شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئاللاھ تئالا قايسى بىر ياخشىلىقنى بەندىلىرىگە ئىرادە قىلغان بولسا ، ھامان شۇ جايدا توغرىلىقتىن ۋە ھەقىقەتتىن توسۇش ، ھەقىقەتنى ئىچكى جەھەت قەلىبتىن ۋە تاشقى جەھەت ئۆزىنىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ تىللىرى ، قوللىرى ئارقىلىق كىشىلەر تەرىپىدىن باتىل بىلەن ۋە ھەققە قارشى خاتالىق بىلەن توغرىنى ئەگرى كۆرسىتىش ۋە بارا- بارا ھەقنى ناھەق كۆرسىتىش بىلەن تەيىن تاپماقلىقنى توغرا تاپتى . ھەققە قارشى تەيىن تېپىشمۇ ھەم ئۆزگىچە بىر دىننى راسلىغان بىلەن باراۋەردۇركى ، ئىلگىرى ئىبلىس ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن چەكلىنىپ ، ھالىتىدە ئاللاھدىن قالسىلا ئۆزى ئەڭ يۇقۇرى مەرتىۋېلىك ۋە ئەگەر ئاللاھ خالىسا مەلۇم زېمىننى ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىدىغانلىقتەك ئىلاھىيەت مەۋقەسىگە يېتىشنى ئارزۇ قىلغانىدى . ئۇ ئاخىرى مۇرادىغا يەتتىكى ، شۇنىڭدەك ھەققە قارشى لىنىيەدە تۇرۇشمۇ ھەم ئۆزىنىڭ مەلۇم خۇدالىقىنى نامايەن قىلغانلىقى بولاتتى دە ، ئىبلىس تاكى مەھشەر كۈنىگە قارىتا جان تەسلىم قىلغۇچە ئەنە شۇ خىل غەيرىي ئىلاھىيىتى ، غەيرىي مەبۇدلىقى ۋە غەيرىي خۇداچىلىقى بىلەن كىيىنكى كۈنلەردە ئۆزىگە ھەمرا دوزاخ ئەھلىنى روياپقا چىقارماقچى بولغانىدى . شۇ ۋەجىدىن ئاللاھ ئۇنىڭ تىلىكىنى بېرىپ تۇرۇپ ، كىملەركى ئۇنىڭغا ئەگەشسە ئۇلارنى يىغىپ بىرلىكتە دوزاخقا تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بارلىق ساماۋىي كىتابلىرىدا بۇ خىل ئايرىمىچىلىقنى توغرا يوسۇندا ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتتى .
ئاللاھنىڭمۇ ئۆزىگە خاس رەۋىشتە قولى(3) باردۇر . لېكىن ئاللاھ ئوڭغەيدۇر . ئاللاھ مەيلى قانداقلا بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا ئوڭلۇق يۆلۈنۈشى ئاستىدا قىلغۇسىدۇر . شۇڭا بارلىق رىئاللىقتا بولسۇن ، مەۋھۇمدا بولسۇن ، چۈشلەردە بولسۇن ئاللاھنىڭ بىلدۈرىشى ، بەركەت بېرىشى ، بەندىسىنى ھىدايەتكە يېتەكلىشى دەل ئوڭ يۆنۈلۈشنى تۇتقا قىلغان ئاساستا بولىدۇ . لېكىن ئەنە شۇنىڭدەك بەندە ھەر قانداق بىر پەيتتە ئوڭلۇقنى تاللايدىغان ۋاقىتتا شەيتانلار ئۇلارنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ ، مۇمكىن بولسا ئاللاھنىڭ ھەمىشە مۇشۇ خىل رەۋىشتە ئاگاھلاندۇرغان ئوڭلۇقىنى تەرىك ئېتىپ ، سولغا مايىل بولۇشقا ئۈندەپ ۋەسۋەسە قىلىش ئۈچۈن پەيدا بولغۇسىدۇر . شۇڭا ھەر قانداق ئىشتا ئوڭ يۆلۈنۈشلەردىكى يېتەكلىنىش ئاللاھدىندۇر . چۈشنىڭ پاك ۋە ئىشەنچىلىك بولغىنى ھەم ئاللاھدىندۇر . يامان ، قارارسىز چىققىنى شەيتاندىندۇر . شۇڭا تەقۋادارلار بىرەر ئىشتا ئاللاھدىن توغرا - خاتاسىنى ، ياخشى - يامانلىقىنى سوراپ تىلەك تىلىگەندە بولسا ، ئەگەر ئۇ توغرا ھەم ياخشى بولسا ئوڭ يۆلۈنۈشتە ، ئەگەر خاتا ھەم يامان بولسا سول يۆلۈنۈشتە نامايەن بولغۇسىدۇر . چۈنكى ئاللاھ بىزلەرگە توغرا يولنى كۆرسىتىشنى ئۈستىگە ئالغان(4) . ئىبلىس ئەنە شۇنىڭدەك ۋاقىتتا بىزلەرگە ئۆزىنىڭ دىنىنى تېڭىش ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىشتا ئىزنى سورىغان . ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئىزنى ئىجابەت قىلىنغان . لېكىن كىملەركى نەپسىنى تەقۋالىققا كۆندۈرىدىكەن ، ئۇلارنىڭ تاللىشى ھەم ئوڭ يۆلۈنۈشتە تاماملانغۇسىدۇر . كىملەركى ئازغان ئىكەن ، چوقۇمكى سول تەرەپنى تاللىغانلىقتىكى ھاماقەتلىكىدىن بولىدۇ .
ئەھۋال ئەنە شۇنىڭدەك تاماملاندى . شۇڭلاشقا ئىسلام دىنى بارلىق ئىشلاردا ئوڭ تەرەپ باسقۇچىنى راۋا كۆرۈپ كەلگەن ۋە شۇنى تەۋسىيە قىلىپ كەلگەن . چۈنكى ئوڭدا ھەقىقەت بار . ئوڭدا ھىدايەت بار . ئوڭدا بەركەت بار . شۇڭا ھەر ۋاقىت ھېزى بولۇشىمىز كېرەككى(5) ، بارلىق ياخشىلىق ئوڭدىن باشلانغۇسىدۇر ۋە ئوڭدىن تاماملانغۇسىدۇر .
ئىبلىس ئەنە شۇنىڭدەك ھەققە ، توغرىغا قارشى لىنىيەنى تۇتقا قىلغانلىقى ۋە ھەمىشە بىزلەرگە يامانلىقنى تىلەشتە بوشاڭلىق قىلماسلىقىدەك تىرىشچانلىقلىرىغا قارىتا قارشى كۆرەش قىلىشمۇ ؛ بىزلەرنىڭ ئاللاھ ئۆزى ھامىي بولىدىغانكى ۋەدە قىلغان بىر بۆلۈك بەندىچىلىككە كىرگىچە چوقۇم ئالدىنقى جىھاد قىلىش ئوبىكتى ئىچىدىدۇر . ئاۋۋال بىز شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن قۇتۇلالىساق ، ئاندىن ھىدايەت ئاللاھ تەرىپىدىن بىزگە ئېچىلغۇسىدۇر . بارلىق ئىشلاردىكى ھەق ناھەقنى ئايرىغۇچى فۇرقاننى قەلبىمىزگە ئېلىشنىڭ ئۆزى ھىدايەت بولۇپ ، ئەنە شۇ خىل كىشىلەرلا ھەر زامان دەججالىيەتنىڭ پىتنىلىرىدىن ئۆزىنى قوغدىيالىغۇسىدۇر . ئۇنداق بولماي ئانچىكى ئەمەللىرىمىزنى چوڭ ھېسابلىشىپ يۈرسەك ، ئەنە شۇ ھېسابلاشتىكى مەمنۇنىيەت بىزلەرنى غاپىل قىلىپ قويىدۇ دە ، ئەنە شۇ ئىبلىسنىڭ جەننەتتىكى ھالىتىگە ئوخشاش ، تىلىمىزدا توغرىنى ئېيتىدىغان ، لېكىن باشقىلارنى توغرىدا بولۇشقا تەۋسىيە قىلىپ ئۆزىمىزنى توغرا ئىبادىي ھالەتتىن چەتنىتىدىغان ھاماقەتچىلىك پاتقىقىغا سۆرەپ كىرگەن بولىمىز .
