كۆرۈش: 970|ئىنكاس: 12

مېنىڭ ھېكايەم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
54430
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 17:12:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىمگە كېلىپ ئەتراپىمغا قارىسام قاراڭغۇ چۇشۇپتۇ ،ئەتراپىمدا ئادەممۇ يوق.نەچچىلىك ۋاقىت ئولتۇردۇم ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.ئېغىر بەدىنىمنى خۇددى چاپلىشىپ قالغان يېلىمدىن ئاجراتقاندەك تەستە ئورنۇمدىن تۇردۇم.ئىلگىرى شۇنچە يىنىك تۇيۇلىدىغان ئايىقىممۇ شۇنچە ئېغىر تۇيۇلۇپ قەدەممۇ ئالالمايتتىم.يولنىڭ ياقىسىغا ياتقۇزۇپ قويۇلغان سىتولبىنىڭ يېنىغا ئېغىر قەدەملىىرىمنى تەستە يوتكەپ كېلىپ ئولتۇرىۋېلىپ ئەتراپىمغا غۇۋالاشقان كۆزۈمنى يۈگۈرتتۇم،«مەن بۇ خالتا كوچىدا خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپتىمەندە». كاللام قۇپقۇرۇخلا بوپقالدى.نىمەئويلاۋاتىمەن،نىمەئويلىشىم كېرەك،قانداق قىلىشىم كېرەك دىگەن سۇئاللارنى ئويلىدىم يۇ.................
يولنىڭ ئۇچېتىدە مەن تەرەپكە يۈزلىنىپ تۇرغان بىرسايىنى كۆدۈم لېكىن شۇنچە كۈچەپمۇ ئېنىخ كۆرەلمىدىم..ئەمما ئۇ چوقۇم ئەرشىدىن .تۇرقى،تۇرىشى شۇ ئىدى.مەن يەنە بىردەم ئولتۇراي ئۇ يەنە دەيدىغان گېپىنى تۇگەتمىگەن چالىسى قالغان بولسا دەي دەپ كەلگەندۇدەپ ئويلىدىم.لېكىن ئۇ مىدىرلىماي تۇراتتى.بارغانسىرى قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى.مەن قايتىشنى ئويلىدىم لېكىن شۇ ئېغىر بەدىنىمنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇدەك ماغدۇرۇم قالمىغاندەك بەدىنىم بارغانسىرى ئېغىرلىشاتتى.

ئۇھ-!!!!!!!!كەچنىڭ نەملەشكەن ئەمما سوغۇق مۇدھىش ھاۋاسىدىن چوڭقۇر بىرنى تىنىپ خېلىى يېنىكلەپ ،ئىچىم ئېچىلغاندەك بوپقالدىم.شۇ تاپتا مۇزدەك سۇ ئىچسەم تېىخىمۇ يەڭگىللەپ قالىدىغاندەك بىلىندى .يېقىن ئەتراپتا دۇكان بار يوقلىقىنى ئەسلىدىم يوق ئىدى .قانداخلا بولمىسۇن بۇ يەردىن كېتىشىم كېرەك .ھېلىقى سايە بار تەرەپكە قارىسام ئۇ شۇ تۇرغان جايىدا تۇرۇپتۇ.ئۇ تەرەپكە ماڭماي قارشى تەرەپكە ماڭاي دەپ قارشى تەرەپكە قارىدىم ھەقىقەتەن شۇ تەرەپكە ماڭسام بولغۇدەك يېقىنكەن .شۇنداق قىلىپ سول تەرىپىمگە مېڭىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم .يول چىراقلىرى ياندى دىمەك سائەت 6:30بوپتۇ .شۇ چوڭ يولغا چىقساملا ماشىنا توسۇپ ئۆيگە قايتاي دىگەن خىيال بىلەن ئېغىر قەدىمىمنى يۆتكىدىم تەستە مېڭىپ چوڭ يولغا چىقتىم تاكسى كۆرۈنمەيتتى ،يولنىڭ بويىدىكى گۈللۈكتە ئولتۇراي ماشىنا كەپ قالاردەپ گۈللۈك تەرەپكە ماڭغاچ قارشى تەرەپتىكى سايىگە قارىدىم يوق كېتىپتۇ .

