ئەلكۈيى تورىدىن روزى ھېيتلىق سوۋغات:ئەلكۈيى مىكرو بلوگى ئالما يانفۇنى،ئاندروئىد يانفۇنى ۋە ئايپەد قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىدىغان يانفۇن ئەپ دىتالى ئېلان قىلىندى

ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ۋە مۆھتىرەم تورداشلار،قەدىرلىك مۇنبەر ئەھلى،ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغان روزى ھېيتىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن مۇبارەكلەيمىز ۋە رۇزى ھېيىتنى خۇشال خوراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشۈڭلارغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز!
ئەلكۈيى تورى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ روزى ھېيتىنى تەبرىكلەش ۋە تورىمىزدىن روزى ھېيتلىق سوۋغاتلىرىمىزنىڭ بېرى سۈپىتىدە 2011-يىلى ئۇيغۇرلاردا تۇنجى بولۇپ بارلىققا كەلگەن ئانا تىلىمىزدىكى مىكرو بلوگ ئەلكۈيى مىكرو بلوگىنىڭ ئالما يانفۇنى ، ئاندىروئىد يانفۇنى ۋە ئايپەد قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان ئەلكۈيى مىكرو بلوگى يانفۇن ئەپ دىتالىنى ئېلان قىلدۇق ۋە بارلىق تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندۇق.بۇ ئەلۋەتتە ھەممەيلەننى خۇشال قىلىدىغان،ئانا تىلىمىزنىڭ ھوزۇرىنى ئۆزىمىزنىڭ قولىدىكى يانفۇن ئارقىلىق ئەلكۈيى مىكرو بلوگى ئەپ دىتالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىدىغان بىر كاتتا خۇشاللىق ئىش بولۇپ،سىزنىڭ يانفۇنىڭىز مەيلى ئۇيغۇرچە يېزىقنى قوللىسۇن،قوللىمىسۇن ئەلكۈيى مىكرو بلوگى يانفۇن ئەپلىرىنى يانفۇنىڭىزغا قاچىلىسىڭىز تولۇق ئۇيغۇرچە بولغان مەزمۇنلارنى كۆرۈش،ئەلكۈيى مىكرو بلوگىنى ئىشلىتىش،مىكرو بلوگ يوللاش،ئىنكاس يوللاش،باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىش شۇنداقلا ئەتراپىڭىزدىكى يېڭىلىقلاردىن دوستلىرىڭىزنى خەۋەردار قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.ئەلۋەتتە مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالارمۇ مىكرو بلوگ ئەپ دىتالىنى تېلىفۇنغا چۈشۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ ئەزالىق نامى ئارقىلىق بىۋاستە ھالدا يانفۇنىدا ئەلكۈيى مىكرو بلوگىغا چىقىپ باشقا بلوگداشلارغا ئوخشاشلا ھەممە مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدۇ.تەپسىلاتىنى بۇيەرنى بېسىپ كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ
http://alkuyi.cn/app

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى تور ئادرېسى:http://alkuyi.cn/
مىكرو بلوگ نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان يېڭىچە تارقىتىش ۋاسىتىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرىدىن تارتىپ ئاددى پۇقرالارغىچە ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىۋاتقان بىر قۇلايلىق تور ۋاستىسى.سىز ئەلكۈيى مىكرو بلوگىنى يانفۇن،كومپيۇتېر ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق خالىغان ۋاقىت ، خالىغان جايدا يېڭىلاپ ،مەزمۇن يوللاپ شۇنداقلا دوستلىرىڭىزنىڭ ئەڭ يېڭى مىكرو بلوگىنى كۆرۈپ ،تورداشلار بىلەن ئالاقە قىلالايدىغان ياخشى سورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن ياقتۇرىشىڭىزغا ئېرىشەلەيسىز.
بىز ئەلكۈيى تورى نامىدىن بارلىق تورداشلارنىڭ يانفۇنلىرىغا ئەلكۈيى مىكرو بلوگى يانفۇن ئەپلىرىنى قاچىلىۋېلىشىنى،نۆۋەتتە ئاندىروئىد يانفۇنلىرىغا بىۋاستە قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ،ئالما ئەپ دۇكىنىغا دىتالىمىز يوللاندى،ئىككى ھەپتە ئىچىدە تەستىقلىنىدۇ،ناۋادا تۈرمىدىن قاچۇرغان ئالما يانفۇنى ياكى ئايپەد بولسا بىۋاستە ھالدا تورىمىزنىڭ چۈشۈرۈش بېتى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تۈرنى تاللاپ كومپيۇتېرى ئارقىلىق ئالما يانفۇنى ياكى ئايپەدكە قاچىلاپ ئىشلەتسە بۇلىدۇ.
ئاندروئىد يانفۇنغا چۆشۈرۈش
ئالما يانفۇنغا چۆشۈرۈش
ئايپەدكە چۆشۈرۈش
كەڭ تورداشلارنىڭ مىكرو بلوگىغا تورىمىزنىڭ روزى ھېيتلىق سوۋغىتى ئارقىلىق كەڭ - كۇششادە مەزمۇن يوللاپ،ئانا تىلنىڭ ھوزۇرىنى بىز تەمىنلىگەن سۇپا ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يانفۇنلىرىدىمۇ سۆرىشىنى ، پۈتۈن دۇنيادا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان بۇ ياخشى سۇپىدىن ئوبدان پايدىلىنىشىنى سورايمىز.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور بېكىتى
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى مىكرو بلوگى باشقۇرۇش بۆلۈمى
2013-يىلى تومۇز ئېيىنىڭ 5 -كۈنى