بىز ئەگەر تاماق يەۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئوڭ قولىمىز تاماقنىڭ يېغى بىلەن تۇغان ۋاقتىمىزدا ئۇسسۇزلۇقنى سول قولىمىزغا ئالغىنىمىزدا شۇ جايدا بىزلەرنى كۈزىتىپ تۇرغان جىندىن بولغان شەيتانلار شۇ ھامان ئىچىۋېتىشىمىزگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ ، شۇ خىل ئىچىۋېتىشنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ . ئەمما شۇ قولنىڭ ياغلىقىدەك ئۆزرە بىلەن قولىمىزنى ئوڭلۇققا قارىتا غورورىمىزنى ساقلاپ قالماق ئۈچۈن قاچىنى ئوڭ قولىمىزنى ھەم تەككۈزۈش بىلەن قوش قوللاپ ئىچكەن ۋاقتىمىزدا ، شەيتانلار ھەقىقەتەن ئۆزلىرىنىڭ ھېلىتىن بۇيان قىلغان ئىشلىرىنىڭ بىكارچىلىقتا نابۇت بولۇپ كەتكەنلىكىگە ئىچى سىيرىلغان ھالەتتە بىردىن ئايرىلىدۇ . ئەگەر ھەم ئوڭ قولىمىزدا بىر نەرسىنى يەۋاتقان بولۇپ ، دەماللىققا ئۇسسۇزلۇق ئىچكىنىمىزدە ھەم يەۋاتقان نەرسىمىزنى ئوڭ قولىمىزغا ياكى بىر جايغا قويۇپ قيۇپ تۇرۇپ ئاندىن ئۇسسۇزلۇقنى ئوڭ قولىمىز بىلەن تۇتقا قىلغىنىمىزدا ، شۇئان شەيتانلارنىڭ بىزگە بولغان شۇ خىل خىرىسىنى ئۇجۇقتۇرغان بولىمىز . بىز قانچىكى قايسى بىر ئىشلاردا شەيتاننىڭ بىزنى ئازدۇرىشىدىن يىراق مەۋقەلەردە بولساقلا ، ئۇلارنى بىزگە يېقىنلىشىش پۇرسىتىدىن ۋەز كەچتۈرگەن بولىمىز . ھەقىقەتەن توغرىلىقنى تىلىگۈچى بەندىلەردە بىردىن ئۇلارغا تۇرغۇزۇلغان جىن بولىدۇ . ئاللاھنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدىكى بەندىلەردە بولسا مۇسۇلمان جىن بولىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرتىدىكىلەردە بولسا يامان ئازدۇرغۇچى جىنلار بولىدۇ . بىز قانچىكى ھەر تاماقتا بىسمىللاھ بىلەن ۋە ئوڭ قولىمىز بىلەن بولساق ، ئۇ جىنغا قارىتا بىزدە قۇۋۋەت بولمىغان بولىدۇ دە ، ئۇنىڭ ھەمىشە بىز بىلەن بىرگە تۇرىشىغا يول قويمىغان بولىمىز . ھەمدە ئۇنى يېمەكلىك ئىزدەپ باشقا جايلارغا كېتىشكە قىستايمىز . بىز قانچە ئىسلام بۇيرىغان قائىدىلەر بۇيىچە ئىش قىلساقلا ، ھامان بارا - بارا شەيتانى جىنلار ۋە ئىنسانلارنىڭ بىزدىن ئۈمۈدسىزلىنشى بىلەن ، ئەتىراپىمىزدىن ئاستا - ئاستا يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز . شۇڭا شەيتانغا چوقۇنۇپ ( يەنى ئۇ قانداق قىلسا شۇنداق قىلىش ۋە ئۇ نېمىگە بۇيرىسا شۇنى قىلىشتەك ) توغرىدىن خاتالىققا كىرىشىپ ، ئەسلى ئاللاھقا چوقۇنۇپ ئىسلامدا بولۇشتەك لىنىيەدىن چەتنەپ كېتىشىمىزدىن ھەمىشە پەخەس بولىشىمىز لازىم ئۈچۈن ، ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىن كۈزىتىپ ، توغرىغا خاس ئىسلاھ قىلىپ تۇرىشىمىز ، باشقىلارنىڭ مەيلى قوپال بولسۇن ، يۇمشاق بولسۇن بىزلەرگە ئەينەك بولۇپ توغرىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەنلىكىگە يامانلىماسلىقىمىز ، ئۇلاردىن بولسا مەمنۇن بولىشىمىز لازىمدۇر . ئەنە شۇ مەمنۇنىيەت بىزنى ئاخىرى مۆئمىن مۆئمىننىڭ ئەينىكى دېگەنكى ماھىيەتكە ئېلىپ بارغۇسىدۇر . ئەنە شۇنچىلىك بىر توغرىلىق بايان بولغاندا قوپاللىقنىڭ ، ئىلىمدە كەمتۈكلۈكنىڭ ئۆزى شەيتاننىڭ ئارلاشقانلىقى بولۇپ ، ئاشۇ دەل ئۇنىڭ توغرا يولدا ئولتۇرغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر . شۇڭا مەيلى كىملەر بىزلەرگە كىنايە ئارلاش گەپ قىلىپ قالغان بولسىمۇ ئۇلاردىن يامانلىماي ، بەلكى شۇ تاپتا ئۇنىڭ كەيپىياتىنى چۇسلۇققا ئېلىپ مېڭىۋاتقان جىندىن بولغان شەيتاندىن پاناھ تىلىشىمىز لازىمدۇر . ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ بىرەر ھەقنى يەتكۈزىۋاتقاندا شۇنىڭدەك چۇسلۇق كەيپىياتى كېلىۋاتامدۇ يوق ، دىققەت قىلىشىمىز لازىمدۇر . ئەنە شۇنىڭدەك ئېغىر - بېسىقلىق بولغاندىلا ، ئاندىن ئۆز - ئارا ئېيتقان ئىمانىمىزنى ، ھەق دەپ تونىغان ھەقىقىتىمىزنى بىر - بىرلىرىمىزگە تەۋسىيە قىلىشالايدىغان ، سەۋىرنى تەۋسىيە قىلىشالايدىغان ھالەتكە كېلىشالايمىز . ئاللاھ ھەممىمىزگە توغرىنى كۆرۈشكە كۆز ، توغرىنى ئاڭلاشقا قۇلاق ۋە توغرىنى ئېيتىشقا تىل ئاتا قىلسۇن !



(1) [18-12] ئەئراف
(2) [65-62]بەنى ئىسرائىل
(3) قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي اﷲ نىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار اﷲ نىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، اﷲ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر [67] سۈرە زۇمەر
(4) توغرا يول كۆرسىتىشنى اﷲ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا اﷲ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى [9] سۈرە نەھل
(5) سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان - زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى اﷲ نىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر [61] سۈرە يۇنۇس


مەنبە : ئەپسانىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق تورغا ، تور ئارقىلىق بارلىق كىشىلەرگە ئۇمۇمىي ھوقوقدار بولۇشتەك تەئەللۇقات ئىچىگە مەنسۇپ .


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
50382
يازما
78
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
78
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 10:24:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىاقى  زاماندىكى قىسسەسۇل ئەنبىيا كەن بۇ!

UID
11378
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 17:51:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، غۇرۇرىمىزنى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىسۇن

UID
50039
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-28
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 02:54:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ئازدۇرغۇچى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن يىراق قىلغاي .
تىما ئىگىسىنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ زىيادە قىلغاي . (ئامىين)

UID
6367
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2010-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 17:50:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن قىسسەسۇل ئەنبىيانى ئوقۇغاندا ھىس قىلمىغان نوقتىلارنى،بۇ تېمىنى ئوقۇپ ھىس قىلدىم....ئورتاقلىشىپ باقايلى ئەمسە.
پەرىشتىلەر نۇردىن،ئىبلس تۈتۈنسىز ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغان.بۇ ئىككىسنىڭ ئەسلى بىر ئەمەس،ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۇستاز شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىپ بىر يولدا ماڭدى،يەنى ئاللاھنىڭ «ئوڭ يۇلىدا»(ۋاقىتلىق بولسىمۇ).مەنىسى:پەرىشتىلەرگە ئوخشاش ئاللاھدىن ئىلىم تەلەپ قىلىپ تىۋىنەلىسەك،بىزگە ئۇستاز بۇلۇپ  ئىلىم ئاتا قىلالايدىغان شەيئىلەرنى ئاللاھ تاقىتىمىزگە يارىشا قىسمەتلەشتۈرۈپ بىرىدۇ.ئىلىم بەرگۈچىلەر ،بىز بىلەن ئەسلى ئوخشاش تۇپراق بولغان ئادەم بۇلۇشىمۇ ياكى باشقا جانلىق جانسىز شەيئىلەر بۇلۇشىمۇ مۆمكىن.
ئىبلىس بارغانچە تەكەببۇرلىشىپ ئۈزىنىڭ بەندىچىلىكىنى ئۇنۇتقانسىرى ئۇنىڭ تۇتقان يولى «ئوڭ»دىن«سول»غا بۇرۇلۇپ كىتىپ ،ئاقىۋەتتە لەنەتلەندى.
ئەمما پەرىشتىلەر ئۆز بەندىچىلىكىنى ئۇنۇتماستىن«ئوڭ» يولنى تۇتقا قىلىپ مېڭىۋەرگەنلىكتىن،ئاللاھ ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدى،بۇ خىل«ئوڭ»لىقتىن،پەرىشتىلەر ئەڭ ئاخىردا ھەم ئەڭ ئاجىز تۇپراقتىن يارىتىلغان «ئادەم»گىمۇ سەجدە قىلالىدى.
ھاۋا «ئادەمنىڭ» «سول» قوۋرىغسىدىن يارىتىلدى،ئاقىۋەتتە شەيتانغا ھەمكارلىشپ ئادەمنى ئازدۇردى(ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئاللاھىنىڭ شۇ خىل ئىرادىسىمۇ بار،ئەمما سەۋەب-نەتىجە ئەنە ئاشۇنداق ئوڭ-سوللۇق ماھىيەتتە ماسلاشتۇرۇلغان).
ئىبراھىم «ئوڭ» قۇلى بىلەن «بۇت»لارنى پاچاقلاپ،ئاخىردا ئاللاھنىڭ دوستى ئاتالدى.
دىمەك مەيلى ماددى مەيلى مەنىۋى جەھەتتىكى ئوڭ-سوللار بولسۇن ياخشىلىق ھامان ئوڭدا.......

باھا سۆز

ئەپسانە  توغرا تەھلىل قىپسىز . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . يۈز ئامېرىكا دوللىرى بېرىلدى .  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 18:44:38

UID
6367
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2010-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 19:59:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوڭ بىلەن سولنى سۆزلىسەك خېلى جىققكەنغۇ.
مۇساغا تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلىنغان....
مۇسادىن ئوڭ قۇلۇڭدىكى نىمە ئۇ دەپ سورالغان.....
ئىبراھىم ئوڭ قۇلى بىلەن بۇتنى پاچاقلىغان....
كەھىفتىكى يىگىتلەر كۈن چىققاندا غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۈتۈپ كىتىدىغانلىق ھەققىدىكى ئايەتلەر..
قىيامەتتە ياخشىلارنىڭ نامە ئەمەلى ئوڭ قۇلىغا بىرىلىدۇ.....
بالىلارغا ئوڭ قۇلىدا تاماق يىيىشنى ئۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلغان ھەدىس......
مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ دەججال بىلەن ئيسانىڭ مەككىنى ئايلىنۋاتقان ھالەتتە كۆرگەن چۈشى......
دەججالنىڭ ئوڭ قۇلىدا جەننەتنى..سول قۇلىدا دۇزاخنى ئېلىپ كىلىشى..ئۇ دەججال بولغانلىقتىن ئوڭ دىگىنى سولدۇر،سول دىگىنى ئوڭدۇر....جەننەت دىگىنى دۇزاختۇر....
كىمكى يامان چۈش كۆرسە سول تەرىپىگە ئۈچىنى تۈكۈرۋەتسۇن.....دىگەنكى ھەدىس....
قىيامەتتە يامانلارنىڭ ئەمەلى سول تەرپىدىن بىرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئايەتلەر....

UID
52314
يازما
68
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-13 11:42:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-12 19:59
ئوڭ بىلەن سولنى سۆزلىسەك خېلى جىققكەنغۇ.
مۇساغا تۇر تې ...

بارىكاللا ، مانا مۇشىنىڭدەك تەھلىللەرنى ئېيتىشىش بولسا ، ئىلىم تەھسىل قىلىشىش بولىدۇ . تەھسىلنىڭ ئارقىدا كىشىنى پىكىرگە قىستايدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ . پىكىر قىلىش ئىنساننىڭ تونۇشىنى ۋە ئېتىقادىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ . شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا قۇرئاندا پىكىر قىلىدىغان قەۋمدە دەپ بىر قانچە جايدا تىلغا ئالىدۇ . پىكىرلىشىش ئىنتايىن ياخشى خۇلۇق . لېكىن مۇنازىرىدە جاڭجاللىشىش بولسا شەيتانى ئاپەت . ئەنە شۇ جاڭجاللىشىشتا ھەقنى ئىنكار قىلىپ سالىدۇ كىشى .
تېمىنى ئوقۇغانلارنىڭ كۆپىنچىى مانا مۇشىنىڭدەك پىكىر قىلغان بولىشى مۇمكىن . لېكىن مانا مۇشىنىڭدەك بايانلارنى يېزىشتىن ئۆزىنى چەكلەپ قويۇش نۇرغۇنلىغان ساۋاپلاردىن قۇرۇق قالدۇرىدۇ . چۈنكى سىزنىڭ مانا مۇشۇ بايانىڭىزدىن ئىچكىرى پىكىرگە كىرىشىپ بولالمىغانلارغا قارىتا تېخىمۇ ئىلھام كېلىدۇ . ئەنە شۇ ئىلھام سەۋەبلىك يېتىدىغان ساۋابلار ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۇنچە ئاز سانىمايلى . چۈنكى بۈگۈن بىزگە ئانچىكى بولسىمۇ بېرىلگەن مەدەتلەرمۇ ئاجايىپ زور ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلىدۇ . بىز كۆپىنچىمىز ئىلگىرى ئارزۇ بىلەن خىيال سۈرۈپلا ياشاپ كەلدۇق . شۇڭلاشقا ئۇزۇن زامانلار ھېچ بىر ساھەدە ئۇمۇملۇقتا كۆتۈرۈلۈپ بولالمىدۇق . بۈگۈنكى زامانلاردا بىزدە ئۈمۈد شەكىللىنىۋاتىدۇ . ئۈمۈدتىن نەتىجە ھاسىل بولۇشى يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭا باشقىلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا قارىتا مەدەت بېرىش ۋە ئىلھام ئاتا قىلىدىغان قۇرلارنى پۈتۈش بولسىمۇ ، ئۇنى ھەرگىز ئاددىي ھېسابلىغىلى بولمايدۇ .
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن سورىغاندەك مەن سىلەردىن سوراپ باقاي ، ئى كومپىيوتۇرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلار ، قولۇڭلاردا تۇتىۋالغىنىڭلار نېمە ؟ ئۇ خەت ئۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان تاختىغۇ ھە ؟ ئۇمۇ بىر قەلەم . ئۇ قەلەم دەل سىلەرنىڭ ئىلىمدىن بولغان مەۋقەيىڭلار ئۈچۈن يورغۇلايدۇ . سىلەرگە خىتاب قىلالمىساممۇ نىدا قىلىپ شۇنداق ئېيتىپ باقايچۇ : - ئەنە شۇ قولۇڭلاردىكى قەلىمىڭلارنى مەۋقەيىڭلارغا ئاساسلانغان ھالدا تاشلاپ بېقىڭلارچۇ ، قانداقلارچە ھەركەتلىنىدىكىن ؟ ئۇ قانداقلا ھەركەتلەنسە قاچماڭلار ، خاتالىق بولسا تۈزۈتىش كىرگۈزىمىز .