ئولتۇراي دىيىشىمگىلا بىر تاكسى كەلدى توسۇپ ماشىنىغا چىقىۋىتىپ سايە تەرەپكە يەنە قارىدىم بىرى كېلىۋاتقاندەك كۆرۈندى مېڭىشى يەنىلا شۇ ئەرشىدىننىڭ مېڭىشىغا ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى.مەن ئىختىيارسىز ماشىندىن چۈشۈپ قالاي دىدىم لېكىن ئەمدى نىمىشقا چۈشىمەن،نىمىشقا ئۇنىڭغا تاتىشىمەن بايام ماڭا دىگەنلىرى چاخ-چاخ ئەمەس دەپ بېشىمنى سىلكىۋىتىپ ماشىنىغا چىقىپ ئېشىكنى يېپىپلا قايتا قارىمىدىم. ماشىنا قوزغالدى شوپۇر خەنزۇچە نەگە بارىدىغىنىمنى سورىدى مەن كاڭدا دىگەن گەپنى ئارانلا دىيەلىدىم دەپ بولۇپلا ئىچىم ئۆرتىنىپ ئاچچىق يىغا باستى .ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتم .ئارىلىق بىر كوچا كەلگەچ تېزلا ئۆيۇمنىڭ ئالدىغا كېلىپ قادىم پۇلنى بېرىپلا ماشىندىن چۇشۇپ كەتتىم بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندە كەينى تەرىپىمدىن ئىنىمىنىڭ چاقىرغىننىنى ئاڭلىدىم ئىنىم كېلىپ« قايتقان پۇلىڭىزنى ئالماپسىز شوپۇر ۋاقىرىسا پۇل مەنىگەن ئوخشايدۇ دىسەم ئەللىك يۇەن بەگەن قايتۇرغىچە كەتتى دەپ جىقلا پۇل بەدى لازىم بولمىسا ماڭا بەمەي نىمە خەنزۇغا تاشلاپ بېرىسىز» دەپ ئەكىلىگەندەك قىلىپ پۇلى سۇندى .«بولدى خەجلەڭ »دەپ ئۆيگە چىقىپ كەتتىم.بەشىنچى قەۋەتكە بەك تەستە چىقىپ ئۆيگە كىردىم ئاپام قاپاقلىرىنى تۈرۇپ تۇرۇپ نەگە بادىڭ؟؟؟؟دېدى مەن خۇددى ئاڭلىمىغاندەك ھوجرامغا كىرىپ ئېشىكنى يېپىۋالدىم ئاپاممۇ كىرمىدى ،سومكامنى بىر ياقىغا تاشلاپ ئۆزۈمنى كاۋاتقا ئاتتىم ،شۇ تاپتا ئىچىم بوشلا ئىدى يېتىپ ئەرشىدىننىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى يۇزۇمگە سانجىپ كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ دىگەن گەپلىرىنى ئويلىدىم.

   

كەينى بار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-7 12:25  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
50382
يازما
78
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
78
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 10:29:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ،بىچارە بايقۇش،شۇندا قىلىپ رامىزاندا «مۇھەببەت»تىڭىز نى تاشلاپ پوچىلىق قىلدىڭىز!!


راس شور پىشانە بولۇشقا  لايىق كەنسىز!

UID
48034
يازما
82
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
82
تىزىملاتقان
2013-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 23:23:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ ، داۋامىنى تىزراق يوللاڭە .

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
193
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
4453
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-9
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 17:32:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، شۇنداق ياخشى بىر ھىكاينى ئۇقۇغۇدەكمىزدە ،ئاخىرنى ساقلايمەن .

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

UID
53829
يازما
109
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
109
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
65 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 18:58:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىكەندە؟

تىرىشچان ئەزا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر

UID
13878
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1013
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 21:02:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىنى  كەينى  .تىزراق كۆرسىتىڭا كەينىنى.

كۆيۈمچان ئەزا

پۇل تاپقىچە -دوس

UID
2181
يازما
332
تېما
33
نادىر
0
جۇغلانما
11003
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-13
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 21:45:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە كىرىپلا ھېكايىدىن بىرنى يوللاپسىز ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر .

UID
53888
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2013-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 21:33:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى يېزىۋىتىڭە يەڭگىللەپ قالسىز!

UID
8075
يازما
57
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1197
تىزىملاتقان
2010-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
53 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 16:15:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكاينىڭ بېشنى يوللاپ قۇيۇپلا يۇقاپ كىتىش مودا بولغان ئوخشىمامدۇ ؟ ياكى ئۆزىنى ئەتۋاغا سالغىنمۇ بۇ ؟

UID
54205
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2013-2-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 20:43:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايرىلش ئازابىدا ئاغرىپ يېتىپ قالمىغانسىز ھە. ھىكايىڭىزنىڭ ئاخرىنى يىزىۋتەسىڭىز ئازابىڭىزمۇ يىنىكلەپ قالار  ئىدى بەلكىم........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش