- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2
- تىزىملاتقان
- 2013-8-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-6
- UID
- 54120
- يازما
- 2
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2
- تىزىملاتقان
- 2013-8-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-6
- توردا
- 0 سائەت
|
ئۇستازىم ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمغا
ئاپتورى :چىندىل
بىھەمدىللاھ سالام ئۇستاز سىنىڭ بىرلەن زامانداش بىز
سىنىڭ پەرۋىشلىرىڭ بىرلەن يىتىلگەن غۇنچەدەك ياش بىز
سىنىڭ بىزلەرگە ئەجرىڭ كۆپ مىنىڭدىن ساڭا بىر نەزمە
بۇ نەزمەم ئۆزرە پۈتكۈل ئەل دۇئالاردا تىلەكداش بىز
ئىلىمگە ئىشتىياق ئەيلەپ مۇشەققەتنى يىڭىپ كەلدىڭ
ئۇلۇق ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئاراسىنى چىتىپ كەلدىڭ
ئىلىم ئىرپان گۈناھ بولغان زامانلاردا ئوقۇپ تەۋھىد
قاراڭغۇنى يورۇتماققا قۇياش بوپ سەن چىقىپ كەلدىڭ
كۆچۈردۈڭ دىننى قەلبىڭگە كىتاپنى ئوتقا سالغاندا
ئىلىمگە ئاشىنا بولدۇڭ ئىلىم دۈشمەن ئاتالغاندا
ئۆچۈرمەي چوغنى چىڭ تۇتتۇڭ ئازاپ جانغا قادالغاندا
كالامۇللانى ياندۇردۇڭ جاھان زۇلمەتتە قالغاندا
خۇدانىڭ دىينىغا ھامى بولۇپ ئۆمرۈڭنى ئۆتكۈزدۈڭ
ئانا تىل بىرلە قۇرئاننى ئاۋام قەلبىگە يەتكۈزدۈڭ
يەنە تەپسىر ھەدىس بىرلە گۈزەل دۇررى مۇنەززەد دىن
ئىلىمگە چاڭقىغان ئەلنى باھاردا سەيلە ئەتكۈزدۈڭ
ئۇلۇق مەھمۇدقا بوپ ۋارىس بۈيۈك قامۇس تۈزۈپ بەردىڭ
بىلىم ئىشقىدا يانغانغا ئىلىمدىن كان قىزىپ بەردىڭ
بۇخارىدىن تىزىپ جەۋھەر ئىلىم ئۆچكەن زامانلاردا
ھىدايەت ئىزلىگەنلەرگە نىشان بەلگۈ سىزىپ بەردىڭ
سىناقلاردىن ئۆتۈپ ئۆمرۈڭ بۈگۈن ئەلگە زىيا بولدۇڭ
كىتابۇللانى سۆيگەننىڭ كۆزىگە تۇتىيا بولدۇڭ
تۈمەن دىلدىن سالام ئۇستاز تەشەككۈرلەردە ئاجىز بىز
مۇكاپاتىڭنى جەننەتتە ئۇشۇل ھەقتىن ئالار بولدۇڭ
ۋەتەن ئەلگە ئىلىپ كەلگەن شەرەپ شانىڭ ئۈچۈن رەھمەت
دىدىڭ قىلسام يەنە خىزمەت بۇ ئارمانىڭغا مىڭ رەھمەت
ئاتالدىڭ ئەمدى ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى سالىھ دەپ
ئاتاڭغا تەربىيەتچىڭگە بۇ چىندىلدىن تۈمەن رەھمەت
2013-6-23
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-8-6 14:50):
بۇشرا چۈش تەبىر تورى |
|