UID
6367
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2010-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-13 13:25:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بايانلار بۇ تىمىدا دىيىلگەندەك:‹شۇڭا بارلىق رىئاللىقتا بولسۇن ، مەۋھۇمدا بولسۇن ، چۈشلەردە بولسۇن ئاللاھنىڭ بىلدۈرىشى ، بەركەت بېرىشى ، بەندىسىنى ھىدايەتكە يېتەكلىشى دەل ئوڭ يۆنۈلۈشنى تۇتقا قىلغان ئاساستا بولىدۇ . لېكىن ئەنە شۇنىڭدەك بەندە ھەر قانداق بىر پەيتتە ئوڭلۇقنى تاللايدىغان ۋاقىتتا شەيتانلار ئۇلارنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ ، مۇمكىن بولسا ئاللاھنىڭ ھەمىشە مۇشۇ خىل رەۋىشتە ئاگاھلاندۇرغان ئوڭلۇقىنى تەرىك ئېتىپ ، سولغا مايىل بولۇشقا ئۈندەپ ۋەسۋەسە قىلىش ئۈچۈن پەيدا بولغۇسىدۇر . شۇڭا ھەر قانداق ئىشتا ئوڭ يۆلۈنۈشلەردىكى يېتەكلىنىش ئاللاھدىندۇر ›

بۇ بايانلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ،ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىكى يۇلۇققان تاللاشلارغا قارىتا قوللىنىش ئېلىپ بېرىپ ،مۇسا كەبى قۇلىمىزدىكى ھاسسىمىزنى تاشلاپ باقايلى،ئەپسانە دىگەندەك  يورغىلاپ يىلانغا ئايلىنامدۇ ياكى قانداق نىمىگە....بەك قورقىتىۋەتسە مۇساغا ئوخشاش تۇتۇۋالارمىز.....
ئەمسە باشلايلى!!!!!
سىز سەدىقە قىلىش ئۈچۈن كۇچىغا چىققىنىڭىزدا،بىر نەچچە تىلەمچىگە ئۇچىراپ قالدىڭىز،ئەمما سىز ئەڭ قىينچىلىقى بارىنى ياكى ھەقىقى تىلەمچىنى جەزىملەشتۈرۈشتە قينىلىپ قالدىڭىز...سىز دەل شۇ  مەۋقەيىڭىز بۇيىچە ئالدىڭىزنى قىلىپ تۇرغان يۈنىلىشتە.....ئاللاھ ئوڭنى ياخشلىققا خاس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئوڭ تەرىپىڭىزدىكى تىلەمچىنى تاللاپ سەدىقە قىلىڭ.....
سىز بىر ئاشخانىدا تاماق يىمەكچى....ئەگەردە ئېىنق بىلسىڭىز ئۇدۇل شۇنىڭغا كىرىپ تاماق يەيسىز...ئەگەر قاتار تۇرغان ئاشخانىلاردىن قايسىنىڭ تامىقى پاكىز،يىيشلىك ئىكەنلىكىنى تاللاشتا ھەم...ئوڭدىكىنى تاللاڭ(ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنڭكى سىز دەل  ئاللاھنىڭ ئوڭنى ياخشىلىققا خاس قىلىغانكى ئىرادىسى بۇيىچە شۇ ئاشخانىغا كىرگەن بولسىڭىزلا..يىگەن تامىقىڭىز گەرچە تىلغا تېتىمىغاندەك تۇيۇلغان بىلەن..ياكى تاماق يىگەچ مەلۇم بىر ياخشىلىققا،مەلۇم بىر ساۋاققا ئۇچىرايسىز،ياكى كىينلىكىتە شۇخىل تاللىشىڭىزنىڭ توغرىلىقىنى ھىس قىلىسىز،ئەڭ بولمىغاندىمۇ قىيامەتتە ئاللاھ دەل شۇ تاللىشىڭىز ئۈچۈن ئەجرىڭىزنى بەرگۈسى)
سىز ئىستىخار نامىزىنى ئوقۇپ بىشارەت ئېلىشتا چۈشىڭىزدە ئايان بولغان ئوڭ-سول يۈنىلىشلەرگە دىققەت قىلىپ قىلىش-قىلىماسلىقىنى بىكىتىڭ.....
ئۇندىن باشقا كىشلەرگە قارىتا مۇئامىلە قىلىشتا ھەم...دەل شۇ تاللاش ۋە قانداق قىلىش-قىلماسلىقلارغا قارىتا ئوڭ تەرىپىڭىزدىكى كىشلەرگە ياخىشلىقتىن،سول تەرىپىڭىزدە پەيدا بولغان كىشلەرگە نىسبەتەن يامانلىقتىن بىشارەت ئالغان ئاساستا ئاللاغا ئىقبال قىلىپ تۇرۇپ،شۇ كىشلەرنى تاللاڭ،شۇ كىشلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ...
ئوڭ قوشىنىمىز،سول قوشنىمىز،ئوڭ تەرەپتىكى يول سول تەرەپتىكى يول،ئوڭ تەرەپتىكى ئۇرۇن(قاتناش ۋاستىسدا)،سول تەرەپتىكى ئۇرۇن....دىمەك بۇخىل ئوڭ-سوللار ناھايتى كۆپ...
ئەگەر يۇقارقى بايانلىرىمنى كۈرۈپ..بەزىلەر بەك خۇراپيىدەك...بەك زىغىرلاپ كەتكەندەك تۇيۇلسا،ئىسڭىزدە بولسۇنكى:
‹ يالغۇز اﷲ تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. اﷲ تىن باشقا مەبۇدلار تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار خۇش بولۇپ كېتىدۇ [45]زۇمەر
بۇ بايانلاردىن ئىچىڭىز سىقىلۋاتامدۇ ياكى يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىڭىزنى تېپىۋالغاندەك تۇيغۇغا كەلدىڭىزمۇ قەلبىىڭىزنى تىڭشاپ بېقىڭ....
ئەگەر مۇساغا ئوخشاش تاشلىغان بۇ ‹ھاسام›...
يەنى:« ھاساڭنى تاشلىغىن!» مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، كەينىگە (يەنى قورققىنىدىن ئەجدىھاغا) قارىيالمىدى. (اﷲ ئېيتتى) «ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە قورقمايدۇ [10].نەمل
قورقۇنۇشلۇق بۇلۇپ كەتكەن بولسا قورقىمغايسىزلەر...خاتا تاشلىنىپ قالغان بولسا تۇتۇۋېلىپ تۈزىتىش بەرگەيسىزلەر.....
بۇ خىل تاللاشلار ماددى جەھەتتىن ھەم مەنىۋى جەھەتتىنمۇ(چۈشلەردىكى ئوڭ-سوللۇقلار) مەۋجۇت...يەنە قايسلىرى بار؟ تورداشلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
..................................................

UID
52314
يازما
68
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 12:42:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان - زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى اﷲ نىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر (1)

ئاللاھ تائالانىڭ مانا مۇشىنىڭدەك ھەر ۋاقىت بىز بىلەن بىرگە تۇرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ ئايەتتىكى << بىز >> قوشۇمچىلىرى پەرىشتىلەر ۋە مالائىكىلەرنىڭ ھازىر ئىكەنلىكىگە چوقۇمكى شەكسىز ئىشەنگەن كىشىدە ھەر ۋاقىت ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلالايدىغان ، بەزىدە نەپسىنىڭ ئانچىكى خۇشلىقىغا ئەگىشىپ بەزى ناچار دىيىلىۋاتقان خىيال ۋە ئىشلارغا كىرىشىپ قالغاندا بولسا ، چوقۇمكى ئۇنىڭدىن ئۆزىگە زۇلۇم قىلىۋېلىشتىن ئىلگىرى چاپسان قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ .
ئاللاھ بىزگە ئەنە شۇنىڭدەك ۋەدىلەرنى بەرگەن . بىز مەيلى قانداق بىر ئىشقا دۇچار بولمايلى ۋە چىقىش يولىدا ئىزدىنىش قىلمايلى ، چوقۇمكى ھەر ۋاقىت توغرا يول كۆرسۈتۈشنى ئۈستىگە ئالغان جانابى ئاللاھ بىزلەرگە شۇ ئىشىمىزدا قانداق يول تۇتىشىمىز ، نېمىلەرنى تاللىشىمىزنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىشىمىز لازىمدۇر ۋە ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ ئۆزىمىزگە قايسى تەرەپتىن توغرىلىقنى ، نەق جاۋابنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم . قەلبىمىزنى ھەمىشە پاك تۇتساقلا ۋە ئاللاھنىڭ روھىيەت جەھەتتىن بەندىلىرىگە مەلۇم ئىشارىلەرنى قىلىدىغانلىقىغا جەزىملەشتۈرسەكلا ھەمدە ئاللاھنىڭ داۋاملىق ئوڭ يۆنۈلشتە تەدبىر ئېلىشىمىزغا تەۋسىيە قىلغىنىغا قارىتا ئىش تۇتساقلا ، چوقۇمكى ھەر ۋاقىت بىزلەرنىڭ نېمىلەرگە مۇھتاجلىقىمىزنى تونۇپ يېتىمىز .
مىسالەن ئېيتايلۇق ، سىز ئەگەر بىر ئىشنى قىلىش - قىلماسلىققا تازا تاللاشتا بولالمايۋاتقىنىڭىزدا ئەتىراپىڭىزغا قارايسىز . ياكى بىرەرى سىز بىلەن كۆرۈشۈپ سىزنى شۇنىڭدىن توسۇپ قالىدۇ ياكى توسۇشقا تېگىشلىك سۆز- ھەركەتلەرنى قىلىدۇ . ئەنە شۇ سۆز - ھەركەت سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى سىزنى شۇ تەرەپكە ئۈندەۋاتقان مەدەتنى كۈچلەندۈرىدۇ . ياكى ھېچ كىشى كەلمەيدۇ . لېكىن سىز چوقۇم يەنە نەق جاۋابقا ئېرىشىشنى ئۈمۈد قىلىڭ . قارىسىڭىز كۆزىڭىزگە قۇرئان ياكى ھەدىس چىرايلىق كۆرسىتىلدى ياكى يادىڭىزغا شۇنىڭدىن جاۋاب تېپىش كەلدى . شۇنىڭ بىلەن سائەتكە قارىدىڭىز . سائىتىڭىز بەشتىن يىگىرمە ئۆتۈپتۇ . سىز دەررۇ جاۋابنى قۇرئاننىڭ بەشىنچى سۈرىسى ، يىگىرمىنچى ئايىتىگە كۆز ئالدۇرۇڭ . ياكى ھەدىس كىتابىنى كۆرگەن بولسىڭىز ياكى بەشىنچى بەتتىن ياكى بەشىنچى ھەدىستىن ۋە ياكى يىگىرمىنچى بەت ياكى يىگىرمىنچى ھەدىستىن بىشارەت ئېلىڭ . پەقەت بولمىسا بەشنى يىگىرمىگە قۇشۇپ تۇرۇپ يىگىرمە بەشىنچى ھەدىس ياكى بەتتىن ئىزدەڭ . ئىش قىلىپ سىز بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولغىنىڭىزدا چوقۇمكى سىزنىڭ ئەتىراپىڭىزدا ئاللاھنىڭ سىزنىڭ قايسىنى تاللاشتا پىكىر قىلىشىڭىزغا قارىتا ۋە قەلبىڭىزنىڭ تازا تەسكىن تاپىدىغانغا قارىتا توغرا جاۋاب چىققان بولىدۇ . ئەنە شۇ جاۋابلارنىڭ ھەممىسى ئەگەر توغرا لىنىيە ئىچىدىلا بولىدىكەن ، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىزگە بىلدۈرۈشنى ئىرادە قىلغان ئىلمىسى ، شۇ يولدىن سىز نېمىلەرگە ئېرىشمەڭ ، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىزگە ئاڭلاتماقچى ، كۆرسەتمەكچى ، بىلدۈرمەكچى بولغان نەرسىلىرىدۇر .
بۇ خىل لىنىيەدە بولۇشتا دەسلەپتە بىرىنچى قەدەمدىكى باسقۇچنى تاپماق سەل قىيىنغا چۈشكەندەك ياكى چۈشىدىغاندەك قىلىدۇ . لېكىن بىرىنچى قەدەمنى بېسىۋالدىڭىزلا كىيىنكى قەدەملەر ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ كېتىدۇ . ئەگەر سىز ئەنە شۇنىڭدەك ماھىيەت ئىچىدە تەقدىرىڭىزنى توغرا تاللىيالىسىڭىزلا ۋە ئەنە شۇ يولدا كەچكۈدەك نەرسىلەردىن كېچىش ، ئالغۇدەك نەرسىلەرنى ئېلىشتا يەنىلا ئەنە شۇ خىل تاللاشتا بولالىسىڭىز ھەمدە ئەنە شۇ لىنىيەدە ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاتا قىلغۇچى ئىلاھ يوق ، ئاللاھدىن باشقا ئىلىم بەرگۈچى ، توغرا يول كۆرسەتكۈچى ، ھەقىقەت ئىزدەشتە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد يوق دېگەن ئېتىقاد بولسا ۋە شۇ دىنىي ئىمتىيازىڭىزنى ساقلىغان ھالدا بېشىڭىزغا قانداقلا مۈشكىلاتلار كەلمىسۇن بەرداشلىق بېرىش بىلەن داۋاملىق ئىچكىرلەپ كىرسىڭىز ، سىز ئاللاھنىڭ توغرا يولىدا بولغان بولىسىز . ئەنە شۇ ۋاقىت سىزنىڭ ھەمىشە ئاللاھنىڭ قوغدىشى ، ئاسرىشى ئاستىدىكى ھامىيلىقىدا بولغان ۋاقتىڭىزدۇر . شۇ لىنىيەدىكى ئىقباللار دەل سىزنىڭ ئاللاھدىن سۇئال سورىغان ، بىرەر ئىشتا ئاللاھ بىلەن مۇڭدىشىۋاتقان ، ئاللاھ بىلەن ئەھدىلىشىۋاتقان ۋاقتىڭىزدۇر . ئەنە شۇ خىل ھاياتىڭىز قانچە ۋاقىت داۋاملىشىدىكەن ، سىزگە قانداقلا بىر قىسمەتلەر تەقدىر قىلىنىدىكەن ، بۇ ئاللاھدىن دىيەلەيدىغان ۋە ئەنە شۇ دىيىلگەنكى ھۆكمىڭىزدە ھېچ شەك قىلماسلىقتەك ئېتىقادتا تۇرالايدىغان ۋاقتىڭىزدۇر .
لېكىن بۇنىڭدەك لىنىيەدە ماڭالايدىغانلار ئىنتايىن ئاز . مانا بۇ لىنىيە ئەھلى مۆئمىن بىلەن ئەھلى مۇناپىقنى ، ياكى ئەھلى دىندار بىلەن ياسالمىلارنى شىددەت بىلەن ئايرىيدىغان تارازىدۇر . چۈنكى يالغانچىلار بۇ يولدا مېڭىشتا ئاللاھقا ئەھدە قىلىدۇ ، ئەمما نەپسىگە تۇرامدۇ ياكى ئەھدىگىمۇ دەپ قارار قىلىنىدىغان ۋاقىتتا ، ئۇلار ئەھدىدىن يېنىۋېلىپ نەپسىگە تۇرىدۇ دە ، ئەنە شۇ ۋاقىت ئۇلارنىڭ بۇ لىنىيەدىن چىقىپ كەتكەنلىكنى تىلىگەنلىكىدۇر . شۇڭا بۇ خىل لىنىيەگە دىندا تازا تولۇقلانمىغانلارنى سېلىش ، ئۇلارنىڭ بالدۇرلا ھالاك بولۇشىنى تىلىگەن بىلەن ئوخشاشتۇر . ئاللاھ  : { شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن توسقانلار، ئاندىن كاپىر پىتى ئۆلگەنلەرنى اﷲ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ(2) } ئېيتقاندەك ، ئەنە شۇ خىل لىنىيەگە ئاۋۋال كىرىش ، كىرگەندىن كىيىنكى ئىماندىن يېنىۋېلىپ كاپىر بولۇشنى كۆزدە تۇتىدۇ ۋە باشقىلارنى شۇنىڭدەك لىنىيەدىن چىقىپ كېتىشنى تىلەشمۇ ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك ئەھۋالدا دۇنيادىن كەتكەنلەرنىڭ ھالى ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر . يەنە ئاللاھ شۇنداق ئېيتىدۇ : { ئەھلى كىتاب ( يەنى ئىلگىرى توغرا يولدا بولغانلار ) دىن كاپىر بولغانلار ۋە مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن ئايرىلغۇچى بولمىدى(3) }
ئىلگىرىدىن دىندىكى ئەسلى توغرىلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە مەخپىي ئىدى . ھەتتا بۇ خىل لىنىيەنى ئەسلى شۇنىڭدەك لىنىيەدە مېڭىۋاتقانلارمۇ بىلىشمەيتتى . شۇڭا ئۇلار گاھىدا شۇنىڭدەك قورغانغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ ، گاھىدا چىقىپ كېتىش بىلەن قانداق قىلىپ كاپىر بولۇشۇپ قېلىشقانلىقىنى بىلىشمەي يۈرەتتى . كىشى ئەنە شۇ خىل قورغاندىكى ۋاقتىدا قەلىب ئىنتايىن كۈچلۈك نۇرغا تولۇپ ، قەلىب ئىنتايىن ئىللىق سېزىمغا كېلەتتى . كىملەركى بۇ خىل قورغاندىن چىقىپلا كەتسە ھېلىقى نۇر شۇ كۈنىنىڭ ئەسىر نامىزىدىن كىيىن يوقايتتى ۋە ئۇنىڭ قەلبىدىكى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا قارىشىدىكى بىر خىل ئىللىقلىق ئۇنىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى . بۇنى ئۇ كىشى ئۆزىمۇ ۋە يېنىدا ئۇنى كۈزىتىپ تۇرغانلار ۋە يولدا ئۇنى كۆرگەنلەرمۇ ھىسسىيلىك قىممىتىگە ئىگە بولسىلا بىلەلەيدۇ . كىشىنىڭ ئەنە شۇ ھالىتى دەل ئاللاھنىڭ ھەمىشە ئۇنى قوغداپ تۇرغانكى ھامىيلىقى ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ھەمدە بۇنىڭدەك قېلىپقا  بەندىنى ۋە شەيئىنى ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ ۋە مەبۇد قىلىۋالغان مۇشرىكلار ( گەرچە ئۇ موللا - بۈۋى بولغان تەقدىردىمۇ ، ئىنتايىن ئالىي ئىلىملەرگە ئىگە بولسىمۇ .... ) سېزىپ باقمىغان بولۇپ ، بۇنىڭدەكلەر مەيلى قايسى شۇ خىل لىنىيەدىكى كىشىلەرگە تەگمىسۇن ياكى نىكلاھىغا ئالمىسۇن ، ئۇلار چوقۇمكى ھەمىشە قارشى تەرەپنى شۇ خىل لىنىيەدىن باشقىغا ، قورغاندىن چىقىپ كېتىشكە قىستايدۇ . مانا بۇ مۆئمىننىڭ ئەھلى دۈشمىنى . شۇڭا ئاللاھ مۆئمىنلەرگە سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئارىسىدىمۇ سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلىدىغانلار بار دەپ ئېيتقىنىدۇر . بىز مىللەتتە تا بۈگۈنگىچە بۇنىڭدەك كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ ، ئىنتايىن كۆپ . شۇڭلاشقا كىشى بۈگۈنلۈكتە ئۆيلىنىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى .
تەقۋالىقنى چۈشەنمىگەن كىشى قانداقمۇ تەقۋالىققا ياردەملىشىپ بېرەلىسۇن دەيسىز ؟ شۇ خىل لىنىيە قورغىنىنىڭ بارلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ئەسلى توغرا يول ۋە تەقۋالىق لىنىيەسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن ۋە ھېچ جەزىم قىلمىغانلار قانداقمۇ ئېرىگە ياكى ئايالىغا ياردەمچى بولالىسۇن ؟ ئاللاھ بىزلەرنى تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار دېگەن ئەمەسمىدى . بۈگۈن ھەتتا ئانچىكى ئىقتىسادقا توختۇلۇپ قالىدىغان ئىشلاردا نۇرغۇنلىغان ئاياللار غودۇراپ ، ئەرلىرىنىڭ ئىلگىرى شۇ تەرەپلىك قىلغان ئەھدىسىدىن يېنىۋېلىشقا قۇترىتىدۇ . مانا بۇ ئەڭ يېقىنكى شەيتان . مىكىجىنلا كۆرىنىدىغۇ بۇلار كۆزۈمگە . تەقۋادارلارنىڭ بىرەسىنىڭ ئاياللىرىنىڭ تەقۋالىققا ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم ۋە كۆرۈپ باقمىدىم . ساپلا كۇفرىغىلا قىستايدىغان بۈۋىلە . ئەرگە يا ئىتائەت قىلىشنى بىلمىگەن ياكى بىلسىمۇ ئىتائەت قىلمىغان . شۇنداق رەزگىلىشىپ كەتتىغۇ تاڭ بۇلار .....  سەل چېچىلىپ قالدىم ھە . ئۆزەمنى توختىتىۋالاي .

شۇنداق قىلىپ گىپىمىز قەيەرگە كەلگەنتا ؟ تەقۋالىق لىباسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى توغرىسىدا ئىدى ھە . نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز تەقۋالىقنى تاشقى لىباسقا نىسبەت بېرىدۇ . ئاللاھ كىيىۋالغىنىڭغا قارىمايدۇ . ئاغزىڭدا ئېيتىۋالغىنىڭغا قارىمايدۇ . قەلبىڭگە ۋە ئەسلى ۋاقتىدا ئىشلىگەن ئەقىدەڭگە ، ئەمەلىي نەتىجەڭگە قارايدۇ . بۇ قاراش دەل ئەنە شۇ خىل لىنىيە ئۈستىدىكىلەرگە ، قورغانى ئىچىدىكىلەرگە خاستۇر . بۇلار ئىنتايىن ئازدۇر ھەي . بۇلار روھىيىتىگە ئاساسلانغانلىقتىن ، زېمىندىكى ئىنساندىن بولغان پەرىشتىلەردۇر . زالىملار نەپسىگە باققانلىقى سەۋەبلىك زېمىندىكى ئىنساندىن بولغان ھايۋاناتلاردۇر . ئاللاھ كاپىرلارنى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر سانىدى . چۈنكى ئېشەك چېغىدا پۇتى كىرگەن كۆۋرۈككە قايتا قەدەم باسمايدۇ . لېكىن بۇلار يەنە ھېلىقى قورغاندا كىرىدۇ ۋە يەنە چىقىپ كېتىپ كاپىر بولۇشىدۇ . يەنە كىرىدۇ ۋە يەنە چىقىپ كېتىپ كاپىر بولۇشىدۇ . ئاخىرى بىر زاماننىڭ ئاياقلىشىش ھارپىسىدا باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن قالىنىپ ئوتۇن بولۇشقىلا يارايدۇ . شۇڭا ئى قەۋمىمىز ، كۇفرىلىقتا ئۇنچە ھەددىدىمىزدىن ئاشمايلى ! جاھىللىقتا ئۇنچە تەرسالاشمايلى ! جەمىيەتنىڭ ئاچچىقى بىزنىڭ دىنغا بولغان مەۋقەيىمىزگە تەسىر كۆرسەتمىسۇن . بولمىسا ئەنە شۇ ئاچچىقتىن نۇرغۇنلىغان ھەقىقەتكە ئىشەنمەيدىغان ھەتتا ئۇنى يالغانغا چىقىرىدىغان ، ھەقنى تەۋسىيە قىلغۇچىلارنى يامان كۆرىدىغانلاردىن بولۇشۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ قانداق قىلىپ كاپىر بولۇشۇپ قالغانلىقىمىزنى تۇيماي قېلىشىمىز .





(1) سۈرە يۇنۇس [61]
(2) سۈرە مۇھەممەد [34]
(3) سۈرە بەييىنە [1]

UID
4532
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
573
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 16:31:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى مەزمۇننى يوللاپسىز،دىمىسىمۇ ئوڭ ۋە سولنى ئايرىش بەكلا مۇھىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش